شىنجاڭ گېزىتى، غۇلجا، 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ۋېيگو خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، غۇلجا شەھىرىدە قۇياش ئىللىق نۇر چېچىپ تۇراتتى، ئاسمان سۈپسۈزۈك ئىدى. ئىلى لىن زېشۈ خاتىرە سارىيىدا، لىن زېشۈنىڭ ھەيكىلى ھەيۋەتلىك قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. ھەيكەلنىڭ ئەتراپىغا سەككىز تۈپ يېڭى كۆچەت تىكىلدى − بۇلار قومۇلدىن كەلتۈرۈلگەن زو زۇڭتاڭ سۆگىتى ئىدى. لىن زېشۈ بىلەن زو زۇڭتاڭدىن ئىبارەت جۇڭگونىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا چوڭقۇر ئىز قالدۇرغان بۇ ئىككى شەخس بۇ يېڭى يېشىللىق سەۋەبىدىن يەنە بىر قېتىم زامان ۋە ماكان جەھەتتە باغلىنىش ھاسىل قىلدى.
شۇ كۈنى، «دېڭىز ياقىسىدىكى رايونلار بىلەن چېگرا رايونلار بىرلىكتە زو زۇڭتاڭ سۆگىتى تىكتى، باھار شامىلى يەنە يۈمېنگۇەندىن ئۆتتى» − 2026 - يىلى زو زۇڭتاڭ سۆگىتى «سۆگەت تىكىش كۈنى» ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى مەخسۇس مەيدان پائالىيىتى مۇشۇ جايدا باشلاندى. قومۇل شەھىرى بىلەن ئىلى ئوبلاستىدىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملار، كادىرلار، ئامما ھەم ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى گۈرجەك بىلەن توپا يۆلەپ، سۇ ئەكىلىپ سۇغىرىپ، نەق مەيداندا سەككىز تۈپ زو زۇڭتاڭ سۆگىتى كۆچىتى تىكتى، بۇ كۆچەتلەرنى قومۇل شەھىرى يۈز يىللىق زو زۇڭتاڭ سۆگىتىنىڭ ئانىلىق تۈپىنىڭ شاخلىرىنى قەلەمچە قىلىپ تىكىپ يېتىشتۈرۈپ چىققان. ئىگىلىنىشىچە، جەمئىي 100 تۈپ زو زۇڭتاڭ سۆگىتى كۆچىتى ئارقا - ئارقىدىن ئىلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يىلتىز تارتىدىكەن.
ئىلىدىن باشقا، تارىخىي ئەسلىمىلەر مۇجەسسەملەنگەن بۇ بىر تۈركۈم كۆچەتلەر يەنە فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ فۇجوۋ شەھىرى، تيەنجىن شەھىرىنىڭ شىچىڭ رايونى ھەم شىنجاڭ ئۈرۈمچى، قەشقەر، خوتەن، قومۇل (ئاساسىي يىغىن مەيدانى) قاتارلىق جايلاردا يىلتىز تارتىدۇ.
لىن زېشۈ ئىلگىرى شىنجاڭنىڭ مەمۇرىي ئىشلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، سۇچىلىق قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىپ، خەلق تۇرمۇشىنى خاتىرجەم قىلغان؛ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا زو زۇڭتاڭ بىلەن شياڭجياڭ دەرياسىدا كېچىدە ئۇزاق سۆھبەتلىشىپ، چېگرا رايوننىڭ تىنچ - ئامانلىقىنى ئۇنىڭغا ھاۋالە قىلغان. 150 يىل ئىلگىرى زو زۇڭتاڭ قوشۇن باشلاپ شىنجاڭنى قايتۇرۇۋالغان چاغدا يول ئۇلىنى مۇستەھكەملەش، بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن، گەنسۇ جيۇچۈەندىن غەربكە قاراپ مېڭىپ كەڭ دائىرىدە سۆگەت تىككەن، بۇ سۆگەتلەر «زو زۇڭتاڭ سۆگىتى»دەپ ئاتىلىپ، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش، چېگرا رايوننى قوغداش، يول ئېچىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش روھىنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان. بۈگۈنكى كۈندە قومۇل شەھىرى زو زۇڭتاڭ سۆگىتىگە يادرولۇق ۋارىسلىق قىلغان جاي بولۇش سۈپىتى بىلەن، 218 تۈپ زو زۇڭتاڭ سۆگىتىنى ساقلاپ قالدى، بۇ سۆگەتلەر مەملىكەت بويىچە سانى ئەڭ كۆپ، ساقلىنىش ھالىتى ئەڭ ياخشى بولغان بىرلەمچى توپ ھاسىل قىلىپ، قىممەتلىك تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ئايلاندى.
پائالىيەتكە قاتناشقان ئىككى جايدىكى ئالاقىدار مەسئۇللار مۇنداق بىلدۈردى: قومۇل، ئىلى بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى پۇرسەت بىلىپ، ئۆتكەن دانىشمەنلەرگە دائىر تارىخىي مەدەنىيەت بايلىقىنى چوڭقۇر قېزىپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش ھەمكارلىقى، مەدەنىيەت - ساياھەتنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى كۈچەيتىپ، لىن زېشۈ ئىرادىسى بىلەن زو زۇڭتاڭ روھىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەيدۇ.
پائالىيەت جەريانىدا، قومۇل زو زۇڭتاڭ مەدەنىيەت تەتقىقات ئورنى بىلەن ئىلى لىن زېشۈ خاتىرە سارىيى ئۆزئارا خاتىرە سوۋغات تەقدىم قىلدى، مۇتەخەسسىس، ئالىملار «لىن زېشۈنىڭ زو زۇڭتاڭغا بولغان تەسىرى»نى چۆرىدەپ سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، تارىخىي تومۇر، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش، روھنى داۋاملاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە چوڭقۇر مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.






