− ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو چيەن
باھار يېتىپ كەلدى، بارلىق شەيئىلەر ھاياتىي كۈچكە تولدى. ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ ۋە پۇختىلاپ، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئىدىيەۋى تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزىتىپ، تۈزۈم - قائىدىنى ياخشى تۇرغۇزۇپ، ئەمەلىي سىياسىي نەتىجە ئارقىلىق خەلقنىڭ ئىشەنچىنى قولغا كەلتۈرۈش، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەشكە تەربىيەلىدى، يېتەكلىدى.
چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيەۋى ئاساسنى مۇستەھكەملىدى. ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتى توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسى بويىچە كىتاب ئوقۇش كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈپ، نازارەت پارتىيە گۇرۇپپىسى بەنزىسى ئەزالىرىدىن باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىش - مۇھاكىمە قىلىش، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇش، تۈزىتىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. ھەر دەرىجىلىك «بىرىنچى باشلىق»لار ئۆزى تۇتۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئىشلەپ، 1 - جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىپ، ئۆگىنىش - تەربىيەسى ئارقىلىق، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى «سىياسىي نەتىجىنى كىم ئۈچۈن يارىتىش، قانداق سىياسىي نەتىجە يارىتىش، سىياسىي نەتىجىنى نېمىگە تايىنىپ يارىتىش» دېگەننى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، ئەمەلدە كۆرسىتىش، ئۆزلەشتۈرۈش جەريانىدا ئىدىيەۋى يۆنىلىشنى توغرىلاپ، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت ھەقىقىي ئىقتىدارنى تاۋلاپ، ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشتىكى ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.
بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، چوڭقۇر ئۆگىنىش، ھەقىقىي تەكشۈرۈش، ئەمەلىي تۈزىتىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلدى، ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى كەسپىي خىزمەت بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇپ، ئەينەن ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى ئىچكى جەھەتتە قەلبكە سىڭدۈرۈش، تاشقى جەھەتتە ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. مەسىلىنى تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇشتا مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كەڭ دائىرىدە پىكىر - تەكلىپلەرنى ئاڭلاپ، مەسىلىنى دەل جايىدا تېپىپ، مەنبەنى چوڭقۇر قازدى. تۈزىتىش، تۈزەشتە قاتتىق، ئەمەلىي بولۇپ، تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرگە قارىتا تىزىملىك تۇرغۇزۇپ، كىچىك دائىرە ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ، بىر تەرەپتىن تۈزىتىش، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ دەرھال تۈزىتىشنى ئىشقا ئاشۇردى. قائىدە - تۈزۈم ئورنىتىپ دائىملىق تۈزىتىپ، «ھازىر تۈزىتىش» بىلەن «ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىش»نى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈم نەتىجىلىرىنى ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشتىكى تەرەققىيات قۇۋۋىتىگە ئايلاندۇردى. ئوچۇق - ئاشكارا تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش - تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈمىنى قەلبلەرنى ئىللىتىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى قىلىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت، كاپالەت سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشتىكى كونكرېت ھەرىكەتتە نامايان قىلدى.
دىققەتنى مائارىپ، خەلق تۇرمۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئوچۇق - ئاشكارا تەربىيەلەش، خەلق تۇرمۇشىنى ھەممىدىن مۇھىم بىلىشنى ئۆگىنىش - تەربىيەسىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈردى. ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا دائىر مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇش، ھەل قىلىش تىزىملىكىنى تۈرمۇتۈر تۈزۈپ چىقىپ، كىچىك دائىرە ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشتىن باشلاپ تۈزىتىش، تۈزەشنى ئالغا سىلجىتتى. ئەمەلىي خىزمەت داۋامىدا، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى كېڭەيتىش، ئومۇملاشتۇرۇش، ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مەكتەپ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇپ، مائارىپ ساھەسىدىكى ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزىدى. ئالاقىدار تۈزۈملەرنى ئۆزگەرتىپ مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئادەم ئىشلىتىش روشەن يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇش ئارقىلىق، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.
مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئىنچىكىلەشتۈردى، پۇختىلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سىياسىتىنى تۈزۈش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش، فوندنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلارغا سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇردى. دادىللىق بىلەن ھەقىقىي قول سېلىپ، قىيىنىغا تېگىش قىلىپ، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سىياسىتىنىڭ تېخىمۇ ئومۇمىي مەنپەئەتدار، ئادىل بولۇشى، مۇلازىمەتنىڭ تېخىمۇ قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشى، فوندنىڭ تېخىمۇ بىخەتەر، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشتا ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلىدى. بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، دىققەتنى سۇغۇرتىغا قاتنىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، فوندنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، بېجىرىش مۇلازىمىتى قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى تۈرمۇتۈر ئىنچىكىلەشتۈردى، چىڭىتتى. قائىدە - تۈزۈم ئورنىتىپ دائىملىق تۈزىتىش ئارقىلىق، سىياسىي نەتىجە قارىشىدىكى ئېغىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزىتىش خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش، داۋالىنىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى تەكشۈرۈش ئۆلچىمى قىلىپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشلىرىنى ياخشى بېجىردى.
ئۇدا بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار دىققەتنى تەكشۈرۈش، ئوتتۇرىغا قويۇش، تۈزىتىشكە ئەمەلىي تۈرتكە بولۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئۆگىنىش - تەربىيەسىنىڭ ئەمەلدە كۆرسىتىلىشى، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسى بويىچە مەركەزلىك تۈزەش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنى ئېچىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى چۆرىدەپ مەسئۇلىيەت، ئىش تەقسىماتى ۋە تاماملاش مۇددىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. ۋۇ دېڭيۈن، بۇرماقان مولدو قاتارلىق ئىلغار تىپلارغا سېلىشتۇرۇپ، تۈزۈلمە - مېخانىزم، كادىرلار ئىستىلى، تۈزۈم قۇرۇلۇشى، مۇلازىمەت سۈپىتى، بېجىرىش ۋاقىت ئۈنۈمى قاتارلىق جەھەتلەردىكى پەرقلەرنى تېپىپ چىقتى، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلىدى. دىققەتنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئامما غەم قىلىۋاتقان ئىشلار، باش قاتۇرۇۋاتقان ئىشلارنى چىن قەلب، چېن ھېسسىيات بىلەن ھەل قىلىپ، ئوبراز قۇرۇلۇشى، سىياسىي نەتىجە قۇرۇلۇشىنى قەتئىي توسۇپ، ئەمەلىي نەتىجە ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ئىنكاس قايتۇردى.
تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ ئۆگىنىش ۋە ۋىلايەت بويىچە ۋىلايەت، نازارەت دەرىجىلىك رەھبىرىي يولداشلارنىڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسى بويىچە 1 - قارارلىق كىتاب ئوقۇش كۇرسى ئۆتكۈزۈپ، «تۆتنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش»نى ئەمەلدە كۆرسىتىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا دائىر مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى. قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، دەل جايىدا ئىدارە قىلىشنى يۇغۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىلتىماس - تەلەپنى قوبۇل قىلغان ھامان بېجىرىش»نى ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا سىڭدۈرۈپ، «قوبۇل قىلماي تۇرۇپ ئاۋۋال بېجىرىش» ئۈنۈملۈك چارىسى ئۈستىدە ئىزدەندى. ئۆتۈشمە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان قىيىن نۇقتا، توسۇق نۇقتىلارنى دەل جايىدا تېپىپ، ئۆز خاسلىقىنى نامايان قىلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدەندى. «ساۋما قىلىپ كارخانا سۇپىسىغا كىرىش»نى «تارباغاتاي ئومۇميۈزلۈك بېجىرىش» مۇلازىمەت ماركىسى بىلەن يۇغۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كادىرلارنى ئاڭلىق ھالدا خەلق ئۈچۈن سىياسىي نەتىجە يارىتىشقا، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق سىياسىي نەتىجە يارىتىشقا يېتەكلىدى.






