□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن
«روزا ھېيتتىكى ناشتىلىق ھەمىشە ھاياجانغا سالىدۇ ھەم ئويلاپ باقمىغان خۇشاللىقلارغا تولغان بولىدۇ. كىشىلەر سىرتقا چىقىشتىن بۇرۇن يېڭى كىيىملىرىنى كىيىدۇ، تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ ھېيتلايدۇ، مېھمان بولىدۇ، سىرتتا ئىشلەۋاتقانلارمۇ شۇ كۈنى يۇرتىغا قايتىدۇ...» 3 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، خۇياڭخې شەھىرى 130 - تۇەن ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئەنسەر ھۈسەنجان سالام خەت قەغىزىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئېچىپ، نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جياڭسۇ ئۆلكىسى خۇەييىن ئوتتۇرا مەكتىپى كەيمىڭ شۆبە مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ۋاڭ يىشياڭغا خەت يېزىپ، روزا ھېيتلىق ئۆرپ - ئادەتلەرنى تونۇشتۇردى.
بۇ ئەنسەرنىڭ ۋاڭ يىشياڭغا يازغان 2 - پارچە خېتى. 2025 - يىلىدىن باشلاپ، خۇەيئەن شەھىرى بىلەن خۇياڭخې شەھىرىدىن ئىبارەت ئىككى جايدىكى ياش - ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا قانات يايدۇرۇلغان «خەت - چەك ئارقىلىق تۈمەن چاقىرىم يىراقلىقتىن چىن ھېسسىياتنى يوللاش» قول تۇتۇشۇپ خەت يېزىشىپ دوستلىشىش پائالىيىتىدە ئەنسەر بىلەن ۋاڭ يىشياڭ چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى.
بۇ قېتىمقى خەت يېزىپ دوستلىشىش پائالىيىتى خۇياڭخې شەھىرىدىكى 17 ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلىنى قاپلىدى، خۇەيئەن شەھىرىدىكى 16 ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلى بىلەن دەل جايىدا قوشماقلىشىپ، «بىرگە بىر» ياكى «بىرگە كۆپ» خەت يېزىپ دوستلىشىش بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى شەكىللەندى.
بىر پارچە سالام خەتكە ئۆزئارا يىراق ئىككى جايدىكى قاينام - تاشقىنلىق، شۇنداقلا ئۆسمۈرلەرنىڭ ساپ سېغىنىشى مۇجەسسەملەنگەن. خۇياڭخې شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، خۇەيئەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ شىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ خەت يېزىپ دوستلىشىش پائالىيىتى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى مۇھىم ۋاسىتە، پائالىيەتتە شىنجاڭ - جياڭسۇ ئىككى جايدىكى ياش - ئۆسمۈرلەر ھەربىر پارچە خەت ئالاقىسى ئارقىلىق چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دوستلۇق مېھرىنى كۈچەيتتى.
خۇياڭخې شەھەرلىك 130 - تۇەن ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى سەبىرە ئوسمان خېتىدە يۇرتىدىكى خۇش پۇراق ھىدلار ۋە تاتلىق تەملەرنى خۇەيئەن ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى كەيمىڭ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى جۇاڭ زىشۈەنگە تەپسىلىي سۆزلەپ بەردى: «ئەمدىلا پىشقان سامسىنى بىر چىشلىسىڭىز چۈرۈكلۈكىدىن ئۇۋۇلۇپ تۇرىدۇ، قوي گۆشى بىلەن پىيازنىڭ مەززىلىك تەمى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە تىلىڭىزدا قالىدۇ؛ پارقىراپ تۇرغان پولۇ تاتلىق سەۋزە ۋە يۇمشاق قوي گۆشى قوشۇلۇپ ئوخشىتىپ ئېتىلگەن بولۇپ، ھەربىر قوشۇق يېگەندە تەمى تىلىڭىزدا قالىدۇ؛ كەچلىك بازاردىكى يېغى تامچىپ تۇرغان قوي گۆشى كاۋىپىغا زىرە، لازا ئۇنى سېپىلغاندا، مەززىلىك پۇرىقى پۈتۈن كوچىنى قاپلايدۇ. يەنە تولىمۇ تاتلىق ئۈزۈم، چۈرۈك، شىرنىلىك قوغۇن بار، ئۇلارغا شىنجاڭدىكى كۈچلۈك ۋە ئىللىق قۇياش نۇرى سىڭگەن.»
