تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

2035 - يىلى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ پۇختا ئاساس سېلىش

​− «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى خاتىرە

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

«ماقۇللاندى!»

2026 - يىلى 3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، خەلق سارىيى.

14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىدا خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى.

پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللاشتىن 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىدا «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشقىچە، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئىرادىسىگە ئايلاندى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۈز مىليونلىغان خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ۋەزىيەتكە قاراپ ئىلگىرىلەش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى بىر مۇساپىسىدىكى ھەرىكەت پىروگراممىسىغا ئايلاندى.

ھەيۋەتلىك قەلەم بىلەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسى پۈتۈلۈشكە باشلىدى −

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق ھەممە بىر مەقسەتتە بولۇپ، غەيرەت - شىجائەتكە تولۇپ، بىر ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرساق، جەزمەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ پۇختا ئاساس سېلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېپيېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتالايمىز.

رول تۇتۇپ يول باشلاپ، ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈش

70 نەچچە مىڭ خەت، 18 قىسىم، 62 باب − «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى»نى ۋاراقلاپ كۆرگەندە، جۇڭگونىڭ كەلگۈسى بەش يىلدىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي مەنزىرىسىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ.

«جۇڭگو 2035 - يىللىق ئۇلۇغۋار نىشانغا قاراپ ئاچقۇچلۇق قەدەم تاشلىدى.» مەملىكەت سىرتىدىكى كۆزەتكۈچى زاتلار شۇنداق باھا بەردى.

سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش پەلەمپەيسىمان تەدرىجىي ئىلگىرىلەيدىغان، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلەيدىغان تارىخىي جەريان. «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان بەش يىللىق يىرىك پىلان.

باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «<15 - بەش يىل> مەزگىلى ئاساسنى پۇختىلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل، <15 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلاننى ياخشى تۈزگەندە ۋە ياخشى يولغا قويغاندا، 2035 - يىلى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ پۇختا ئاساس سالغىلى بولىدۇ.»

يېڭى ئاچقۇچلۇق باسقۇچتا، دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشى، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى، تارىخنىڭ ئۆزگىرىشى ئالدىدا، قانداق قىلغاندا ئۆزگىرىشنى تونۇش، ئۆزگىرىشكە ماسلىشىش جەريانىدا ئۇلۇغۋار ئىشلارنى سىجىل ئالغا سىلجىتقىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا بەش يىللىق يىرىك پىلان تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ باسقۇچلۇق نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالغىلى بولىدۇ؟

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تارىخىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، تەرەققىيات يولىدىكى پەيت بىلەن ۋەزىيەت، خەۋپ بىلەن پۇرسەتنى ئىلمىي كۆزىتىپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى جۇڭگو ناملىق غايەت زور پاراخوت ئۈچۈن رول تۇتۇپ يول باشلىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ھۆججىتىنى تەييارلاش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقلىقىنى ئۆزى ئۈستىگە ئالدى. يىرىك پىلان تەكلىپىدىن يىرىك پىلان پىروگراممىسىغىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى پىلانلاپ، ئۆزى يېتەكچىلىك قىلىپ، مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ - يوليورۇق بېرىپ، مۇھىم مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلدى.

پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، گوۋۇيۈەن «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان «پىروگرامما لايىھەسى»نى تۈزۈش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ۋە تەييارلاش گۇرۇپپىسىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، ئالدىنقى باسقۇچلۇق زور مىقداردىكى خىزمەتلەر ئاساسىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يىرىك پىلان تەكلىپىنىڭ روھىغا ئومۇميۈزلۈك ئۆلچەم بويىچە، تەلەپ بويىچە توغرىلىنىپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشانى ھەم مۇھىم ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىقدارلاشتۇرۇپ، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى لايىھەسىنى تەييارلاپ شەكىللەندۈردى. پىروگرامما لايىھەسىدە «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، يىرىك پىلان تەكلىپىدە ئايدىڭلاشتۇرۇلغان چوڭ يۆنىلىش، زور ئىستراتېگىيە كەلگۈسى تەرەققىياتتىكى نىشان، كۆرسەتكۈچ، مۇھىم ۋەزىپە، تەدبىر ۋە چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە ئايلاندۇرۇلۇپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئېنىق يول ئورۇنلاشتۇرۇشى سۈرەتلەپ بېرىلدى.

