تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

باش شۇجى تەكىتلىگەن «قەدەممۇقەدەم» ھەم مېتودولوگىيە، شۇنداقلا سىياسىي نەتىجە قارىشىغا مۇناسىۋەتلىك

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ خاۋ

ئەمدىلا ئاياغلاشقان مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋەكىللەر، ئەزالار بىلەن بىللە دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭەشكەندە، «قەدەممۇقەدەم» توغرىسىدا ئىككى قېتىم توختالدى −

«15 - بەش يىل»لىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ نىشان - ۋەزىپىلىرى ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىشىغىلا قاراشقا بولمايدۇ، ھازىر ئېشىۋاتقىنى قاتتىق ئەمەلىي كۈچ، ئىنتىلىدىغىنىمىز يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش. ئۈزلۈكسىز تۈردە تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ يېڭىلاش ئارقىلىق، قەدەممۇقەدەم يۇقىرىغا قاراپ مېڭىش كېرەك.»

سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئارقىلىق يېڭىچە ئاساسىي قاتلام دىياگنوز قويۇش - داۋالاش سىستېمىسىغا كۈچ قوشۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش توغرىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ دىيالېكتىكىلىق تەھلىل قىلدى: «شارائىتى بار جايلار سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئۈستىدە ئىزدەنسە بولىدۇ، لېكىن يەنىلا قەدەممۇقەدەم كېلىشى، ئاممىۋى داۋالاش ئاساسىنى قەدەممۇقەدەم بەرپا قىلىشى كېرەك.»

«قەدەممۇقەدەم»گە ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، «ئاڭلىق ھالدا قانۇنىيەت بويىچە ئىش قىلىش» پىرىنسىپى ۋە داۋلىسى مۇجەسسەملەنگەن. بۇ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشنىڭ ئىلمىي ئۇسۇلى، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى.

ھەر ئىشنىڭ چوقۇم ئامالى بولىدۇ، ئامالىنى تاپقاندىلا ئاندىن ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ. بىز تەدبىر بەلگىلەش، خىزمەتلەرنى تۇتۇش، ئىش بېجىرىش، تەرەققىياتنى پىلانلاشنىڭ ھەممىسىدە قانۇنىيەتنى تونۇشىمىز، قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلىشىمىز كېرەك. ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇش - تۇرالماسلىق، قانۇنىيەت بويىچە ئىش قىلىش - قىلالماسلىق بىزنىڭ خىزمىتىمىزدە تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىمىزنىڭ بار - يوقلۇقى، ھەتتا نەتىجىگە ئېرىشىش - ئېرىشەلمەسلىكىمىز، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش - قازىنالماسلىقىمىزنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچ.

ئاڭلىق ھالدا قانۇنىيەت بويىچە ئىش قىلىشنىڭ ئاساسى «ئەمەلىي ئەھۋالغا قارىتا كۆڭۈلدە سان بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشتا. رەھبەرلەر سەۋىيەلىك بولۇشى كېرەك، سەۋىيە نەدىن كېلىدۇ؟ «سەۋىيە ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتنى تونۇش ۋە ئىگىلەشتىن كېلىدۇ، ھالبۇكى قانۇنىيەتلىك نەرسىلەر دەل كەڭ ئاممىنىڭ ئەمەلىيىتىگە يوشۇرۇنغان بولىدۇ». چىگىش، مۇرەككەپ بولغان دۇنيا ئەھۋالى، دۆلەت ئەھۋالى، پارتىيە ئەھۋالى، جەمئىيەت ئەھۋالى ئالدىدا، ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، تاغقا چىققاندا ئوتۇنچىدىن سوراپ، سۇغا چۈشكەندە بېلىقچىدىن سوراپ، ھەم «كاتتا بىنالار، ھەشەمەتلىك ئىمارەت»لەرنى، ھەم «كۈن نۇرى چۈشمەيدىغان خالتا كوچا»لارنى كۆرۈپ، بۇ ئارقىلىق قانۇنىيەتنى بايقاش، قانۇنىيەتنى تونۇش كېرەك. «تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خۇددى <ئون ئاي قورساق كۆتۈرۈش>كە ئوخشايدۇ، تەدبىر بەلگىلەش خۇددى <يەڭگىش>كە ئوخشايدۇ. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانى ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش جەريانى بولۇپ، قىسقارتىۋېتىشكە، بىپەرۋالىق قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ.»