خەتنى تاپشۇرۇۋالغان ۋاقىت دەل خۇەيئەندە گۇيخۇا گۈللىرى ئېچىلىپ خۇش پۇراق چاچقان مەزگىل ئىدى. جۇاڭ زىشۈەن جاۋاب خېتىدە شۈيىدىكى مەززىلىك تەملەر، خۇەيئەندىكى جەزبىدارلىقنى جانلىق سۈرەتلەپ: «كوچا - كويلارنىڭ ھەممىسى گۇيخۇا گۈلىنىڭ خۇش پۇرىقى بىلەن تولدى، مەن سىز دېگەن شىنجاڭ مەززىلىك تائاملىرىنى ئەسلەپ، ئىختىيارسىز سىزگە شۈيى لۇڭشيا راكىنى سۆزلەپ بەرگۈم كەلدى: قىزىل ھەم پارقىراق راك قاسرىقى بىلەن ئورالغان قويۇق سامساق قىيامى تەملىك ھەم مەززىلىك، سىز دېگەن سامسا بىلەن سېلىشتۇرغاندا، قايسىسى سىزدە تېخىمۇ ئۇنتۇلغۇسىز تەسىر قالدۇرار؟» دەپ يازدى. سەبىرەنىڭ فىزىكا ئۆگىنىشتە قىيىنىلىۋاتقانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، جۇاڭ زىشۈەن يەنە ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى سەمىمىي بەھرىلەپ، ئۇنى قائىدىنى چۈشىنىش، جانلىق پىكىر يۈرگۈزۈشكە ئىلھاملاندۇردى، ھەربىر جۈملە خەتكە سەمىمىي كۆڭۈل بۆلۈش لىققىدە مۇجەسسەملەنگەنىدى.
خۇياڭخې شەھەرلىك 130 - تۇەن ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى نۇربىيەم ئابدۇراخمان شىنجاڭنىڭ بىپايان ۋە ھەيۋەتلىك، گۈزەل مەنزىرىسىنى خۇەيئەن ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى كەيمىڭ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى جوۋ موغا يازغان سالام خېتىگە يۇغۇردى: «سىز <ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر تامچە يېشى>نى كۆرگەنمۇ؟ سايرام كۆلىنىڭ كۆپكۆك سۈيى خۇددى ئاسماننىڭ رەڭگىدە بويالغاندەك سۈزۈك بولۇپ، شامال كۆل يۈزىنى سىيپاپ ئۆتكەندە، دولقۇنلار ئارىسىدا نۇرلار جىمىرلاپ، خۇددى يۇلتۇزلارنى چېچىۋەتكەندەك كۆرۈنىدۇ. پامىر ئېگىزلىكىدىكى قارلىق تاغلار ئېگىز - پەس تۇتىشىپ تۇرىدۇ، چوققىلاردىكى ئاپئاق قارلار قۇياش نۇرىدا چاقناپ تۇرىدۇ، تاغ ئېتىكىدە تۇرۇپ قارىسىڭىز، كۆڭلىڭىز باشقىچە ئېچىلىپ قالىدۇ. يەنە قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى تار كوچىلار، توپا رەڭ خىش تاملار، نەقىشلىك ياغاچ ئىشىكلەر بار، ئارىلاپ تەمبۇر ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ، ۋاقىت خۇددى بۇ جايدا ئاستىلاپ قالغاندەك تۇيۇلىدۇ.»