بۇ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش، داۋاملىق كۈرەش قىلىشنىڭ ھەرىكەت كۆرسەتمىسى −

«بەش يىللىق يىرىك پىلاننى ئىلمىي تۈزۈش ۋە داۋاملىق يولغا قويۇش پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى بىر مۇھىم تەجرىبىسى، شۇنداقلا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ بىر مۇھىم سىياسىي ئەۋزەللىكى» باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ شۇنداق كۆرسەتتى.

1 - بەش يىللىق پىلاندىن 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلانغىچە، دۆلىتىمىزنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئىزچىل باش تېما بولۇپ كەلدى. ئۇزاق مەزگىللىك ئىستراتېگىيەلىك نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، ھەرقايسى باسقۇچلاردىكى گەۋدىلىك زىددىيەت، مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەر داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغۋار زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى تېپىپ چىقىپ، دۇنيادا ئاز كۆرۈلىدىغان ئىقتىساد تېز تەرەققىي قىلىش مۆجىزىسى ۋە جەمئىيەت ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇش مۆجىزىسىنى ياراتتى.

قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە، دۆلىتىمىز «14 - بەش يىل» «15 - بەش يىل» «16 - بەش يىل»دىن ئىبارەت 3 بەش يىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، 2035 - يىلىغا بارغاندا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇپ، «ئىككى قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىدىكى بىرىنچى قەدەمنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. «15 - بەش يىل» دەل ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان ئاچقۇچلۇق بەش يىل.

«15 - بەش يىل»غا يۈزلىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سالدى: «بۇ ۋاقىت كۆزنىكىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەۋزەللىكلەرنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، بوغما ھالەت چەكلىمىسىنى تۈگىتىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، كەسكىن خەلقئارا رىقابەتتە ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئومۇملۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەردە زور بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.»

بۇ، پۇرسەت ۋە ۋەزىيەتكە ئاساسەن، ئۆزگىرىش داۋامىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما −

«15 - بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇھىتى چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىشكە دۇچ كېلىدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت بىلەن خەۋپ - خەتەر، خىرىس تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان، ئېنىقسىز، مۆلچەرلىگۈسىز ئامىللار كۆپىيىۋاتقان مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسى مۇقىم، ئەۋزەللىكى كۆپ، ئەۋرىشىملىكى كۈچلۈك، يوشۇرۇن ئىقتىدارى زور، ئۇزاق مەزگىللىك يۈكسىلىشكە تىرەك بولىدىغان شارائىت ۋە ئاساسىي يۈزلىنىش ئۆزگەرمىدى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكى، پەۋقۇلئاددە زور كۆلەملىك بازار ئەۋزەللىكى، مۇكەممەل كەسىپ سىستېمىسى ئەۋزەللىكى، مول ئىختىساسلىقلار بايلىقى ئەۋزەللىكى تېخىمۇ گەۋدىلەنمەكتە.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى لايىھەسىنى تۈزۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

«14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان بىلەن تومۇرداش بولۇپ، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش داۋاملىق تۈردە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ باش تېمىسى قىلىپ بېكىتىلدى.

دىققەت مەركىزىي ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈلدى: يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ، تەرەققىيات ئېڭىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى باش تېما قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى زورايتىش، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ زور بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش بىلەن مىقدارىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش.

ئومۇملۇق تەپەككۇرىغا ئەھمىيەت بېرىلدى: «15 - بەش يىل»لىق تەرەققىيات تۇرۇۋاتقان تارىخىي ئورۇننى دەل جايىدا ئىگىلەپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىيەتنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ئېھتىماللىقى بولغان تاشقى زەربىنى تولۇق مۆلچەرلەپ، تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەپ، تەرەققىيات تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلەش.

خەلق تۇرمۇشى يۆنىلىشى كۈچەيتىلدى: خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ھەرقايسى تەرەپلەر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ سىياسەت - تەدبىرلەرنى پىلانلاپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئاتلىنىپ، ئامما ۋە كارخانىلارنى ھېس قىلىش ۋە مەنپەئەتلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش. پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشقا قاراپ پۇختا قەدەم تاشلىشى «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى بىر ئومۇمىي تەلەپ.

ئومۇملۇقنى قەلبكە پۈكۈپ، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، ئىستراتېگىيە جەھەتتە ئىرادىنى ساقلاپ، تاكتىكا جەھەتتە كۆڭۈل قويۇپ پىلانلىدى. «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ ئېنىقلىقى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش ئۈچۈن پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىش ئەمەلىيەت ئاساسىنى پۇختىلىدى.

