تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

رەقەم ئارقىلىق يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلەش | ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىيات شىنجاڭنىڭ قانداق قىلىپ «يېشىللىقنى بايلىققا ئايلاندۇرغانلىقى»غا نەزەر

  ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، شىنجاڭدا ئورمان كۆلىمى 125 مىليون موغا يېتىپ، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %5.07 بولغان. بۇ قىممەتلىك يېشىل بايلىقنى تىرەك قىلىپ، شىنجاڭ قانداق قىلىپ ئېكولوگىيە ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي قۇۋۋەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئورماننى خەلقنى بېيىتىپ چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈشتىكى «يېشىل بايلىق»قا ئايلاندۇرالىدى؟ بۇ ساندىكى رەقەم ئارقىلىق يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلەش سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئورتاق ئىزدىنىپ باقايلى.

    ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىيات   شىنجاڭنىڭ قانداق قىلىپ «يېشىللىقنى بايلىققا ئايلاندۇرغانلىقى»غا نەزەر 

  ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، شىنجاڭنىڭ ئورمان كۆلىمى 125 مىليون موغا يېتىپ، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %5.07 بولغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، باغ-ئورمانچىلىق، ئورمان ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئورماننىڭ كاربون يىغىشتىن ئىبارەت ئېكولوگىيە قىممىتىنى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئايلاندۇرۇش مېخانىزمى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئورماننى ئىسمى-جىسمىغا لايىق «سۇ ئامبىرى، پۇل ئامبىرى، ئاشلىق ئامبىرى، كاربون ئامبىرى»غا ئايلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئورمان ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈشنىڭ ئېكولوگىيە جاۋاب قەغىزىنى يازدى.

  باغۋەنچىلىكتە مېۋىنىڭ خۇش ھىدى تارىلىپ، ئون مىڭلىغان ئائىلىگە نەپ يەتكۈزدى

  ئورمان بىلەن ئىقتىسادنىڭ تەڭ تەرەققىي قىلىشىنىڭ شىنجاڭدىكى ئەڭ بىۋاسىتە ناماياندىسى ئاساسلىقى پۈتۈن مەملىكەتتە خاس باغۋەنچىلىك «مېۋىلىرى»نىڭ داڭقى چىققانلىقىدا ئىپادىلەندى.

  ئاقسۇ ئالمىسى، كورلا نەشپۈتى، خوتەن چىلىنى، قەشقەر ئانىرى قاتارلىق خاس باغۋەنچىلىك تېرىلغۇسى بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ، قۇمنى تۇراقلاشتۇرىدىغان ئېكولوگىيە توسۇقى بەرپا قىلىپلا قالماي، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى «ئاساسىي موتور»غا ئايلاندى.

  پوسكام ئالمىسىدىن كېرىيە قىزىلگۈلىگىچە، گۇما ئانىرىدىن قاغىلىق ياڭىقىغىچە، تەكلىماكان قۇملۇقى ئەتراپىدا غايەت زور باغۋەنچىلىك ئورمان بەلبېغى شەكىللىنىپ، كۆلىمى 10 مىليون مودىن ئاشتى، يىللىق مېۋە ھوسۇلى 7 مىليون توننىدىن كۆپرەك بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ باغۋەنچىلىك ئومۇمىي ھوسۇلىنىڭ %80ىنى ئىگىلىدى. كۆزنى چاقنىتىدىغان بۇ باغۋەنچىلىك «گۆھەر زەنجىرى» جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى «يېشىل بانكا»غا ئايلاندى.

