شىنجاڭ گېزىتى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 7 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرى ئايرىم - ئايرىم ئۆزى تۇرۇشلۇق ساھەنىڭ گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتنىشىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە پىلان دوكلاتى، خامچوت دوكلاتىنى مۇزاكىرە قىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى.
ھەرقايسى گۇرۇپپا يىغىنلىرى نەق مەيدانىدا كەيپىيات قىزغىن بولدى، ئەزالار بىردەك مۇنداق قارىدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈلۈپتۇ، سىياسىي يۈكسەكلىكى يۇقىرى، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى ئەمەلىي، خەلقچىل ھېسسىيات قويۇق بولۇپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولغان، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىلغان، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەيدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ.
ئەزا ۋاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: دوكلاتتا ئۇرۇقچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، بۆسۈش خاراكتېرلىك سورتلارنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش ۋە كېڭەيتىشنى تېزلىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى پەن - تېخنىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم. يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقات خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاپ، ئىشلەپچىقىرىش بىرىنچى سېپىنىڭ ئېھتىياجىنى چىڭ كۆزلەپ، قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇپ ئەمەلىي قوللىنىشنى تېزلىتىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك 100 مىليارد جىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا كۈچ قوشۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئاساسىنى قوغداپ، يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن.
«دوكلاتتا شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش پىلانىنى تۈزۈپ يولغا قويۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ، ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشتىكى مۇھىم تەدبىر، بۇنىڭدىكى مەقسەت ئاھالىلەرنى خەجلەيدىغان پۇلى بولۇش، دادىل پۇل خەجلىيەلەيدىغان بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش.» ئەزا جاڭ خۇي يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىش سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ناھىيە، يېزا، كەنت دەرىجىلىك ئۆزگىچە كەسىپلەرنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەر ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ھەميېنىنى تومپايتىش؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىستېمالغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزم توسۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ياخشى ئىستېمال مۇھىتى يارىتىش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى.
ئەزا چى شياۋبىڭ مۇنداق دېدى: دوكلاتتا ئوقۇش يېشىدىكى نوپۇس قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، مائارىپ بايلىقىنىڭ جايلىشىش قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى ئالغا سىلجىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇنىڭ ئۈچۈن، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئوقۇش يېشىدىكى نوپۇسنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش - ئالدىن سىگنال بېرىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ئارقىلىق، كۆپ تارماق يۇقىرى ئۈنۈملۈك ماسلىشىدىغان، ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرىدىغان مائارىپ بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاش - تەقسىملەش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، شەھەر - يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، مائارىپ بايلىقىنى ئوقۇش باسقۇچى ھالقىپ ھەرىكەتچان تەڭشەپ، ئاساس مائارىپنىڭ ئەلا سۈپەتلىك بايلىق سىغىمىنى كېڭەيتىپ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلار ئىشتاتىنى ھەرىكەتچان باشقۇرۇش مېخانىزمى ھەم خىراجەت كاپالىتى مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
دوكلاتتا ساغلاملىق ئىشلىرىنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر سىياسەت - تۈزۈم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئەزا مۇختەبەر ئابدۇل شەھەر - يېزىلاردا راك كېسىلىنى بالدۇر تەكشۈرۈپ بايقاش، بالدۇر دىياگنوز قويۇش، بالدۇر داۋالاش تورىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنى ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەندۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىلغاپ تەكشۈرۈش، دىياگنوز قويۇش ۋە يۆتكەپ دىياگنوز قويۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، رايونلار، شەھەر - يېزىلار ئارىسىدىكى مۇلازىمەت پەرقىنى كىچىكلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى «ئىشىك ئالدى»دىلا تېخىمۇ خاتىرجەم داۋالىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى.
ئېلزات ئەخمەتجان، قادىلبېك قامزا، جارۇللا ھېسامىدىن، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، ليۇ جيەنمىڭ، خالمۇرات ئابدۇراخمان، غالىپجان قادىر قاتارلىقلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا ھەرقايسى گۇرۇپپىلارنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى.