بۇ، تارىخىي قانۇنىيەتنى ئىگىلەپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشتىكى جانلىق ئەمەلىيەت −

«15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپى ۋە يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى تۈزۈش جەريانىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيەمىزنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈردى.

بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم سىياسىي ئەۋزەللىكىنى ئومۇميۈزلۈك بايان قىلدى ۋە چۈشەندۈردى: پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولۇش، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىشقا پايدىلىق بولۇش، ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىلەرنى ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئىگىلەشكە پايدىلىق بولۇش، ئىشلارنىڭ ئىزچىللىقىنى ساقلاشقا پايدىلىق بولۇش.

ئۇزاق مەزگىللىك ئەمەلىيەت داۋامىدا يارىتىلغان ۋە توپلانغان مول تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر يەكۈنلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش، كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەشتە چىڭ تۇرۇش، يىرىك پىلاننى قانۇندا بەلگىلەش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش قاتارلىقلار.

مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى گەۋدىلىك زىددىيەتلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى تۈزۈشتە پىكىر يولىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان تەرەققىيات ۋاسىتىسى ۋە خىزمەت تۇتقىسىنى پىلانلاپ ئوتتۇرىغا قويدى.

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى قۇۋۋىتىنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، ئۆسۈپ يېتىلىش خاراكتېرى كۈچلۈك، يېتەكلەش خاراكتېرى كۈچلۈك ساھەلەرنى چۆرىدەپ بىر تۈركۈم يېڭى كەسىپ، يېڭى مۇسابىقە يوللىرىنى بەرپا قىلدى؛ ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتىدا چىڭ تۇرۇپ، قۇدرەتلىك ئىچكى بازارنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قازدى؛ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چۆرىدەپ ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلدى؛ تاشقى ئىقتىساد - سودا ئەندىزىسىنى ئىستراتېگىيەلىك تەڭشەشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قانات يايدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئۆز ئالدىغا ئېچىۋېتىش، بىر تەرەپلىك ئېچىۋېتىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى؛ تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە خەلق رايىنى كەڭ دائىرىدە توپلاش

يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى تۈزۈشتە پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش ۋە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇردى، «جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىشى» جۇش ئۇرۇپ تۇرغان ھاياتىي كۈچنى نامايان قىلدى.

يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى خەلقتىن ئەقىل سوراشتا چىڭ تۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈش يىرىك پىلان تۈزۈشنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى.

«پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقىرىشتا، دېموكراتىيەنى كەڭ جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مەركەزلەشتۈرىدۇ. بۇ يەنە بىزنىڭ پارتىيەنىڭ مۇھىم ھۆججىتىنى تەييارلىشىمىزدىكى بىر مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبە» باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى شۇنداق تەكىتلىگەنىدى.

قانداق قىلىپ پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى دۆلەتنىڭ ئىرادىسى ۋە يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇش زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئومۇملۇقىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى.

2025 - يىلى 11 - ئايدا، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم تەكشۈرۈشتە بولغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جەنۇبقا قاراپ يولغا چىقتى، خەينەن، گۇاڭدۇڭغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولدى.

بۇ قېتىمقى سەپەردە، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى.» ئۇ ھەرقايسى جايلارنىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش خىزمىتىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى، ئىقتىسادى كۈچلۈك ئۆلكە ۋە تەرەققىي تاپقان رايون بولغان گۇاڭدۇڭ «يۇقىرى يۈكسەكلىككە، چوڭ ئەندىزىگە ئىگە بولۇشى كېرەك» «كەڭ كادىرلار ۋە ئاممىنى ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈشكە يېتەكلىشى كېرەك» دەپ تاپىلىدى.

2025 - يىلى 12 - ئايدا ئېچىلغان مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا، دۆلەت ۋە يەرلىكنىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانى ھەم مەخسۇس يىرىك پىلانىنى تۈزۈشكە قارىتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى: «بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، گىرەلەشكەن، تەكرارلانغان، ئەمەلىي ئۈنۈمى كەمچىل بولغان يىرىك پىلان تۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئىخچاملاپ، ئەلالاشتۇرۇپ، يىرىك پىلاننىڭ زىيادە كۆپ، زىيادە قالايمىقان بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. بارلىق يىرىك پىلاندا ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، ئەمەلىي بولغان، ساختىلىق بولمىغان ئېشىشقا ئىنتىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.»

