تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

پىچاق بىسىنى ئۆزىگە قارىتىش، ئەمەلىي بولۇشنى باش ئورۇنغا قويۇش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش

​− ھەرقايسى جايلار توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇردى

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى لى شيۇڭيىڭ، يەن رۇي، سۈن شاۋشيۇڭ

توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، گۇاڭدۇڭ، خۇبېي، شىنجاڭ ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى خەلقنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى تۈگىتىش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئايلاندۇردى.

پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ، ئىنچىكە سېلىشتۇرۇپ، ئېغىشنى تۈزىتىش

ئۆگىنىش - تەربىيەسى باشلانغاندىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار ناھىيە - باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ سىياسىي نەتىجە قارىشىدىكى ئېغىش مەسىلىسىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تېپىپ، سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئۈزۈل - كېسىل بولۇش، دەل جايىدا بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

«سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇش، نەق مەيداندا زىيارەت قىلىش، ئايرىم سۆھبەتلىشىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئۆزىگە تەتبىقلاش، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتكە تەتبىقلاش، خىزمەتكە تەتبىقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك تېپىپ چىقىپ، ۋاقتىدا تىزىملىككە كىرگۈزدۇق.» شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى تەشكىلات 1 - باشقارمىسىنىڭ باشلىقى خې خۇەييى مۇنداق تونۇشتۇردى: شىنجاڭ «سىياسىي نەتىجە قارىشىدىكى ئېغىشقا دائىر ئاساسلىق مەسىلىلەر تىزىملىكى»نى رەتلەپ شەكىللەندۈرۈپ، ناھىيە - باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار، يېزا - بازار (كوچا باشقارمىسى) ھەم ناھىيە(شەھەر، رايون)لەرگە بىۋاسىتە قاراشلىق تارماقلار، ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ سىياسىي نەتىجە قارىشىدىكى ئېغىش مەسىلىسىنى تەكشۈرۈپ تېپىش، سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى «سىياسىي نەتىجىنى كىم ئۈچۈن يارىتىش، قانداق سىياسىي نەتىجە يارىتىش، سىياسىي نەتىجىنى نېمىگە تايىنىپ يارىتىش»تىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەسىلىنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن پەرقلەرنى تېپىپ چىقىپ، مەنبەسىنى تەكشۈرۈپ، تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش - تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش قاتارلىق يوللار ئارقىلىق، سىياسەت - يىرىك پىلاندىكى «ئىزچىللىق ۋە مۇقىم بولۇشنى ساقلىماسلىق» قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنىڭ بار - يوقلۇقىنى چوڭقۇر تېپىپ چىقىپ، تەپسىلىي مەسىلە تىزىملىكى تۈزۈپ، ھەرىكەت ھالىتىدە باشقۇرۇشنى يولغا قويدى.

خۇبېي ئۆلكىسى ناھىيە - باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبەرلىك بەنزىلىرىگە يۈزلىنىپ، كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكە بېرىلىپ كېتىش، ساختىپەزلىك قىلىش قاتارلىق سەككىز جەھەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق تۈزىتىپ، يېڭى ئەمەلدار كونا ھېساباتقا ئىگە بولماسلىق، ئىستاتىستىكىدا ساختىلىق قىلىش، سىياسەت - يىرىك پىلاندا «قارىغۇلارچە يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈش» «تۈزۈش بىلەن ئىشلىتىشنى ئايرىۋېتىش»، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ يوشۇرۇن قەرزىنى كۆپەيتىۋېتىش قاتارلىق تۆت جەھەتتە مەركەزلىك تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، يۈزبېرىۋاتقان مەسىلىلەرنى تۇتۇپ، تىپىك مەسىلىلەرنى تۇتۇپ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشنى تۇتۇپ، مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.

گۇاڭدۇڭدا، 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، جۇڭشەن شەھىرى «ئۆگىنىش - تەربىيەسىدە <مىڭ كارخانىغا بېرىش، تۈمەن زاۋۇتقا كىرىش، پىكىرنى ئاڭلاپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، مۇلازىمەتنى كۈچەيتىپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش> خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، پۈتۈن شەھەر دائىرىسىدە مەخسۇس ھەرىكەتنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشنى تۇتقا قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ زاۋۇت - كارخانا بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، پىكىرلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاش داۋامىدا مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ تېپىشىغا تۈرتكە بولدى.

