− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان جۇڭگو دېھقان - ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى، 3 - سېنتەبىر ئىلمىي جەمئىيىتى، تېببىي دورا - سەھىيە ساھەسى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىغانلىقى ھەم بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشقانلىقى توغرىسىدا خاتىرە
□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى لىن خۇي، جاڭ يەن
قار توختاپ بۇلۇتلار تارقىدى، پايتەخت رەڭدار تۈسكە كىردى.
3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىن مەيدانىغا كىرىپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان جۇڭگو دېھقان - ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى، 3 - سېنتەبىر ئىلمىي جەمئىيىتى، تېببىي دورا - سەھىيە ساھەسى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىدى ھەم بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشتى.
«كۆپچىلىك بىلەن بىللە مۇزاكىرە قىلىپ، پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئاڭلىغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن» دېدى باش شۇجى سەمىمىيلىك بىلەن.
«2035 - يىلىغا بارغاندا ساغلام جۇڭگو قۇرۇپ چىقىش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان بىر تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر، <15 - بەش يىل> بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىل، جەزمەن بىرتۇتاش پىلانلاپ، تېز ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.» باش شۇجىنىڭ بۇ سۆزىدە، «15 - بەش يىل» باشلىنىش يىلىدا ئەزالار بىلەن دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭىشىش، سەھىيە - ساغلاملىق ئىشلىرى توغرىسىدا ئورتاق پاراڭلىشىشتىكى چوڭقۇر ئويلىنىشى ئىپادىلەندى.
ئۇزاقتىن بۇيان ساغلام جۇڭگو ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ئەزا ۋاڭ لۇ تۇنجى بولۇپ سۆز قىلدى. ئۇ باش شۇجىغا مۇنداق دوكلات قىلدى: «بىز شۇنى خۇشاللىق بىلەن كۆردۇقكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاسمان تېخىمۇ كۆك، سۇ تېخىمۇ سۈزۈك بولدى، خەلق ئاممىسى تېخىمۇ ساغلام بولۇپ ئۆمرى ئۇزاردى، 2025 - يىلى دۆلىتىمىزدە كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمرى 79.2 ياشقا يەتتى».
باش شۇجى مۇنداق كۆرسەتتى: بۇنىڭ ئىچىدە يەنە بەزى پەرقلەرمۇ بار. ھەم ئەر - ئاياللار پەرقى، رايون پەرقى بار، شۇنداقلا ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت سەۋىيەسى، تۇرمۇش ئۇسۇلى پەرقىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا يەنە يەنىمۇ ئۆستۈرۈش بوشلۇقى بار.
خەلق تۇرمۇشىغا دائىر نۇرغۇن ئىشتا ساغلاملىق ناھايىتى مۇھىم. «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى لايىھەسىدە 2030 - يىلى ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمۈرنى 80 ياشقا يەتكۈزۈش نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، شۇ چاغدا دۆلىتىمىز ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسلىق ساغلاملىق كۆرسەتكۈچىنىڭ يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەر قاتارىغا كىرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. باش شۇجى مۇنداق تاپىلىدى: «ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى يېتىلدۈرۈش، ئاممىۋى تەنتەربىيە ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم.»
نىڭشيادىن كەلگەن ئەزا ما شيۇجېن ئۇزاق مەزگىل داۋالاش ساھەسىدە خىزمەت قىلغان، ئۇ AIنىڭ يېڭىچە ئاساسىي قاتلام دىياگنوز قويۇش - داۋالاش سىستېمىسىغا كۈچ قوشۇش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.
باش شۇجى مۇنداق دېدى: «تور سىرتىدىكى سەھىيە - ساغلاملىق ئاساسىنى يەنىلا پۇختىلاش كېرەك. شارائىتى بار جايلار سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئۈستىدە ئىزدەنسە بولىدۇ، لېكىن يەنىلا قەدەممۇقەدەم كېلىشى، ئاممىۋى داۋالاش ئاساسىنى قەدەممۇقەدەم بەرپا قىلىشى كېرەك.»
قارلىق ئېگىزلىكتىن كەلگەن ئەزا باساڭ جوما ئۇزاقتىن بۇيان شىزاڭدا داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلدى. ئۇ باش شۇجىغا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە ۋە سەھىيە - ساغلاملىق خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۇدا تىرىشچانلىقىدا، ئېگىزلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكى، ئېگىزلىكتىكى خەتەرلىك، ئېغىر كېسەللەرنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش قاتارلىق دۇنيا دەرىجىلىك قىيىن مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنغانلىقىنى دوكلات قىلدى.
