ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار قاراتمىلىقى، ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى كۈچەپ ئۆستۈردى ——
ئۆگىنىش - تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈمى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدى
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو چيەن
پۈتۈن پارتىيەدە توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇشقا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، ئۆگىنىش - تەربىيەسىنىڭ قاراتمىلىقى، ئۈنۈمدارلىقىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئۆگىنىش - تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈمى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدى.
ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى (كېڭەيتىلگەن)يىغىنى ھەم پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىنى ئاچتى، يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشنى تۇتقا قىلىپ، ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك. چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىنچىكە تەتقىق قىلىش داۋامىدا، ئىدىيە ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئۆگىنىش - مۇھاكىمە قىلىشنى باش ۋەزىپە قىلىپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، ئەمەلدە كۆرسىتىش، ئۆزلەشتۈرۈش، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك؛ ھەقىقىي قول سېلىپ قىيىنىغا تېگىش قىلىپ تەكشۈرۈپ - تەھلىل قىلىپ، تەكلىپلەرنى ئاشكارا قوبۇل قىلىپ، سىياسىي نەتىجە قارىشىدىكى ئېغىش گەۋدىلىك بولغان مەسىلىلىرىنى تېپىپ چىقىشىمىز كېرەك؛ ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي تۈزىتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە چىڭ قادىلىپ، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ دەرھال تۈزىتىشىمىز، سىستېمىلىق تۈزىتىشىمىز، نىشانلىق تۈزىتىشىمىز، قاتتىق تۈزىتىشىمىز كېرەك؛ ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچەش داۋامىدا ئەمەلىي ئايلاندۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، مەۋقەنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە قويۇپ، خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى بېجىرىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئارقىلىق ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىسىنى تەكشۈرۈشىمىز كېرەك؛ مېخانىزمنى دائىملىق ئۇزاق ئۈنۈملۈك تاكامۇللاشتۇرۇپ، «ھازىر تۈزىتىش» بىلەن «ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىش»نى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي نەتىجە قارىشىدىكى ئېغىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزىتىش خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇشىمىز كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر ئىشلىرى نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىن ئېچىپ، «بەش گەۋدىلىك بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش يولىنى ئايدىڭلاشتۇردى. «چوڭقۇر ئۆگىنىش»نى گەۋدىلەندۈرۈپ، مۇھىم بايانلارنى ئەينەن ئۆگىنىپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش؛ «ئىنچىكە تەكشۈرۈش»نى گەۋدىلەندۈرۈپ، مەركەز ھەم ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كۆزىتىش قايتما ئىنكاس پىكرىگە سېلىشتۇرۇپ، ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەرنىڭ پىكرىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلاپ، سىياسىي نەتىجە قارىشى جەھەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى دەل جايىدا تېپىپ چىقىش؛ «ھەقىقىي تۈزىتىش»نى گەۋدىلەندۈرۈپ، دىققەتنى ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى قىيىن نۇقتا، توسۇق نۇقتىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىستىلنى ياخشىلاش، سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش؛ «ئۇزاق ئۈنۈملۈك تۈزۈم ئورنىتىش»نى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىلمىي، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش، سىياسىي نەتىجە قارىشى بويىچە مەسىلىلەرنى كۆزىتىش - ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش مېخانىزمى ۋە كادىرلارنى سىناش، باھالاش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تۈزۈم ئارقىلىق نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەش؛ «ئوچۇق - ئاشكارا بولۇش»نى گەۋدىلەندۈرۈپ، خەلقنىڭ ھال - ئەھۋالىنى سوراش، خەلقتىن ئەقىل سوراش، خەلقتىن ئۈنۈمنى سوراشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەرنى خىزمەت ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈشكە قاتناشتۇرۇش.
ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ ئۆگىنىش ئۆتكۈزۈپ، مۇنداق تەلەپ قىلدى: ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش - تەربىيەسىدىكى بەلگىلەنگەن مۇندەرىجىدىكى مەزمۇنلارنى دائىملاشقان ئۆگىنىشكە سىڭدۈرۈشىمىز كېرەك؛ مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇشتا راستچىل بولۇپ تېگى - تەكتىنى بىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىياسىي نەتىجە قارىشىدىكى ئېغىش، يېتەرسىزلىكلەرنى تەكشۈرۈپ كۆزىتىشىمىز، تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز كېرەك؛ تۈزىتىش، تۈزەشتە ئەمەلىيەتچىل بولۇپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ، بىر تەرەپتىن تۈزىتىپ، شەكىلۋازلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا دائىر مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىشىمىز كېرەك. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشنى مەدەنىيەت - ساياھەت خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، دىققەتنى شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، خاس ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مەنزىرە رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ساياھەت ئارقىلىق ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «يۈز - ئابرۇي قۇرۇلۇشى» «ئوبراز قۇرۇلۇشى»نى قەتئىي توسۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن مەدەنىيەت - ساياھەت كۈچىنى قوشۇشىمىز كېرەك.
ھەرقايسى ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)لەر ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىن ئاچتى، يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئۆگىنىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كىتاب ئوقۇش كۇرسى، مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش، تەربىيەلەش - يېتەكلەش ئارقىلىق چوڭقۇر ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك؛ مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالاقىدار تەلەپلەرگە سېلىشتۇرۇپ پۇختا تۈزىتىشىمىز كېرەك؛ كىچىك دائىرە ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىپ، تۈزىتىشنى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش، كۆزىتىش، تەكشۈرۈش بويىچە تۈزىتىش قاتارلىقلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئاممىغا ئەمەلىي ئۆزگىرىشنى كۆرسىتىشىمىز كېرەك؛ ئەمەلىي ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رەھبىرىي كادىرلارنى ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ئۆز خىزمىتى ۋە كەسپىي تەرەققىياتىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە يېتەكلىشىمىز كېرەك.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئاچتى، يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى بۇ يىللىق پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، «ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلققە بەخت يارىتىش، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش» ئومۇمىي تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىشتا مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مەسىلىنى تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇشنى كونكرېت ئادەم، كونكرېت ئىشقىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈزىتىش، تۈزەشتە ھەقىقىي قول سېلىپ قىيىنىغا تېگىش قىلىپ، قائىدە - تۈزۈم ئورنىتىشنى دائىملاشتۇرۇپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك قىلىپ، ئوچۇق - ئاشكارا تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇش، خەلق ئۈچۈن سىياسىي نەتىجە يارىتىش، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق سىياسىي نەتىجە يارىتىش، تىرىشىپ ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى يارىتىشقا يېتەكلىشىمىز كېرەك.
قاراماي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىن ئېچىپ، شەھەر بويىچە ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ئۆگىنىش ۋە مۇھاكىمىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، كوللېكتىپ ئۆگىنىش بىلەن شەخسلەر ئۆزى ئۆگىنىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشى، كىتاب ئوقۇش كۇرسى، مەخسۇس تېمىلىق پارتىيە دەرسى قاتارلىقلارنى تەشكىللىشىمىز كېرەك؛ مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق تەكشۈرۈپ كۆزىتىپ، تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، تىزىملىك تۇرغۇزۇپ، تەدبىر تۈزۈپ، ھەقىقىي تۈزىتىش، ئەمەلىي تۈزىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك؛ تۈزىتىش، تۈزەشنى قاتتىق ياخشى تۇتۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىزلاپ ئۈنۈمىنى سۈرۈشتۈرۈپ، دەرھال تەكشۈرۈپ دەرھال تۈزەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك؛ دائىملىق، ئۇزاق ئۈنۈملۈك قائىدە - تۈزۈم ئورنىتىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، نەتىجە، تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلىشىمىز كېرەك؛ ئوچۇق - ئاشكارا تەربىيە ئېلىپ بېرىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى پۇختا، ياخشى ئىشلەشكە يېتەكلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ھېس قىلىش ۋە مەنپەئەتلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.






