تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ساغلام شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىمىز

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سىياسىي كېڭەشنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى شىنجاڭدىكى كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان جۇڭگو دېھقان - ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى، 3 - سېنتەبىر ئىلمىي جەمئىيىتى، تېببىي دورا - سەھىيە ساھەسى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىدى ھەم بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتنىشىپ پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى. باش شۇجى مۇنداق تەكىتلىدى: 2035 - يىلىغا بارغاندا ساغلام جۇڭگو قۇرۇپ چىقىش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان بىر تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر، «15 - بەش يىل» بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىل، جەزمەن بىرتۇتاش پىلانلاپ، تېز ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللەر، ئەزالار ۋە ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك زور ئىلھام ئالدى، ھەسسىلەپ غەيرەتكە كەلدى، ئۇلار بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جۇڭگوچە سەھىيە ۋە ساغلاملىق تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، كەسپىي ئەۋزەللىكىمىزنى سىجىل جارى قىلدۇرۇپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن شىنجاڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى قوشىمىز.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ساغلام جۇڭگو قۇرۇشتا، جەزمەن دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى ليۇ تاۋ باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنى نەق مەيداندا كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، قەلبى چەكسىز ھاياجانغا تولدى. «3 - سېنتەبىر ئىلمىي جەمئىيىتىدىن كەلگەن سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، چېگرا رايوندا تۇرۇۋاتقانلىقىم ئۈچۈن، مەن ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنىڭ مەنپەئەتلەندۈرۈشچانلىقىنىڭ ھەر مىللەت ئاممىغا نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىغا نىسبەتەن تېخىمۇ تەسىراتقا ئىگە، شۇنداقلا ئىجتىمائىي كاپالەت تورىنى مۇستەھكەملەشنىڭ رايون مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىدىكى مۇھىملىقىنى تېخىمۇ چۈشىنىمەن.» ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بۇرچنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، مەۋقەنى كەسپىي ئارتۇقچىلىقىمغا قويۇپ، سىجىل تۈردە دىققەتنى تېببىي دورا - سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ۋە نوپۇسنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ، ھەقىقىي تەكلىپ بېرىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىق مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەش، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ساغلام جۇڭگو قۇرۇش بىر تۈرلۈك سىستېمىلىق قۇرۇلۇش.

«باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يېڭى مۇساپىدىكى سەھىيە - ساغلاملىق خىزمىتىنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى، قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.» ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر فېڭ دۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: «شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان خاس تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، دۆلەت دەرىجىلىك ئۈچ رايون داۋالاش مەركىزىنى باشلامچى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تۆت رايون داۋالاش مەركىزىنى <ئىككى قانات> قىلىپ، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقى سىغىمىنى كېڭەيتىپ، ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەندۈرۈش، تەڭپۇڭ ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاساسىي قاتلام ئۇلىنى سىجىل پۇختىلاپ، داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش ئاساسىنى كۈچەيتىش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، <سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +>نى ئالغا سىلجىتىپ، <ئاساسىي قاتلامدا تەكشۈرۈش، يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىلار دىياگنوز قويۇش> ئەندىزىسىنى كېڭەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە يۈرۈشۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز؛ جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىنى گۈللەندۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇش زور قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، شىنجاڭ جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى ۋە مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكىنىڭ خاس ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئامما ئۈچۈن ساغلاملىق توسۇقىنى مۇستەھكەملەيمىز».

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇپ قوللىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقى بويىچە رەقەملەشتۈرۈش ۋە ئاقىللاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

«باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى تېببىي دورا كارخانىلىرى ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىپ، بىزنىڭ جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى، مىللىي تېبابەت دورىلىرى ساھەسىدە چوڭقۇر ئىزدىنىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا مېڭىش ئىشەنچىمىزنى چىڭىتتى.» شىنجاڭ يىندولەن دورىگەرلىك پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى لى جۈن مۇنداق دېدى: كەسىپلەر باغچىسىغا تايىنىپ جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى، مىللىي تېبابەت دورىلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش تەتقىقاتى، ئىشلەپچىقىرىش - ياساش، پەن تەتقىقات ئىختىساسلىقلىرىنى توپلاش ۋە جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى مەدەنىيىتى بويىچە ئىلىم ئالماشتۇرۇشتىن ئىبارەت «تۆت مەركەز»نى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات، ئىشلىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تېز تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو جۇڭيى تېبابىتى پەنلەر ئاكادېمىيەسى جۇڭيى دورىلىرى تەتقىقات ئورنى قاتارلىق ئاپپاراتلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دورىلارنىڭ كىلىنىكىدا ئىشلىتىلىش نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق خەلقنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىمىز، كەسىپ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز.

(مۇخبىر ليۇ شياڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار لى ياڭ، ۋاڭ نا، سۇ لۇپىڭ، شيې خۇيبيەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.