باساڭ جومانىڭ چىڭخەي - شىزاڭ تۆمۈريولى قۇرۇلۇشىدا بىرمۇ ئادەمنىڭ ئېگىزلىك كېسىلى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتمىگەنلىكى، سىچۇەن - شىزاڭ تۆمۈريولى قۇرۇلۇشىدا «ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئوكسىگېن بۆلمىسى + قاندىكى ئوكسىگېننى ھەر ۋاقىت ئۆلچەپ تەكشۈرۈش» قاتارلىق تەدبىرلەر قوللىنىلىپ ئېگىزلىك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەنلىكى توغرىسىدىكى بايانىنى ئاڭلاپ، باش شۇجى ئىنتايىن خۇشال بولۇپ مۇنداق دېدى: «ئېگىزلىك كېسىلى ئىزچىل ئېگىزلىكتىكى خىزمەت، تۇرمۇشتا دۇچ كەلگەن ئەڭ زور قىيىنچىلىق.»
«ھازىر شارائىت، تېخنىكا سەۋىيەسىنىڭ كۆپىنچىسى يېتىشىپ مېڭىۋاتىدۇ»، «يۇقىرى بېسىملىق ئوكسىگېن بۆلمىسى قۇرۇلۇشى ناھايىتى ئومۇملاشتى»، «چېگرا مۇداپىئە جەڭچىلىرىنىڭ شارائىتى ياخشىلاندى، ئىسسىق سۇدا يۇيۇنالايدىغان بولدى»... باش شۇجى ئۇلاپلا بىرنەچچە تەرەپتىن سۆزلىدى. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش دۇنيا ئۆگزىسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى مۆجىزىلەرنى ياراتتى، ئېگىزلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش ھەم بۇنىڭ بىر ئىخچام كۆرۈنۈشى، ھەم بىر كۈچلۈك دەلىلى.
ئەزا جياڭ جيەندۇڭ دورا تەتقىقاتچىسى، ئۇ باش شۇجىغا مۇنداق دوكلات قىلدى: «ئۆتكەن 20 نەچچە يىلدا، جۇڭگو دورىگەرلىكى تەقلىد قىلىپ ياساشتىن ئەلالاشتۇرۇشقىچە، يەنە يېڭىلىق يارىتىشقىچە بولغان ئۈچ باسقۇچنى بېسىپ ئۆتۈپ، كۆپ قېتىم ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى. دورىگەرلىك ساھەسىدە، دۆلىتىمىز 20 نەچچە يىل ئىلگىرىكى دۇنيا بويىچە 20 - ئورۇننىڭ سىرتىدا تۇرۇشتىن تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى».
ھازىرغا نەزەر سېلىپ ئۆتمۈشنى ئەسلىگەندە، غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. بۇ، كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ، ئىشەنچنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىدۇ.
«يېڭى دورا، ئەسلىي ئىجادىي دورىلاردا ھازىر كۆپ نۇقتىدىن بۆسۈش ھاسىل قىلىندى.» باش شۇجى مۇئەييەنلەشتۈردى.
جياڭ جيەندۇڭ مۇنداق دېدى: «بىرىنچى سەپتە ئەجىر سىڭدۈرۈپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، كەلگۈسى بەش يىلدىن ئون يىلغىچە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا كۈچەيمىز».
ماتېرىيال تېخنىكا ۋە كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئۇل تېشى. ئۇزاق مەزگىل مېتال ماتېرىياللىرى ئىلمىدە چوڭقۇر ئىزدەنگەن ئەزا لۇ كې سۆزىدە پەن تەتقىقات خىزمىتىدىكى ئەڭ يېڭى نەتىجىلەرنى دوكلات قىلدى.
تەجرىبىخانا قايسى دەرىجىدە؟ تەتقىق قىلىپ ئېچىش نەتىجىلىرى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ باھالىشى - ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتىمۇ؟ مەھسۇلات ئەمەلىي قوللىنىشقا كىرىشتۈرۈلدىمۇ؟ باش شۇجى ماتېرىيال، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتىكى ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ۋە پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇپ قوللىنىشقا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى.
مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن جاۋابنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، باش شۇجى مۇنداق دېدى: «ئەسلىي ئىجادىي تېخنىكىلاردا <0>دىن <1>گە ئۆتۈش، تەجرىبە قىلىشتىن ئايلاندۇرۇپ قوللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك، ئىلمىي ماقالە باسقۇچىدىلا توختاپ قېلىشقا بولمايدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن يەنە <1>نى ئۇزارتىش، ئالغا سىلجىتىش كېرەك.»
