تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چوڭقۇر ئۆگىنىش، ھەقىقىي تەكشۈرۈش، ئەمەلىي تۈزىتىشنى ھەرىكەتتە كۆرسىتىش

​− ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو چيەن

پۈتۈن پارتىيەدە توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە ئالاقىدار يىغىنلارنى ئارقا - ئارقىدىن ئېچىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى چۆرىدەپ كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، چوڭقۇر ئۆگىنىش، ھەقىقىي تەكشۈرۈش، ئەمەلىي تۈزىتىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەر ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىن ئېچىپ، بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش خىزمىتى ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپ بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى تەلەپ قىلدى. يىغىندا مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى يىللىق نۇقتىلىق خىزمەتلەر، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كۆزىتىش قايتما ئىنكاس پىكرى بويىچە تۈزىتىش قاتارلىقلار بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، بازاردىكى ئادىل رىقابەتنى قوغداش، يېمەكلىك - دورا بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەردە نامايان قىلىش كېرەك. ئەمەلىي كۈچ سەرپ قىلىپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، شىنجاڭنىڭ بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىشلىرى بويىچە «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىن ئېچىپ، نازارەت سىستېمىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ھەقىقىي تەكشۈرۈش، ئەمەلىي تۈزىتىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشى كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ئۆگىنىش - مۇھاكىمە قىلىشنى ياخشى تۇتۇپ، دىققەتنى مۇھىم نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، تەربىيەلەش - يېتەكلەشنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى ئىچكى جەھەتتە قەلبكە سىڭدۈرۈش، تاشقى جەھەتتە ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. سىياسىي نەتىجە قارىشى جەھەتتە ساقلانغان مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەسىلە تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇش ھەم ھەرىكەت ھالىتىدە يېڭىلاش كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ مەركەزلىك تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، كىچىك دائىرە ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ دەرھال تۈزىتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇش ۋە قائىدە - تۈزۈم ئورنىتىشنى ياخشى تۇتۇپ، سىياسىي نەتىجە قارىشىدىكى ئېغىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزىتىش خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. ئوچۇق - ئاشكارا تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى پارتىيە كومىتېتى پارتىيە كومىتېتى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى، يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ تەكشۈرۈپ كۆزىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىپ مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، قاتناش - تىرانسپورت بويىچە ئاچقۇچلۇق ساھەلەردىكى يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرلەرنى ئومۇميۈزلۈك بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، مەسىلە، مەسئۇلىيەت، تۈزىتىش تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، «خەلق قاتنىشى خەلق ئۈچۈن» دېگەن ئىدىيەۋى ئاساسنى مۇستەھكەملەش كېرەك. ئۆگىنىش - تەربىيەسى بويىچە تۈزىتىش، تۈزەشنى مەركىزىي كومىتېت، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كۆزىتىش قايتما ئىنكاس پىكرى بويىچە تۈزىتىشكە بىرلەشتۈرۈپ، سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇش، ماس كۈچەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. سىياسىي نەتىجە قارىشىدىكى ئېغىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزىتىش خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دىققەتنى «بىر تور، تۆت تىپ ئۆزگەرتىش» قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەت ۋەزىپىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئوچۇق - ئاشكارا تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، قاتناش - تىرانسپورت ساھەسىدىكى ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا دائىر مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئۆگىنىش - تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى خەلق رازى بولىدىغان قاتناش بەرپا قىلىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ماس قەدەمدە ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئۆگىنىش - تەربىيەسىنىڭ ئاساسىي قاتلامدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى. قەشقەر ۋىلايىتى نازارەت دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسى بويىچە كىتاب ئوقۇش كۇرسى ئېچىپ مۇنداق تەلەپ قىلدى: ئۆگىنىشنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي نەتىجە قارىشىدىكى ئېغىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئىدىيە چوڭقۇر قاتلىمىدىن تۈرتكە بولۇپ، پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىپ مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈزىتىش، تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىشقا نىشانلىق كۈچەش كېرەك. ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنى جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق خىزمەتلەردە ئىستىلنى تاۋلاشقا، قابىلىيەتنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك. قائىدە - تۈزۈم ئورنىتىشنى ياخشى تۇتۇپ، ئوچۇق - ئاشكارا تەربىيەلەش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك.

بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىن ئاچتى، يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆگىنىش شەكلىنى بېيىتىپ، كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ ئومۇميۈزلۈك سېلىشتۇرۇپ مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىپ، ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشتىكى خىزمەت ئەمەلىي نەتىجىسىگە ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ تۈزىتىش، تۈزەشنى مەركىزىي كومىتېت ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كۆزىتىشىگە ئاساسەن تۈزىتىش، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسى بويىچە تۈزىتىش، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش، يولغا قويۇش قاتارلىقلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي نەتىجىنى تەكشۈرۈش - باھالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھوقۇق يۈرگۈزۈشنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك.

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىن ئاچتى، يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى، رېئال تەخىرسىزلىكىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشىنى پۇختا قانات يايدۇرۇش، كىتاب ئوقۇش كۇرسىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش كېرەك؛ تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، ھەقىقىي تۈزىتىپ، ئەمەلىي تۈزىتىپ، تۈزىتىش، تۈزەشنى ھەقىقىي قول سېلىپ قىيىنىغا تېگىش قىلىپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، كادىرلار قوشۇنىنى كۈچلۈك قۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەردە ئىستىلنى تاۋلاشقا يېتەكلەش كېرەك؛ «ھازىر تۈزىتىش» بىلەن «ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىش»نى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش - تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشى، ئەمەلدە كۆرسىتىلىشى، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.