تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق . تۇرمۇش

كۈندە بىر رەددىيە | مېترو بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئەسۋابىنىڭ رادىياتسىيەسى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن؟

   بۇ، دائىم كۆرۈلىدىغان خاتا قاراش.

   توردا «ھامىلىدار ئاياللار مېترو بېكىتىگە كىرگەندە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئەسۋابىدىن ئىمكانقەدەر ئۆتمەسلىكى كېرەك، چۈنكى، ئۇنىڭ رادىياتسىيەسى ھامىلىنىڭ غەيرى بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» دېگەن گەپ-سۆزلەر تارقالدى. ئەمەلىيەتتە، بۇ بىر خىل دائىم كۆرۈلىدىغان خاتا قاراش.

   رادىياتسىيە ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ: بىر خىلى ئىيونسىز رادىياتسىيە، كومپىيۇتېر، يان تېلېفون، تېلېۋىزور، مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق، Wifi، رادىيو، دۇخۇپكا قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدىغىنىنىڭ ھەممىسى ئىيونسىز رادىياتسىيەدۇر. بۇ خىل رادىياتسىيە چاستوتىسى ئادەتتە نەچچە يۈز مېگاگېرتىستىن نەچچە مىڭ مېگاگېرتىس ئارىلىقىدا بولۇپ، ئېنېرگىيەسى ئادەتتە كۆرۈنىدىغان نۇردىن خېلىلا تۆۋەن، ئادەتتە بىردەك بىخەتەرلىك ئۆلچىمى دائىرىسىدە بولىدۇ؛ يەنە بىر خىلى ئىيونلۇق رادىياتسىيە، مەسىلەن، X نۇرى، CT قاتارلىقلار، بۇ خىل رادىياتسىيە يېتەرلىك يۇقىرى ئېنېرگىيەگە ئىگە بولۇپ، ئاتوم ۋە مولېكۇلىلارنى ئىيونلاشتۇرالايدۇ، بىئولوگىيەلىك بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىگە ئىگە.

   يولۇچىلار ئۆتىدىغان ئىشىك رامكىلىق بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئەسۋابى ماھىيەتتە مېتال تەكشۈرۈش ئەسۋابىدۇر. ئۇنىڭ خىزمەت پىرىنسىپى تۆۋەن چاستوتىلىق، ئاجىز سىجىللىقتىكى ئۆزگىرىشچان ماگنىت مەيدانىدىن پايدىلىنىپ ئېلېكتىر ماگنىت ئىندۇكسىيەسى ئېلىپ بېرىش بولۇپ، ئېنېرگىيەسى ئىنتايىن تۆۋەن، ئىيونسىز رادىياتسىيەگە تەۋە بولىدۇ، ئادەم بەدىنىدىكى توقۇلمىلار ياكى ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە ناچار تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

   شۇنىڭ بىلەن بىللە، يۈك-تاق ئۆتىدىغان يول شەكىللىك بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ماشىنىسى تۆۋەن مىقداردىكى X نۇرى ئارقىلىق يۈك-تاق ئىچىنى ساۋمياۋ قىلىدۇ، بۇ، ئىيونلۇق رادىياتسىيەگە تەۋە. ئەمما ئۇنىڭ رادىياتسىيە مەنبەسى قوغۇشۇن توسۇقلۇق ماشىنا گەۋدىسىنىڭ ئىچكى قىسمىغا قاتتىق پېچەتلەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھەم قوغۇشۇن پەردە قاتارلىق مۇداپىئە قۇرۇلمىلىرى سەپلەنگەن. بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ماشىنىسىنىڭ يېنىدا تۇرغان تەقدىردىمۇ، ئادەم بەدىنى ئەمەلىي قوبۇل قىلىدىغان رادىياتسىيە مىقدارىنىڭ تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق.

   ئومۇمەن، نورمال ئىشلىتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش ئالدىنقى شەرتىدە، ھامىلىدار ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق كىشىلەرنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئىشىكىدىن ئۆتۈشى بىخەتەر بىر ئىش. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، يۈك-تاق ئۆتۈۋاتقاندا قوغۇشۇن پەردىنى قايرىماسلىق ياكى قولىنى سوزۇپ قوغۇشۇن پەردىنىڭ ئىچىگە تىقماسلىق لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.