«<14 - بەش يىل>دىكى پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىدا يارقىن نۇقتىلار ئارقا - ئارقىدىن نامايان بولدى، بۇ، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەسىنىڭ توغرىلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، <15 - بەش يىل>دا يەنە داۋاملىق كۈچەيتىلىدۇ.» باش شۇجى چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «ھازىر بىز ئىستراتېگىيە جەھەتتىكى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى تېخىمۇ كۆپ ھەل قىلىشىمىز، <سوراپ ئالغىلى، سېتىۋالغىلى، ئۆتۈنۈپ ئالغىلى بولماسلىق> مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىمىز كېرەك. پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىدا ھەممە تەرەپكە تەڭ ئېتىبار بېرىپ كەتكىلى بولمايدۇ، قىلىدىغاننى قىلىش، قىلمايدىغاننى قىلماسلىق كېرەك. <قىلىدىغاننى قىلىش>تا مەسىلە يۆنىلىشى، ئېھتىياج يۆنىلىشى جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، نۆۋەتتىكى جىددىي ئىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك.»
ئەزا ليۇ چىفاڭ ئۇزاق مەزگىل ئاممىۋى مەنپەئەت - خەيرىيەت بىرىنچى سېپىدە خىزمەت قىلدى، ئۇ ئۆزىنىڭ ھەقىقىي تەسىراتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئېتىز باشلىرىغا بارغاندا، ئاممىنىڭ ئۆيلىرىگە كىرگەندە مەن شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىمكى، ئورتاق بېيىش دېگەن بۇ سۆز قەغەزگە يېزىلسا سىياسەت بولىدىكەن، ئەمەلىيلەشتۈرۈلسە مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرنىڭ تاماق قاچىسى، ياشانغانلار ۋە بالىلارنىڭ تەبەسسۇمىغا ئايلىنىدىكەن».
ليۇ چىفاڭ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش بىلەن 3 - تەرەپ باھالاش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، «ئوچۇق - ئاشكارا يۈرۈشتۈرۈش» ئارقىلىق جەمئىيەت ئىشەنچىنى قوغداپ، ھەربىر ئۈلۈش مېھرىبانلىقنى ئەڭ ئېھتىياجلىق جايغا يەتكۈزۈش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى.
«خەيرىيەت ئىشلىرىنى تىلغا ئالغاندا، بۇنىڭدا يەنە ساغلام، تەرتىپلىك تەرەققىي قىلىشقا قانداق يېتەكلەشتىن ئىبارەت بىر مەسىلە بار.» باش شۇجى ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ شۇنداق كۆرسەتتى.
ساغلام جۇڭگو قۇرۇشتا، دائىملىق ئىشلارنى تۇتۇش، جايىدا تۇتۇش كېرەك.
باش شۇجىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى كونكرېت ۋە ئەتراپلىق بولدى: «كىشىلەرنى مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىشقا يېتەكلەش، ساغلام بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ئەمەلىي تەدبىر ۋە كونكرېت تۇتقا بولۇشى كېرەك. نۇقتىلىق خىزمەتلەر جايىدا ئىشلەنسە، ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتقىلى بولىدۇ.»
«مەن ھەر يىلى بىر قېتىم سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىپ پىكىر - تەكلىپلەرنى ئاڭلايمەن. بۇ قېتىم، بۇ يەردە ئولتۇرغان سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى تۆت ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ۋەكىللىك دائىرىسى بىرقەدەر مەركەزلەشكەن، باغلىنىش دەرىجىسى بىرقەدەر يۇقىرى بولغىنى سەھىيە ۋە ساغلاملىق خىزمىتى. شۇڭا مەن بۈگۈن نۇقتىلىق ھالدا ساغلام جۇڭگو قۇرۇشنى تېزلىتىش توغرىسىدا بەزى ئوي - پىكىرلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويىمەن.» ئالتە نەپەر ئەزانىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، باش شۇجى يەنە «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش توغرىسىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.
خەلقنىڭ ساغلاملىقىدا داۋالاش - ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتىدىكى «كىچىك رېتسېپ»قا تايىنىش، شۇنداقلا جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك ھەمتۈرتكە بولىدىغان «چوڭ رېتسېپ»قا تايىنىش كېرەك.
باش شۇجى نەق مەيداندىكى ئەزالاردىن مۇنداق ئۈمىد كۈتتى: «كەسىپ ئەۋزەللىكىڭلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇڭلار.»
يىغىن مەيدانىدا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تېلېگراممىسى)