سەمىمىي تاپشۇرۇق، سەمىمىي تەلىم بېرىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

2025 - يىلى 10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى يېپىلىپ ئەتىسى، گوۋۇيۈەن «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان «پىروگرامما لايىھەسى»نى تۈزۈش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، پىروگرامما لايىھەسىنى تۈزۈش داۋامىدا ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

چوڭقۇر، ئىنچىكە تەتقىق قىلىپ، ئىلمىي دەلىللىدى. دىققەتنى «15 - بەش يىل»لىق تەرەققىياتتىكى نۇقتىلىق ساھە ۋە قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنى تەشكىللەپ، 200 پارچىگە يېقىن تىرەك دوكلاتنى شەكىللەندۈردى، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئاساسلىق نىشان - كۆرسەتكۈچ، مۇھىم ۋەزىپە - تەدبىرلەرنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، چوڭقۇر ھېسابلاپ چىقتى. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلارنى چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى سىستېمىلىق پىلانلاپ، تۈرنىڭ زۆرۈرلۈكى، مۇمكىنچىلىكىنى كۆپ قېتىم دەلىللەشكە تەشكىللىدى.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى كەڭ دائىرىدە توپلىدى. 50 نەچچە مەيدان سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، پۇقراۋى كارخانىلار، مۇتەخەسسىس - ئالىملار، بىرىنچى سەپتىكى خىزمەتچىلەر ۋە ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى، شەرقىي، ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم ۋە شەرقىي شىمالدىكى تىپىك رايونلارغا بېرىپ 40 نەچچە قېتىم نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتىنى مەسلىھەت بېرىش، دەلىللەشكە تەشكىللىدى، جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ توردا ئەقىل - تەدبىر سوراشنى قانات يايدۇرۇپ، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار، ياشلار، دېھقان ئىشلەمچىلەر، مېيىپلەر قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپى ھەمدە كارخانىلارنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى تولۇق ئاڭلاپ ئۆتتى، 70 مىڭغا يېقىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەكلىپنى تۈرگە ئايرىپ جەملەپ، ماددىمۇماددا تەھلىل قىلىپ، تەتقىق قىلىپ قوبۇل قىلدى، ھەقىقىي تۈردە جەمئىيەتنىڭ ئارزۇسى، ئاممىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرى، ئاساسىي قاتلامنىڭ تەجرىبىلىرىنى «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى تۈزۈش جەريانىدا تولۇق قوبۇل قىلدى.

2026 - يىلى 1 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، 1 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، 2 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، گوۋۇيۈەن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مۇتەخەسسىسلەر، كارخانىچىلار ۋە مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت - سەھىيە - تەنتەربىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ۋەكىللەر سۆھبەت يىغىنى، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنى ھەمدە ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە، يېزا تۆت دەرىجىلىك ھۆكۈمەتتىكى مەسئۇل يولداشلار ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى لايىھەسىگە پىكىر ئېلىش نۇسخىسى توغرىسىدىكى پىكىر - تەكلىپلەرنى ئاڭلاپ ئۆتۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ توپلىدى.

2 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، گوۋۇيۈەننىڭ 10 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنىڭ لايىھە نۇسخىسى مۇزاكىرە قىلىندى. يىغىندا يىللىق خىزمەت بىلەن بەش يىللىق يىرىك پىلاننى جىپسىلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك نىشان - ۋەزىپىلەرنى يىللىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئومۇمىي يىرىك پىلان بىلەن مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى چۆرىدەپ ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ مەخسۇس يىرىك پىلانىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تۈزۈپ، بىر تۈركۈم مۇھىم تەدبىر، چوڭ - چوڭ تۈرلەرنى چوڭقۇر پىلانلاپ يولغا قويۇش، بولۇپمۇ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى كۈچەيتىش، ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ زور بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك.

2 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا گوۋۇيۈەن 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىنىڭ تەكشۈرۈشىگە سۇنىدىغان «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنىڭ لايىھە نۇسخىسى مۇزاكىرە قىلىندى.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى لايىھەسىنى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنىنىڭ مۇزاكىرىسىگە سۇنۇش جەريانىدا، دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى توپلاپ، كەڭ دائىرىدە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى لايىھەسى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىنىڭ تەكشۈرۈشىگە سۇنۇلدى، دۆلەت تەرەققىيات يىرىك پىلانى قانۇنى لايىھەسى بىرلا ۋاقىتتا يىغىننىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلدى.