ئاڭلىق ھالدا قانۇنىيەت بويىچە ئىش قىلىشنىڭ ئاچقۇچى «ھادىسىدىن ئۆتۈپ ماھىيەتنى ئېنىق كۆرۈش، قانۇنىيەتنى ئىگىلەش»تە. قانۇنىيەت كىشىنىڭ ئىرادىسى بويىچە ئۆزگەرمەيدۇ، ئەمما كىشىلەر ئۇنى تونۇيالايدۇ ۋە قوللىنالايدۇ. ماركسىزمچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، قانۇنىيەت بويىچە ئىش قىلىش ھەم بىر خىل دۇنيا قاراش، ھەم بىر خىل مېتودولوگىيە. 20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدا، خېبېي جېڭدىڭ «يۇقىرى ھوسۇللۇق نامرات ناھىيە» بولۇشتەك قىيىن ئەھۋالغا دۇچ كەلدى، ئەينى چاغدا جېڭدىڭ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان يولداش شى جىنپىڭ ئىقتىسادىي قانۇنىيەتنى ئىگىلەپ، جېڭدىڭنىڭ خېبېي ئۆلكىسىنىڭ مەركىزىگە يېقىن بولۇشتەك رايون ئورنى ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن «يېرىم شەھەر ئەتراپى تىپى»دىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات يولىدا مېڭىشنى بېكىتتى، پۈتۈن ناھىيە ئىقتىسادى شۇنىڭ بىلەن ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. جېجياڭدا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان يىۋۇ بىلەن ئارقىدا قالغان تۈزۈلمە - مېخانىزم ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ «تېز ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان بالىغا چوڭ كىيىم كىيگۈزۈش»تىن ئىبارەت جانلىق ئوخشىتىش ئارقىلىق دەۋر ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئىلگىرىلەپ، ۋەزىيەتكە قاراپ يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى سۆزلىدى.

ئاڭلىق ھالدا قانۇنىيەت بويىچە ئىش قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى «ئېھتىياج بىلەن ئىمكانىيەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش»تە. ئوبيېكتىپ قانۇنىيەت ۋە رېئال شارائىتقا ھۆرمەت قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، مېڭىنى ئىشقا سېلىپ پىكىر يولىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئىككىسىنىڭ ئەڭ ياخشى بىرىكىش نۇقتىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، «ھەم قۇربىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەپ، ھەم مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈش»نى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. مەسىلەن: رايون تەرەققىياتىدا «شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئۆز رايونىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ماس كېلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىنى تېپىپ چىقىش كېرەك»، ئېنېرگىيە ئۆزگىرىشىدە «ئاۋۋال قورساق تويغۇزۇش، ئاندىن ياخشى يېيىش كېرەك»، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتا «ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، ئاۋۋال ئورنىتىپ ئاندىن بىكار قىلىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك».

بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز «جەزمەن ئىقتىسادىي قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلىدىغان ئىلمىي تەرەققىيات بولۇشى، جەزمەن تەبىئەت قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىدىغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات بولۇشى، جەزمەن جەمئىيەت قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىدىغان سىغدۇرۇشچان تەرەققىيات بولۇشى كېرەك».

ھەقىقىي «قىممىتى يۇقىرى» «ۋاقىت ئۈنۈمدارلىقى ئۇزاق» بولغان سىياسىي نەتىجە ئەزەلدىن قانۇنىيەتكە خىلاپ بولغان قارىغۇلارچە ئىش قىلىش بولماستىن، بەلكى قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلىدىغان ۋەزىيەتكە بېقىپ تەدبىر قوللىنىش، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئىلگىرىلەش؛ كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكىلا بېرىلگەن يۈزەكى كۆرۈنۈش بولماستىن، بەلكى كېيىنكى ئەۋلادلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان قەدەمنى پۇختا بېسىش، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، تىرىشىپ ئىشلەش. ئاڭلىق ھالدا قانۇنىيەت بويىچە ئىش قىلىپ، «ئوتتۇرىغا قويۇلغان چارە - تەدبىر، سىياسەت، لايىھەلەرنى ئەمەلىي ئەھۋالغا ئۇيغۇنلاشتۇرغان، ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتكە ئۇيغۇنلاشتۇرغان، ئىلمىي روھقا ئۇيغۇنلاشتۇرغان»دىلا، ئاندىن دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان، خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان، تارىخقا يۈز كېلەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى ياراتقىلى بولىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.