جوۋ مونىڭ جاۋاب خېتىدە خۇەيئەننىڭ قەدىمىي قىياپىتى ۋە ھارارىتى تولۇق ئىپادىلەنگەنىدى: «خۇەيئەن كېمە ھەيدەشكە ماھىر جەنۇبلۇقلار بىلەن ئات مىنىشكە ئۇستا شىماللىقلار ئۇچرىشىدىغان جاي، قانال مەدەنىيەت تومۇرى جۇغلانغان جاي. بۇ جاينىڭ شامىلى مىڭ يىللىق سۇ يولى قاتنىشىنىڭ توغان ئېغىزىنى سىيپاپ ئۆتىدۇ؛ بۇ جاينىڭ ھىدى دەل خۇەيياڭ قورۇمىلىرىدا مىڭ يىلدىن بۇيان تارقىلىپ كەلگەن تاڭ - سۇڭ سۇلالىرىدىكى جەزبىدارلىقتۇر. چىڭيەنيۈەننىڭ گىرىمسەن سۇ مەنزىرىسى، خېشيا قەدىمىي بازىرىدىكى ئاق تام، قارا كاھىش، ۋۇ چېڭئېننىڭ قەلىمى ئاستىدىكى ئاجايىپ - غارايىپ دۇنيا، ھەربىر قەدەم ماڭسىڭىز بىر بۆلەك تارىخنى ھېس قىلالايسىز. كۈنلەرنىڭ بىرىدە، قەدىمىي بازاردىكى كوچىلاردا بىللە مېڭىپ سەيلە قىلىپ، شياۋلۇڭشيا راكىنى چاسەن يېمەكلىكىگە قوشۇپ تېتىپ بېقىشنى، ۋاقىتنىڭ ھارارىتىنى ھېس قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.»
قەلەم بىلەن سىياھ ھېسسىياتنى يەتكۈزدى، ئۇرۇق چوڭقۇر يىلتىز تارتتى. خۇياڭخې شەھەرلىك 1 - باشلانغۇچ مەكتەپ، خۇياڭخې شەھەرلىك 130 - تۇەن ئوتتۇرا مەكتىپى بىلەن بىرلەشمە دوستلۇق ئورنىتىش ئارقىلىق خۇەيئەن شەھەرلىك شىنئەن باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى 120 پارچىدىن ئارتۇق خەت تاپشۇرۇۋالدى. نۆۋەتتە، شىنئەن باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى خۇياڭخې شەھەرلىك 130 - تۇەن ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا 60 پارچىدىن ئارتۇق جاۋاب خەت يازدى، يېقىنقى بىرنەچچە كۈندە خۇياڭخې شەھەرلىك 1 - باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا جاۋاب خەت يېزىۋاتىدۇ. «ھەربىر پارچە سالام خەت ئارقىلىق بالىلار قىسقا ئەمما چوڭقۇر مۇھەببەت ئىچىدە ۋەتەننىڭ گۈزەل تاغ - دەريالىرىنى ھېس قىلىپلا قالماي، يەنە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقى بالىلارنىڭ سەبىي قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتتى» دەپ بىلدۈردى خۇەيئەن شەھەرلىك شىنئەن باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئەخلاق تەربىيەسى مۇدىرى ۋۇ جىنجۈەن.
ھازىرغىچە، نەچچە مىڭ كىلومېتىردىن ھالقىغان بۇ خەت ئالاقە كېلىشىمى خۇياڭخې شەھىرى بىلەن خۇەيئەن شەھىرىدىكى 3200 جۈپتىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى دوستلۇق ئورنىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، ئۆزئارا يېزىلغان خەت 6300 پارچىدىن ئاشتى. سىياھنىڭ خۇش ھىدىغا تولغان بۇ سالام خەتلەر ياش - ئۆسمۈرلەر ئارىسىدىكى مەززىلىك تائاملار، گۈزەل مەنزىرىلەردىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان «ياشلىق سالام خېتى» بولۇپلا قالماي، يەنە ھەر مىللەت ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىدىكى جانلىق گۇۋاھچى.






