□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ، ئىختىيارىي مۇخبىر گاۋ ئەييىڭ
3 - ئاي دەل چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ئەتىياز پەسىللىك يايلاق كۆچىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل.
3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تاڭ ئەمدىلا سۈزۈلگەندە، دۆربىلجىن ناھىيەسىدىكى G3015 لىنىيەسى كۈيتۈن - چۆچەك يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ K269لىق جايىغا، شىنجاڭ تاشيول قۇرۇلۇشى (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى مايتاس قار - شىۋىرغاندىن مۇداپىئەلىنىش - خەتەردىن قۇتقۇزۇش بازىسىدىكى ئالتە نەپەر ئەترەت ئەزاسى يىغىلىپ بولدى. ئۇلار ئايلاندۇرۇپ پۈركۈپ چىقىرىش شەكلىدىكى قار تازىلاش ماشىنىسى، قاچىلاش ماشىنىسىنى ھەيدەپ، ئون نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى چارۋا يولى مەشغۇلات نۇقتىسىغا ئاتلىنىپ، ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە ئوخشاشلا ئەتراپتىكى چارۋىچىلارغا يايلاق كۆچىدىغان چارۋا يولىنى ئېچىپ بەردى.
چارۋا يولىغا يىغىلىپ قالغان قارنىڭ قېلىنلىقى تۆت مېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئەگەر ۋاقتىدا راۋانلاشتۇرۇلمىسا، چارۋىچىلارنىڭ يايلاق كۆچۈشىگە تەسىر يېتەتتى. سەككىز سائەت جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، K269لىق جايدىكى چارۋا يولى راۋانلاشتۇرۇلۇپ، ئەتراپتىكى 30 نەچچە ئائىلىلىك چارۋىچى، 10 مىڭ تۇياققا يېقىن چارۋىنىڭ ئەتىياز پەسىللىك يايلاق كۆچۈشى ئۈچۈن «بىخەتەر يول» ئېچىپ بېرىلدى.
«سىلەرنىڭ بىزگە يەنە بىر قېتىم ياردەم قىلىپ چارۋا يولى ئېچىپ بەرگىنىڭلارغا رەھمەت.» دۆربىلجىن ناھىيەسىنىڭ كۇرە يېزىسى مايتاس كەنتى ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بېردىقان دۈيسەنقان بازىدىكى ئەترەت ئەزالىرىنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ قايتا - قايتا رەھمەت ئېيتتى.
ئەتىيازلىق يايلاق كۆچۈش چارۋىچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا ئەڭ مۇھىم ئىش، ئەگەر كېچىكتۈرۈلسە، چارۋىلارنىڭ ئورۇقلاپ كېتىشى، ھەتتا ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، چارۋىچىلارنىڭ پۈتۈن يىللىق كىرىمىگە بىۋاسىتە تەسىر يېتىشى مۇمكىن. ھالبۇكى، شۇ جايدىكى چارۋىچىلار يايلاق كۆچۈشتە ئۈچ چارۋا يولىدىن ئۆتىدىغان بولۇپ، بىر قىش قار - شىۋىرغاننىڭ ئۇپرىتىشىغا ئۇچرىغاچقا، ھەمىشە قار يىغىلىپ توسۇلۇپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، چارۋىچىلارنىڭ يايلاق كۆچۈشىگە غايەت زور بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى ئېلىپ كېلەتتى.
«2021 - يىلى، يايلاق كۆچىدىغان چارۋا يولى قار يىغىلىپ توسۇلۇپ قالغانىدى. بىز مايتاس قار - شىۋىرغاندىن مۇداپىئەلىنىش - خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش بازىسىنى ئېسىمىزگە ئېلىپ، بازىدىكى ئەترەت ئەزالىرى بىلەن ئالاقىلەشتۇق، ئويلىمىغان يەردىن ئۇلار ئىككىلەنمەيلا قار تازىلاش ماشىنا - ئەسلىھەلىرىنى ھەيدەپ يېتىپ كەلدى» دېدى بېردىقان دۈيسەنقان.
«ئاممىنىڭ ئېھتىياجى بىزنىڭ يىغىلىش سىگنالىمىز.» شىنجاڭ تاشيول قۇرۇلۇشى (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى تارباغاتاي تاشيول ئاسراش مەركىزى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، دىرېكتور يوۋ خەيچياڭ چارۋىچىلارنىڭ يايلاق كۆچۈش قىيىنچىلىقىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، دەرھال ئەترەت ئەزالىرى ۋە قار تازىلاش ئەسلىھەلىرىنى ئېلىپ نەق مەيدانغا بېرىپ، چارۋىچىلارغا ياردەملىشىپ يايلاق كۆچۈش چارۋا يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ بەردى.