ئەمەلىي بولۇشنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا دائىر مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش

شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى كوللېكتىپ مۇھاكىمە قىلدى، ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار مەسىلە تىزىملىكىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقىپ ئۆتكەلنى ئىگىلىدى، رەسمىيەتچىلىك قىلىشتىن قاتتىق ساقلىنىپ، مەسىلىنى ھەقىقىي تەكشۈرۈش، ھەقىقىي مەسىلىنى تەكشۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار قاراتمىلىققا ئىگە تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تۈزۈپ، بىلگەن ھامان تۈزىتىپ، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ دەرھال تۈزىتىپ ھەم تېما بەلگىلەپ بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا دائىر مەسىلىدىن 21 مىڭ 900نى ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى تىرىشىپ ئۆستۈردى.

خۇبېي سۇڭزى شەھىرىنىڭ ۋېيشۈي بازىرى خۇايۈەنجوۋ كەنتىدە سۇ تۇرۇبىسى ئۇزاق يىل رېمونت قىلىنمىغاچقا، سۇ بىلەن تەمىنلەش ئۇزاق مەزگىل مۇقىم بولمىدى. مۇشۇ ئايدا سۇڭزى شەھىرى كەنتكە يېڭىدىن ياساپ بەرگەن سۇ تەقسىملەش كاپالەت تۇرۇبا تورى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. «سۇ بىلەن تەمىنلەش ئۈزۈلۈپ قالمىدى، بىز ئەمدى كۈندىلىك سۇ ئىشلىتىشتىن ئەنسىرىمەيدىغان بولدۇق» دېدى كەنت ئاھالىسى زېڭ گۇاڭمىڭ.

خۇبېي سۇڭزى شەھىرى «ھەر ئاينىڭ 4 -، 14 -، 24 - كۈنى ئەھۋال ئىنكاس قىلىش» قاتارلىق ئەرز ئېيتىپ كەلگەنلەرنى قوبۇل قىلىش، تۆۋەنگە چۈشۈپ زىيارەت قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىشخانىدىن چىقىپ، ئامما بىلەن ئالاقىلىشىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش جەريانىدا مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ تېپىشىغا تۈرتكە بولدى. نۆۋەتتە، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى بەنزىسى دەسلەپكى قەدەمدە 20 نۇقتىلىق مەسىلىنى تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقتى، شەھەر رەھبەرلىرى باشلامچىلىق بىلەن 71 ئەرزىيەت دېلوسىنى ھۆددىگە ئېلىپ، 13 قېتىم ئەرز قوبۇل قىلىپ، تۈرلۈك زىددىيەت - ماجىرادىن 20نىڭ ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.

گۇاڭدۇڭ جۇڭشەن شەھىرىدىكى رەھبىرىي كادىرلار يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە باشلامچىلىق بىلەن ياخشى مېڭىپ، «تۆتنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش» قاتارلىق خىزمەتلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، نۇقتا بەلگىلەپ ئالاقىلىشىدىغان بازار، كوچا باشقارمىسىدىكى زاۋۇت - كارخانا بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخى، تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئورنى قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئوچۇق - ئاشكارا تەربىيەنى قانات يايدۇرۇشىغا ئۈلگە كۆرسىتىپ تۈرتكە بولدى. ھەرقايسى بازار، كوچا باشقارمىلىرى ۋە شەھەرگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاقىدار تارماقلار بىرتۇتاش پىلانلاش ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىچكى قىسىمدا پىكىر ئالماشتۇرۇش، توغرا يۆنىلىشلىك پىكىر ئالماشتۇرۇش ھەم ئىشتىن بۇرۇن پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋاقتى ۋە ئورنىنى ئىلمىي پىلانلاپ، توپلىشىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كۆپ تەرەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەكرار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كۆز بويامچىلىق شەكلىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئالدى.

گۇاڭدۇڭ جۇخەي شەھىرى خەلقتىن چارە - تەدبىر سوراشتا چىڭ تۇردى، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى «تۆتنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش» تۈزۈمىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈردى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار نۇقتا بەلگىلەپ ئالاقىلىشىش، زىيارەت قىلىش - ھال سوراش، ئەرز ئېيتىپ كەلگەن ئاممىنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، «جۇخەي ئاخبارات ئېلان قىلىش» سۇپىسى، خەلققە قولايلىق يارىتىش قىزىق لىنىيەسى قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئاممىدىن كەڭ دائىرىدە پىكىر - تەكلىپ ئېلىپ، ئاممىنىڭ قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىسىنى ھېس قىلغىلى بولۇش، ئامما ئېتىراپ قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ئۆگەنگەننى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش

توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسى داۋامىدا، 2 مىليونغا يېقىن تىجارەت ئاساسىي گەۋدىسىگە ئىگە گۇاڭدۇڭ دۇڭگۇەن شەھىرى ئوچۇق - ئاشكارا تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ، ئاممىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى ئارقىلىق بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، «دۇڭگۇەن شەھىرىنىڭ كارخانىلارغا ئالاقىدار مۇلازىمەتنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى بىر قانچە تەدبىرى»نى تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، 28 ماددىلىق كونكرېت تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «تىجارەت - سودا مۇھىتى − ئىشلەپچىقىرىش كۈچى»نى چۈشەندۈرۈپ بەردى.

