تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىناق-گۈزەل يېزا-كەنت

رەڭدار تام رەسىملىرى يېزا-كەنتلەرگە ھۆسن قوشتى

تامدىكى رەڭلىك شار شەكلى ناھايىتى ئوبرازلىق چىققانىدى.

ساياھەتچى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى چۈشۈرۈلگەن تام رەسىمى ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

گۈللۈك قالپاق باش كىيىم تېمىسىدىكى مەدەنىيەت تېمى ئۆزگىچە ئۇسلۇبقا ئىگە بولۇپ، چىرايلىق گۈل نۇسخىلىرى بىلەن نەپىس بەدىئىي قۇرۇلما بىر-بىرىنى گەۋدىلەندۈرگەنىدى.

ئوماق كارتون پېرسوناژلىرىنىڭ ئوبرازى جانلىق، شوخ بولۇپ، يېزا-كەنتلەرگە بالىلارچە قىزىقىش ۋە ھاياتىي كۈچ قوشتى.

   3-ئاينىڭ 22-كۈنى، بورتالا شەھىرىنىڭ چىندېل بازىرى ئالۋېڭبەي يېڭى كەنتىدە، تۈپتۈز، رەتلىك كەنت يولى ھەممە ئائىلىلەرنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇپ تۇراتتى. كەنت يولى بويىدىكى تاملارغا ھەر خىل تېمىلاردىكى تام رەسىملىرى خۇددى راستتەكلا سىزىلغان بولۇپ، ھەربىر رەسىمدە سەھرا مەنزىرىسى ۋە مەدەنىيەت ئاساسى نامايان قىلىنغانىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالۋېڭبەي يېڭى كەنتى ياشاش مۇھىتىنى تۈزەش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، يوللارنى قاتتىقلاشتۇرۇش، يول چىراغلىرىنى يورۇتۇش، ھويلا-ئاراملارنى گۈزەللەشتۈرۈش قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى. كەنت خەلق ئۆرپ-ئادىتى خاسلىقىغا بىرلەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت تېمى، ئىستىراھەت كىچىك مەنزىرىسى ۋە خاس كوچىلارنى كۆڭۈل قويۇپ بەرپا قىلىپ، كەنت قىياپىتىنى يېڭى تۈسكە كىرگۈزۈپ، «گۈزەللىك قىممىتى» بىلەن ماھىيەتلىك مەزمۇننى ماس قەدەمدە ئۆستۈردى.

   شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ كەنت كەنتنىڭ گۈزەل ھالىتىگە تايىنىپ، ئىستىراھەت ساياھىتى، خاس ئائىلىۋى مېھمانخانا قاتارلىق كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «مەنزىرە»نى «ئىقتىساد»قا، گۈزەل يېزا-كەنتنى «خەزىنە»گە ئۆزگەرتىپ، ياخشى مەنزىرىلەرنى ھەقىقىي تۈردە كىرىمنى ئاشۇرۇش مەنزىرىسىگە ئايلاندۇردى.

(مەزمۇن/سۈرەت: مۇيەسسەر مەمەتئېلى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.