شۇنىڭدىن كېيىن، بازىدىكى 16 نەپەر ئەترەت ئەزاسى باشتىن - ئاخىر چارۋىچىلار «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان» ئىشلارنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، مەيلى قار - شىۋىرغان قانچە كۈچلۈك، يول قانچە يىراق بولسۇن، ھەر يىلى قەرەلىدە كېلىشكەن جايغا بېرىپ، پۈتۈن مۇساپىنى مۇھاپىزەت قىلىپ، ئۇدا ئالتە يىل ئىشلىدى.
بىر يىلى قىشتىكى سەھەردە، شۇ جايدىكى يەتتە چارۋىچى يايلاق كۆچۈش يولىدا تۇيۇقسىز قار - شىۋىرغانغا ئۇچراپ، قوي پادىلىرى قېلىن قار ئاستىدا قېلىپ، توڭلاپ ئۆلۈش، ئۈششۈپ قېلىشتەك خەتەرلىك جىددىي ئەھۋالغا دۇچ كەلدى.
بازىدىكى ئەترەت ئەزالىرى ياردەم تەلەپ قىلىش ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن دەرھال ئاتلىنىپ، قاتناش ساقچى تارماقلىرىنىڭ بىرلىكتە ھەرىكەتكە كېلىپ قۇتقۇزۇشىغا ماسلاشتى. يەتتە سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىتتىن كېيىن قاپسىلىپ قالغان قوي پادىلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇتقۇزۇلۇپ، چارۋىچىلار 180 مىڭ يۈەن ئىقتىسادىي زىياندىن ساقلاپ قېلىندى.
«مۇشۇنداق ھاۋارايىدا، سىلەر قويلارنىڭ ھەممىسىنى قۇتقۇزۇپ چىقتىڭلار، سىلەرگە كۆپ رەھمەت» دېدى قويلىرى قۇتقۇزۇۋېلىنغان چارۋىچى ئۆمۈرسېرىك شاپاغات مىننەتدار بولغان ھالدا.
بازىدىكى ئەترەت ئەزالىرى بىلەن چارۋىچىلارنىڭ دوستلۇقى قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشتە ئىپادىلىنىپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ كۈندىلىك ئۇچرىشىش جەريانىدىكى كىچىك ئىشلاردىمۇ ئىپادىلىنىدۇ.
ئوزاقى يىلى قىشتا، بازىدىكى ئەترەت ئەزاسى سۈن جېنخۇ يول چارلاۋاتقاندا، بىر چارۋىچىنىڭ ئاپتوموبىلىنىڭ چاقى ئېتىلىپ كەتكەنلىكىنى بايقىدى، ئۇ ئارتۇق گەپ قىلمايلا سەپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە چارۋىچىنىڭ زاپاس چاقنى ئالماشتۇرۇشىغا ياردەملىشىپ، سوغۇق شامالغا قارىماي يېرىم كۈندىن كۆپ ھەپىلەشتى، چارۋىچى ئۇلارنى ئۆيگە كىرىپ ئەتكەنچاي ئىچىشكە تەكلىپ قىلدى. سۈن جېنخۇ كۈلۈپ تۇرۇپ: «بىز يېقىنلا جايدا تۇرىدىكەنمىز، ئىش بولسا گەپ قىلىڭ، تۈزۈت قىلماڭ» دېدى.
شۇنىڭدىن كېيىن، بۇ چارۋىچى ھەر قېتىم بازىدىن ئۆتكەندە، ھەمىشە ئۆزلىرى تەييارلىغان قۇرۇتنى بازىدىكى ئەترەت ئەزالىرىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ: «سىلەر ھەممىڭلار مېنىڭ ياخشى قېرىنداشلىرىم» دەيدىغان بولدى.
شۇنداق قىلىپ، بېرىش - كېلىش جەريانىدا، بازىدىكى ئەترەت ئەزالىرى بىلەن چارۋىچىلارنىڭ قەلبى بارغانسېرى يېقىنلاشتى.
«ئۇدا كۆپ يىل چارۋىچى قېرىنداشلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرەلىگەنلىكىمىز بىزنىڭ ئەڭ چوڭ پەخىرلىنىدىغان ئىشىمىز، بىز ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى يوۋ خەيچياڭ.