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «يىرىك پىلاننى تۈزۈش جەريانى يەنە پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى جارى قىلدۇرۇش جەريانى.»

ئەستايىدىل ئويلاندى، قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى. دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭىشىدىغان دېموكراتىك سەھنىدە، ھەربىرتوغرا تونۇش ۋە ئېنىق چۈشەنچە ئەڭ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قەلب ساداسىغا ۋەكىللىك قىلىپ، يىغىنغا سىرتتىن قاتناشقان گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ قولىغا يىغىلدى.

يىغىننىڭ يېپىلىش ھارپىسىدا، ۋەكىللەر، ئەزالارنىڭ تەكشۈرۈش، مۇزاكىرە قىلىش داۋامىدا ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلىرىگە ئاساسەن، تەييارلاش گۇرۇپپىسى «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى لايىھەسىنىڭ 48 يېرىگە تۈزىتىش كىرگۈزدى.

3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىدىن كەلگەن بىر پارچە رەھمەت خېتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، چۇڭچىڭ شيېجياۋەن مەكتىپى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ليۇ شىيانىڭ قولىغا يەتكۈزۈلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ قوبۇل قىلىنىپ، يىرىك پىلان پىروگراممىسىنىڭ 38 - باب 2 - بۆلىكىگە «كىچىك سىنىپلاشقان ئوقۇتۇشنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش» ئېنىق قوشۇلدى.

«ناھايىتى ھەيران قالدىم ۋە ھاياجانلاندىم، بۇ مەن ئۈچۈن قىممەتلىك بىر ئىلھام بولدى. ئىشىنىمەنكى، كىچىك سىنىپلاشقان ئوقۇتۇش بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ئېكولوگىيەسىنى تېخىمۇ ساغلاملاشتۇرىدۇ، مەنمۇ داۋاملىق خەلقنىڭ سۆزىنى بېيجىڭغا ئېلىپ بارىمەن، ئاندىن بۇ جاينىڭ جاۋابىنى خەلق ئارىسىغا ئېلىپ كېلىمەن» دېدى ۋەكىل ليۇ شىيا.

كەڭ كۆلەمدە پىكىر ئېلىپ خەلق رايىنى ئىگىلەشتىن ماددىمۇماددا تەتقىق قىلىپ قوبۇل قىلىشقىچە، ئاساسىي قاتلامدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، سۆھبەتلىشىشتىن مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا تەكشۈرۈپ مۇزاكىرە قىلىشقىچە، يىرىك پىلان تۈزۈشنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئۈچىنىڭ ئورگانىك بىرلىكىنىڭ ئەمەلىيەت لوگىكىسى ئېنىق نامايان قىلىندى. بۇ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلان سىستېمىسىنىڭ روشەن خىسلىتى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنىڭ جانلىق ئىپادىسى.

ۋەزىيەتكە قاراپ ئىلگىرىلەپ، دەۋر يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈش

3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق بايان قىلدى ۋە چۈشەندۈردى: «بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈپ يولغا قويۇش دۆلەتنىڭ تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم تەجرىبىسى. يىرىك پىلاننى ياخشى تۈزۈش كېرەك، يەنە ئىجرا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ياخشى يىرىك پىلان بىلەن ئىجرا قىلىش كۈچىدىن ئىبارەت بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك.»

20 تۈرلۈك ئاساسلىق كۆرسەتكۈچ، 16 جەھەتتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە، 109 تۈرلۈك چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇش تۈرى... «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى ئارقىلىق، چوڭ دۆلەتنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغۋار ئارزۇسى ھەربىر ھېس قىلغىلى، بىلگىلى بولىدىغان «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى» ۋە «ئاچقۇچلۇق كىچىك ئىشلار»دا پۇختا ئەمەلىيلىشىپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلىشىپ، ئەمەلىي يولغا قويۇشقا بولىدىغان يول خەرىتىسى ۋە قۇرۇلۇش خەرىتىسىگە ئايلاندى.

دىققەتنى ئاچقۇچلۇق ھالقىلار ۋە مۇھىم ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ سىجىل كۈچىدى −

«15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىم تەكشۈرۈشتە بولغاندا بېيجىڭ يىجۇاڭغا جايلاشقان دۆلەت ئۇچۇر تېخنىكىسىنى ئەمەلىي قوللىنىش - يېڭىلىق يارىتىش كەسىپلەر باغچىسىغا كېلىپ، ئۇچۇر تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئەمەلىي قوللىنىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى؛ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە، دىققەت كېلەچەك كەسىپلەرنى ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈلدى.