دۇڭگۇەن شەھىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار 4000 كىشىدىن ئارتۇق مۇلازىمەت مەخسۇس خادىمى قوشۇنى تەشكىللەپ، تەخمىنەن 20 مىڭ «تۆتتە يۇقىرى» كارخانا بىلەن دەل جايىدا ئۇدۇللىشىپ، ئۇلارنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى پائال ئاڭلىدى. كارخانىنىڭ ئىلتىماس - تەلەپلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇش ئاستا بولۇش، ئىش بېجىرىش تەرتىپى مۇرەككەپ بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، دۇڭگۇەن «كارخانىلارنىڭ ئىشىنى تېز بېجىرىش» يېپىق ھالقىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، كارخانىنىڭ ئادەتتىكى ئىلتىماس - تەلەپلىرىنى بىر تەبىئىي كۈن ئىچىدە تاپشۇرۇپ، سۈرۈك ئىچىدە بېجىرىپ ئاخىرلاشتۇرۇشنى ئايدىڭلاشتۇردى؛ كارخانىلارنىڭ ئىلتىماس - تەلەپلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇشتا يېپىق ھالقا بولماسلىق، ئوتتۇرىغا قويغان ئىلتىماس - تەلەپلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش ئۈچۈن، كارخانا مۇلازىمەت مەخسۇس خادىمى «تۇنجى قوبۇل قىلغۇچى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى»نى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «بىر كۆزنەكتە قوبۇل قىلىش، ئاخىرغىچە ئەگىشىش»تىن ئىبارەت پۈتۈن جەريانلىق ئىزلاپ مۇلازىمەت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

سىياسىي نەتىجە قارىشىدىكى ئېغىش مەسىلىسى تىزىملىكىگە سېلىشتۇرۇپ، خۇبېي جىڭمېن شەھىرى «بىرىنچى سەپكە بېرىش» تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش مەخسۇس ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ناھىيە - باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى كارخانا سېخلىرى، تۈر بىرىنچى سېپىگە كىرىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، بازارنى كېڭەيتىش، ئامىل كاپالىتى قاتارلىق يادرولۇق ئىلتىماس - تەلەپلىرىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئاغرىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا، توسۇق نۇقتىلارنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.

«رەھبىرىي كادىرلار كارخانىلارغا بېرىپ، سىياسەتنى يېشىپ چۈشەندۈرۈش، تۈر ئىلتىماس قىلىش جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلىپ، كىشىلەرگە ئەمەلىي پوزىتسىيەنى ھېس قىلدۇردى، شۇنداقلا كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ئىشەنچكە ئىگە قىلدى» دېدى خۇبېي خۇاشىن ماشىنىسازلىق تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى تيەن گۈيبىڭ.

«ئەھۋال ئىنكاس قىلىشنى ساقلاش»تىن «قىيىن مەسىلىلەرنى سۈرۈشتۈرۈپ ھەل قىلىش»قىچە، جىڭمېن شەھىرىدىكى ناھىيە - باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى نۆۋەتتە كارخانىلارنىڭ تۈرلۈك ئىلتىماس - تەلەپلىرىدىن 294نى ھەل قىلدى، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى قاتارلىق ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى، «بىرىنچى سەپكە بېرىش» جەريانىدا كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىنىدىكى كارخانىلارنىڭ «ھەمكارلىق ئورنىتىشىغا كۆۋرۈك بولۇپ، بىرلىشىپ تەرەققىي قىلىش»ىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شۇ جايدىكى كارخانىلارنىڭ رايون كەسىپ ئېكولوگىيە چەمبىرىكىگە سىڭىشىشىگە كۈچ قوشۇپ، «كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش» بىلەن «كەسىپ ئارقىلىق كۈچ قوشۇش»تىن ئىبارەت قوش يۆنىلىشلىك كۈچەشنى ئىشقا ئاشۇردى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.