  ئورمان ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى

  شىنجاڭ شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، «ئورمانچىلىق +»دىن ئىبارەت كۆپ خىل تەرەققىيات ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، سۆكسۆك، توغراقلىق، تاغ ئورمىنى قاتارلىقلارنى «جانلاندۇرۇپ»، ئاممىنى ئېكولوگىيەنى قوغداش بىلەن بىللە، كىرىمنى كۆپ خىل ئۇسۇلدا ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  جەنۇبىي شىنجاڭدىكى چۆللۈك رايونلاردا، سۆكسۆك بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇشتىكى «ئاساسىي قوشۇن»غا ئايلاندى، ئۇنىڭ ئۈستىگە «سۆكسۆك + توشقانزەدىكى»نى كىرىشتۈرۈپ تېرىش ئەندىزىسى بۇ يېشىل توسۇقنىڭ ئىقتىسادىي ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتتى. نۆۋەتتە، شىنجاڭدا سۈنئىي ئۇسۇلدا سورت كۆپەيتىلگەن توشقانزەدىكىنىڭ كۆلىمى 1 مىليون مودىن ئېشىپ، تارىم ئويمانلىقى، تۇرپان ئويمانلىقى، جۇڭغار ئويمانلىقى قۇملۇق رايونىدىن ئىبارەت ئۈچ مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن ئىشلەپچىقىرىش رايونى شەكىللىنىپ، 300 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

  ئورمان ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەندىزىسى ئۈزلۈكسىز بېيىتىلدى. توققۇزتارا ناھىيەسى تاغدىكى ئورمان بايلىقىغا تايىنىپ ھەسەل ھەرىسى بېقىش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇردى. بۇرچىن ناھىيەسى ئورمان مەنزىرىسىگە تايىنىپ ئورمانلىقتا سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئېكولوگىيە-ساياھەت تۈرىنى بەرپا قىلدى؛ كېرىيە ناھىيەسى ئورمانلىقتا جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىلىرى بىلەن قۇملۇق قىزىلگۈلىنى كىرىشتۈرۈپ تېرىپ، ئاممىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش يولىنى يەنىمۇ كېڭەيتتى.

  ئورماندىن يىغىلغان كاربون بايلىققا ئايلاندۇرۇلدى

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئورماندا كاربون يىغىش قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئورماننىڭ «كاربوننى تۇراقلاشتۇرۇش» ئىقتىدارىنى «بايلىق يارىتىش» ئىقتىدارىغا ئايلاندۇرۇپ، ئورمان ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىش ئۈچۈن يېڭى مۇسابىقە يولى ئاچتى.

  شىنجاڭ تىيانشان غەربىي قىسىم دۆلەت ئورمىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى توققۇزتارا شۆبە ئىدارىسى 1 مىليون 790 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئورماندىن كاربون يىغىش ئاچقۇچلۇق تېخنىكا تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ، رەقەملەشتۈرۈپ كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئىلمىي ئورمان باشقۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئورمان قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كاربوننى تۇراقلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يىللىق كاربون يىغىش مىقدارىنى 500 مىڭ توننىغا، يىللىق پايدىسىنى 7 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈشنى مۆلچەرلىدى. توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ موخې ئورمان رايونىدىكى 10 ئۆلچەملىك كۆزىتىپ ئۆلچەپ ئەۋرىشكە ئېلىش ئورنى كاربون زاپىسىنى دەل جايىدا ھېسابلاپ، «كۆزىتىش، ئۆلچەش، ھېسابلاش، سودىلىشىش»تىن ئىبارەت پۈتۈن زەنجىرلىك كاربون يىغىش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئورماندىن كاربون يىغىشنى ئۆلچىگىلى، سودىلاشقىلى، نەق پۇلغا ئايلاندۇرغىلى بولىدىغان قىلدى.

  كارخانىلارنىڭ قاتنىشىشى شىنجاڭنىڭ ئورماندىن كاربون يىغىش خىزمىتى تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ بېغىشلىدى. 2023-يىلى 4-ئايدا، جۇڭگو نېفىتچىلىكى شىنجاڭ نېفىت شىركىتىنىڭ تۇنجى كاربون نېيتراللاشتۇرۇش ئورمىنى​−جۇڭغار كاربون نېيتراللاشتۇرۇش ئورمىنىنىڭ ۋىۋىسكا يوپۇقى رەسمىي ئېچىلدى، 3309 مو ئورمانلىق، 118 مىڭ تۈپ دەل دەرەخ كاربون يىغىش ئېتىراپنامىسىدىن ئۆتتى ھەم «كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش گۇۋاھنامىسى»گە ئېرىشتى. بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ يايلاقتىن كاربون يىغىش تۈرىدە سودىلىشىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ، سودا سوممىسى 19 مىليون 765 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۆپەيتكىلى، كېڭەيتكىلى بولىدىغان تەجرىبە بىلەن تەمىنلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.