تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق . تۇرمۇش

كۈندە بىر رەددىيە | خىمىيەۋى تالالىق كىيىم كىيسە، مىكرو سولياۋ قانغا «تاجاۋۇز» قىلىپ كىرىدۇ؟

   بۇ ئارتۇقچە ئويلىۋالغانلىق.

   توردا «پولىئېستېر تالاسى(聚酯纤维面料)دىن تىكىلگەن كىيىم-كېچەكلەرنى كىيگەندە مىكرو سولياۋ تېرىدىن ئۆتۈپ قانغا كىرىپ كېتىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى پولىئېستېر تالاسى سۇلياۋ بوتۇلكىدىن ياسالغان» دېگەن گەپلەر تارقالدى. بۇ خىل ئەندىشە ھەقىقەتەن ئارتۇقچە ئويلىۋالغانلىق. ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئاساسلىق كۆز قاراش ۋە دەلىل-ئىسپاتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پولىئېستېر تالاسىدىن تىكىلگەن كىيىم-كېچەكلەرنى نورمال كىيگەن ئەھۋالدا، مىكرو سولياۋنىڭ قانغا كىرىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن تۆۋەن بولىدۇ.

   نۆۋەتتە، بازاردىكى پولىئېستېر تالاسى رەختىنىڭ كېلىش مەنبەسى ئاساسلىقى ئىككى تەرەپتىن كېلىدۇ، بىرى، بىۋاسىتە نېفىت خىمىيە سانائىتى خام ئەشياسىدىن ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، بۇ «بىرلەمچى دىلۇن» دەپ ئاتىلىدۇ. ئىككىنچى، كېرەكسىز سولياۋ بوتۇلكا قاتارلىقلار (ئاساسلىقى PET ماتېرىيالى)دىن ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، بۇ «ھاسىلىي دىلۇن»، «مۇھىت ئاسرار دىلۇن» ياكى «rPET» دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ چىدامچانلىقى، ئىشلىتىشچانلىقى، قول سېزىمى قاتارلىق جەھەتلەردە بىرلەمچى دىلۇندىن پەرقلەنمەيدۇ. بۇ تېخنىكا نەچچە ئون يىللىق تارىخقا ئىگە، ھۈنەر-سەنئەت جەھەتتە مۇقىم، تېخنىكا جەھەتتە پىشقان بولۇپلا قالماي، يەنە مۇھىم مۇھىت ئاسراش قىممىتىگە ئىگە.

   پولىئېستېر تالاسى قاتارلىق بىرىكمە تالالاردىن تەييارلانغان توقۇلما بۇيۇملار ئىشلىتىلىش ئۆمرى ئىچىدە ئاساسەن مىكرو سولياۋ قويۇپ بەرمەيدۇ. پولى ئېستېر تالاسىنىڭ كونىراشقا چىدامچانلىقى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، ئىشلىتىلىش ئۆمرىدىن ئېشىپ كەتكەندىن كېيىن، پەقەت كىيىم-كېچەكلەر مۇكەممەل، بۇزۇلمىغان، تالالار ئۈزۈلمىگەن بولسىلا، ئادەتتە مىكرو سولياۋ قويۇپ بېرىلمەيدۇ. تېرە مىكرو سولياۋلار بىلەن ئۇچراشتى دېگەن تەقدىردىمۇ، ئادەم بەدىنىگە سىڭىپ كىرمەيدۇ، چۈنكى ساغلام، مۇكەممەل تېرە ئادەم بەدىنىدىكى بىرىنچى توسۇق بولۇپ، كۈچلۈك مۇداپىئە ئىقتىدارىغا ئىگە، مىكرو سولياۋلارنىڭ تېرە ئارقىلىق سۈمۈرۈلۈشىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ قالالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.