سىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان
ئۇزاق مۇددەتلىك پەرۋىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى كەلدى
دۆلىتىمىز ئۈچ يىل ئەتراپىدا ۋاقىت سەرپ قىلىپ
ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان
ئۇزاق مۇددەتلىك پەرۋىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىدۇ
قايسى مەزمۇنلار سىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك؟
▼
قانداق كىشىلەر سۇغۇرتىغا قاتناشسا بولىدۇ؟
ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە شۇ ئورۇندىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر، پېنسىيەگە چىققانلار، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار، ئىشقا ئورۇنلاشمىغان شەھەر-يېزا ئاھالىلىرى قاتارلىقلار
قانچىلىك ھەق تاپشۇرىدۇ؟
◀ئىدارە-ئورۇن، شەخس، ھۆكۈمەت، جەمئىيەت قاتارلىق كۆپ خىللىققا ئىگە مەبلەغ غەملەش يولى بەرپا قىلىنىدۇ ۋە تاكاممۇللاشتۇرۇلىدۇ
◀ئۇزاق مۇددەتلىك پەرۋىش سۇغۇرتىسىنىڭ ھەق نىسبىتى بىرتۇتاش %0.3 ئەتراپىدا تىزگىنلىنىدۇ
ئىدارە-ئورۇنلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر
ھەق نىسبىتىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئىدارە-ئورۇن ۋە شەخس تەڭ نىسبەتتە ئۈستىگە ئالىدۇ، شەخسنىڭ ھەق تاپشۇرۇش ئاساسىي سانى شۇ كىشىنىڭ مائاش كىرىمى بويىچە ھېسابلىنىدۇ
پېنسىيىگە چىققانلار
ھەق نىسبىتى ئىدارە-ئورۇنلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ شەخسلەر ھەق نىسبىتى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ، ھەق تاپشۇرۇش ئاساسىي سانى ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ سەۋىيەسى بىلەن باغلىنىدۇ، شەخسلەر ئۆزى تاپشۇرىدۇ
ئىشقا ئورۇنلاشمىغان شەھەر-يېزا ئاھالىلىرى
مەبلەغ غەملەشنى شەخس بىلەن ھۆكۈمەت مۇۋاپىق تەقسىملەپ ئۈستىگە ئالىدۇ، ھەق نىسبىتىنىڭ يېرىمى كېمەيتىلىپ، باشلىنىش نۇقتىسى %0.15 ئەتراپىدا بولىدۇ، بەش يىل ئەتراپىدا ۋاقىت سەرپ قىلىپ تەدرىجىي %0.3 ئەتراپىغا يېقىنلىشىدۇ
جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار
ئىدارە-ئورۇنلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ھەق نىسبىتى ئۆلچىمى بويىچە سۇغۇرتىغا قاتناشسا بولىدۇ، يەنە ئىشقا ئورۇنلاشمىغان شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىش سىياسىتى بويىچە سۇغۇرتىغا قاتنىشىپ ھەق تاپشۇرسىمۇ بولىدۇ
18 ياشتىن تۆۋەنلەر
ئاتا-ئانىسى ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا باققۇچىسى قاتارلىقلار بىلەن سۇغۇرتىغا قاتناشسا بولىدۇ، ئايرىم مەبلەغ غەملەنمەيدۇ
ھەقنى قانداق تاپشۇرىدۇ؟
◀ئۇزاق مۇددەتلىك پەرۋىش سۇغۇرتىسى بىلەن ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا ئورتاق ھەق تاپشۇرىدۇ
◀ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى شەخسىي ھېساباتىدىن ئۆزى ھەم يېقىن تۇغقانلىرىغا ھەق تاپشۇرسا بولىدۇ
قايسى تەمىناتلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ؟
◀ئۇزاق مۇددەتلىك پەرۋىش سۇغۇرتىسى فوندى ئاساسلىقى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۇزاق مۇددەتلىك پەرۋىش ئاساسىي مۇلازىمىتىدە كۆرۈلگەن خىراجەتكە ئىشلىتىلىدۇ
ئىشقا ئورۇنلاشمىغان شەھەر-يېزا ئاھالىلىرى سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار
فوند چىقىم نىسبىتىنىڭ %50 ئەتراپىدا تاپشۇرىدۇ
ئىدارە-ئورۇنلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار
فوند چىقىم نىسبىتىنىڭ %70 ئەتراپىدا تاپشۇرىدۇ
پېنسىيەگە چىققانلار
ئىدارە-ئورۇنلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىش تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ
جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار
تاللىغان سۇغۇرتىغا قاتنىشىش سىياسىتى تۈرى بويىچە مۇناسىپ تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدۇ
◀ئۇزاق مۇددەتلىك پەرۋىش سۇغۇرتىسى مۇلازىمەت تۈرىنىڭ مۇندەرىجىسى دۆلەت قاتلىمىدىن بىرتۇتاش تۈزۈلىدۇ
◀تەمىناتتىن بەھرىمەن بولۇشتا دەسلەپكى چىقىم قىلىش ئۆلچىمى تەسىس قىلىنمايدۇ، يىللىق ئەڭ يۇقىرى چىقىم قىلىش چېكى بىرتۇتاش غەملىنىدىغان رايونلارنىڭ ئالدىنقى يىللىق شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ %50ىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ
قانداق كىشىلەر تۆلەمگە ئېرىشەلەيدۇ؟
◀تۈزۈم باشلىنىش باسقۇچىدا، ئېغىر دەرىجىدە ئىقتىدارىدىن قالغانلار كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ
مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن باھالاش ئۆلچىمى قوللىنىلىدۇ
بەلگىلىمە بويىچە سۇغۇرتىغا قاتنىشىپ ھەق تاپشۇرغان ھەم ئىقتىدارىدىن قېلىش ھالىتى ئۇزاق داۋاملاشقان (ئادەتتە ئالتە ئايدىن يۇقىرى)، ئىلتىماس قىلغاندىن كىيىن باھالاش ئارقىلىق ئىقتىدارىدىن قالغان دەپ بېكىتىلگەنلەر بەلگىلىمە بويىچە ئالاقىدار تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدۇ
◀ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە تۈزۈمنىڭ مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، دۆلەت قاتلىمىدىن بىرتۇتاش تەتقىق قىلىش ئارقىلىق كاپالەت ئوبيېكتىنىڭ دائىرىسى تەدرىجىي كېڭەيتىلىدۇ.
قانداق ئىلتىماس قىلىنىدۇ؟
◀سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچى ياكى ئۇنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇلازىمەت كۆزنىكى ياكى شۇ جاي تەمىنلىگەن توردا بېجىرىش يولى ئارقىلىق ئىلتىماس قىلىدۇ ھەم ماتېرىيالىنى تاپشۇرىدۇ.
◀ماتېرىيال—كىملىك، ئىلتىماس جەدۋىلى، كېسەلخانىدا ياتقان كېسەللىك تارىخى ياكى دىياگنوز قەغىزى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