ئىككى «تۇنجى قېتىم» زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى تېزلىتىشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى گەۋدىلەندۈردى.

«15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا، «زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئەمەلىي ئىقتىساد ئۇلىنى مۇستەھكەملەش ۋە زورايتىش» «يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش» «رەقەملىك جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، رەقەملەشكەن، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش»تىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدا قاراتمىلىققا ئىگە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، مەيلى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا بولسۇن ياكى سىياسىي كېڭەشنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشقاندا بولسۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ بىر قاتار ئاچقۇچلۇق ۋەزىپىلەر توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى.

ئەمەلىي ئىقتىساد ئۈستىدە توختالغاندا مۇنداق دېدى: «جۇڭگو شۇنچە چوڭ، بىز جەزمەن ئەمەلىي ئىقتىساد بىلەن شۇغۇللىنىشىمىز كېرەك، بىر تەرەپ، بىر ساھەمۇ كەم بولسا بولمايدۇ. ئاشلىققا ئوخشاش، جۇڭگو قاچىسىغا جەزمەن جۇڭگو ئاشلىقىنى قاچىلىشىمىز، جەزمەن ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ ئىش كۆرۈشىمىز كېرەك.»

يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئۈستىدە توختالغاندا مۇنداق دېدى: «ھازىر ئېشىۋاتقىنى قاتتىق ئەمەلىي كۈچ، ئىنتىلىدىغىنىمىز يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش. ئۈزلۈكسىز تۈردە تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ يېڭىلاش ئارقىلىق، قەدەممۇقەدەم يۇقىرىغا قاراپ مېڭىش كېرەك.»

پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە توختالغاندا مۇنداق دېدى: «ھازىر بىز ئىستراتېگىيە جەھەتتىكى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى تېخىمۇ كۆپ ھەل قىلىشىمىز، <سوراپ ئالغىلى، سېتىۋالغىلى، ئۆتۈنۈپ ئالغىلى بولماسلىق> مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىمىز كېرەك. پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىدا ھەممە تەرەپكە تەڭ ئېتىبار بېرىپ كەتكىلى بولمايدۇ، قىلىدىغاننى قىلىش، قىلمايدىغاننى قىلماسلىق كېرەك. <قىلىدىغاننى قىلىش>تا مەسىلە يۆنىلىشى، ئېھتىياج يۆنىلىشى جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، نۆۋەتتىكى جىددىي ئىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك.»

ئاساس پۇختىلاندى، ئومۇميۈزلۈك كۈچ چىقىرىلدى، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرى دەل جايىدا ئىگىلىنىپ، بىر قاتار مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەر پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش خىراجىتى سېلىنمىسى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %7تىن كۆپرەك ئېشىپ، 2030 - يىلىغا بارغاندا رەقەملىك ئىقتىساد يادرولۇق كەسپى قوشۇلما قىممىتىنىڭ GDPدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %12.5كە ئۆستۈرۈلىدۇ؛ يېڭى كەسىپ، يېڭى مۇسابىقە يولىنى يېتىلدۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇش ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، كىۋانت پەن - تېخنىكىسى، تىزگىنلىگىلى بولىدىغان يادرو بىرىكىش رېئاكسىيەسى قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى پەن - تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +» ھەرىكىتى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدۇ... دىققەت زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا يول خەرىتىسى ئېنىق سۈرەتلەپ چىقىلدى؛

قۇدرەتلىك ئىچكى بازار بەرپا قىلىش، يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى تېز بەرپا قىلىش، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش... بۇ بىر قاتار ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلاردا كۆزدە تۇتۇلغىنى خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش بىلەن ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈشنى، نەرسىگە مەبلەغ سېلىش بىلەن ئادەمگە مەبلەغ سېلىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا ئايلىنىشنى كېڭەيتىش ئارقىلىق دۆلەت ئىچىدىكى ئىسلاھات - تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش بولدى.

تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئاممىۋى خەۋپسىزلىكنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشى ئالغا سىلجىتىلىدۇ؛

ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرما قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىلىپ، پۇختا، سىستېمىلىق ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، ئۇزاق كەلگۈسىنى پىلانلاش داۋامىدا كەلگۈسىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان تەرەققىيات يېڭى ئەۋزەللىكى يارىتىلىدۇ.

خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتىن ئىبارەت قىممەت يۈزلىنىشى نامايان قىلىندى −

3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ سىياسىي كېڭەش بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشقاندا چوڭقۇر قاتلاملىق ئويلىنىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى: «2035 - يىلىغا بارغاندا ساغلام جۇڭگو قۇرۇپ چىقىش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان بىر تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر. <15 - بەش يىل> بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىل، جەزمەن بىرتۇتاش پىلانلاپ، تېز ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.»

جايلارنىڭ «ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشى»گە ئىلھام بېرىپ، «تور سىرتىدىكى سەھىيە - ساغلاملىق ئاساسىنى يەنىلا پۇختىلاش كېرەك» «يېزىلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىكىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مائارىپنى تۇتۇش، ناچار ئۆرپ - ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى تۇتۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى... مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، دىققەت خەلق ئاممىسى كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بەردى.

بەش يىللىق يىرىك پىلان «دۆلەت ئىشى»، شۇنداقلا «ئائىلە ئىشى».

ئەمگەك يېشىدىكى ئاھالىنىڭ ئوتتۇرىچە تەربىيەلىنىش قەرەلى 11.7 يىلغا ئۇزارتىلىدۇ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىدىكى پەرۋىش كارىۋىتى نىسبىتى %73كە ئۆستۈرۈلىدۇ، ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمۈر 80 ياشقا يەتكۈزۈلىدۇ... «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا بېكىتىلگەن 20 تۈرلۈك كۆرسەتكۈچ ئىچىدە، خەلق تۇرمۇشى كۆرسەتكۈچىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئۈچتىن بىر قىسىمدىن ئېشىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىم، مائارىپ، ساغلاملىق، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، ھاۋالىلىك بېقىش قاتارلىق خەلق ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا دائىر ھالقىلىق ساھەلەرنى قاپلىدى.

تۇغۇت سۆيەر جەمئىيەت بەرپا قىلىنىدۇ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپ ياخشى يولغا قويۇلىدۇ، ساغلام جۇڭگو بەرپا قىلىش تېزلىتىلىدۇ، ياشانغانلار كۆپىيىشكە پائال ھازىرلىق كۆرۈلىدۇ؛ ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، سىغىمنى كېڭەيتىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى، شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش پىلانى، ئىجتىمائىي غەمخورلۇق مۇلازىمىتىنى ئۆستۈرۈش يولغا قويۇلىدۇ... نوپۇسنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشقىچە، بىر قاتار ئەمەلىي تەدبىرلەردە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، خەلق تۇرمۇشى كاپالىتى «بار بولۇش»تىن «ئەلا بولۇش»قا قاراپ ئۈزلۈكسىز دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەندى.

يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يولغا قويۇش كۈچەيتىلدى −

3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىدا دۆلەت تەرەققىيات يىرىك پىلانى قانۇنى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى. دۆلەتنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈشنى قېلىپلاشتۇرىدىغان، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى يولغا قويۇشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان تۈپ قانۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ قانۇن دۆلەت تەرەققىيات يىرىك پىلانىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

يىرىك پىلاننىڭ جېنى ئىجرا قىلىشتا.

«15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشنى پۈتۈن دەۋرىيلىك ئالغا سىلجىتىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش مەخسۇس باب بويىچە ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، دۆلەت تەرەققىيات يىرىك پىلانى قانۇنىنى يولغا قويۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاپ، تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى كۈچلۈك، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش تەكىتلەندى.

ھازىر، پۈتۈن پارتىيەدە توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلۇۋاتىدۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تاپىلىدى: «پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش قانچە ئۈنۈملۈك بولسا، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى كاپالەتلەندۈرۈش شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ» «ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلققە بەخت يارىتىش، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش ئومۇمىي تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئەستايىدىل ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشقا يېتەكلەپ، تىرىشىپ ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى يارىتىش كېرەك».

ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈلدى، يۈز مىليونلىغان خەلق مىسلىسىز تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھى، تارىخىي ئىجادكارلىق روھىنى ئۇرغۇتۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغۋار نىشانىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشقا قاراپ باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە.

(مۇخبىرلار ئەن بېي، ۋېي يۈكۇن، ليۇ خۇي، ۋاڭ يۈخاۋ، لى شياۋتىڭ)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.