شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 3 - ئاينىڭ 21 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېينىڭ ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئېيىدا، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 71 مىليارد 220 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن 17.7 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، «تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش» ئىشقا ئاشۇرۇلغان.
ئالدىنقى ئىككى ئايدا، شىنجاڭدىكى تاشقى سودا رايونلىرىنىڭ «مەركەزلىشىش دەرىجىسى» بىرقەدەر يۇقىرى بولۇپ، «باشلامچى» ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولدى. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم %55.2، %122.6 ئاشتى؛ ئاقسۇ ۋىلايىتى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم %179.7، %173.3 ئېشىپ، تاشقى سودىنىڭ ئېشىشىدىكى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندى. ئوخشاش مەزگىلدە، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى 21 مىليارد 280 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.2 ئېشىپ، پۈتۈن شىنجاڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %29.9ىنى ئىگىلىدى؛ شىنجاڭدىكى تۆت ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوننىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى 17 مىليارد 330 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %28.3 ئېشىپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى %24.3 بولدى، تۈرلۈك ئېچىۋېتىش سۇپىلىرى تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى تىرەكلىك رولىنى سىجىل جارى قىلدۇردى.
سودا شەكلىگە كۆپ خىل كۈچ چىقىرىلدى. ئالدىنقى ئىككى ئايدا شىنجاڭنىڭ ئادەتتىكى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %82.2 ئېشىپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى %51.3 بولۇپ، تاشقى سودىنىڭ 31.6 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئېكسپورتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %142.7 ئاشتى، چېگرا ئاھالىلىرى ئۆزئارا سودا بازىرى ئارقىلىق قىلىنغان ئىمپورت بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %225.7 ئاشتى، تاشقى ھۆددە قۇرۇلۇشىدىكى مال، بازاردىن سېتىۋېلىش سودا ئېكسپورتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم %320.9، %230.5 ئاشتى؛ باجدىن خالىي ئەشيا ئوبوروتى، پىششىقلاش سودىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم %11.7، %74.8 ئاشتى.
ئىمپورت - ئېكسپورت جەھەتتە ئەمەلىي نەتىجىسى بار كارخانىلارنىڭ سانى ئاشتى، پۇقراۋى كارخانىلار مۇتلەق ئاساسىي گەۋدە بولدى. ئالدىنقى ئىككى ئايدا، شىنجاڭدا ئىمپورت - ئېكسپورت جەھەتتە ئەمەلىي نەتىجىسى بار تاشقى سودا كارخانىسى 2268 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %23.8 كۆپەيدى. پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى %38.1ئېشىپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى %93.5 بولۇپ، تاشقى سودىغا قوشقان ئومۇمىي تۆھپە نىسبىتى %97.4كە يەتتى؛ چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلارنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولۇپ، ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %351.4 ئاشتى.
«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر يەنىلا شىنجاڭ تاشقى سودىسىنىڭ يادرولۇق بازىرى بولۇپ، سودىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %90تىن ئاشتى. ئالدىنقى ئىككى ئايدا، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى، رۇسىيە بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم %5.7، %181.4، %15.9ئېشىپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى ئايرىم - ئايرىم %51.7، %13.4، %6.1بولدى. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى %351.4 ئېشىپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى %90.3 بولدى. RCEPغا ئەزا باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى %167.2 ئېشىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارلارنى ئېچىش نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولدى.






