تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى پىلان دوكلاتى ۋە خامچوت دوكلاتىنى تەكشۈردى

شۆھرەت زاكىر، چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، شەۋكەت ئىمىن قاتناشتى، نى خۇڭ يىغىنغا كېلىپ پىكىرلەرنى ئاڭلىدى، خې جۇڭيوۋ سىرتتىن قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 7 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، پىلان دوكلاتى ۋە لايىھەنى، خامچوت دوكلاتى ۋە لايىھەنى تەكشۈردى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن شۆھرەت زاكىر، چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، شەۋكەت ئىمىن تەكشۈرۈشكە قاتناشتى. تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مىنىستىر نى خۇڭ يىغىنغا كېلىپ پىكىرلەرنى ئاڭلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ سىرتتىن قاتناشتى.

ئېكولوگىيە - مۇھىت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى گو فاڭ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن خىزمىتى كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، ئېكولوگىيە - مۇھىت مىنىستىرلىقى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىدىكى ئالاقىدار يولداشلار يىغىنغا كېلىپ پىكىرلەرنى ئاڭلىدى.

ۋەكىل ئەركىن تۇنىياز مۇنداق دېدى: پىلان دوكلاتى ۋە خامچوت دوكلاتىنى قۇۋۋەتلەيمەن. ئىككى دوكلاتتا پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان - ۋەزىپىلەر ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇلۇپ ۋە ئىنچىكىلەشتۈرۈلۈپ، مالىيە، پۇل مۇئامىلە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كەسىپ قاتارلىقلارغا دائىر سىياسەتلەرنىڭ ماسلىشىشى كۈچەيتىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىپ يۈكسىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى سىياسەت «بىرىكمە تەدبىر»ىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك ئىكەنلىكى تولۇق ئىپادىلىنىپتۇ، بۇ، مۇقەررەر يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بازار ئىشەنچىنى ئۇرغۇتۇپ، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىدۇ؛ يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى چۆرىدىلىپ، سىياسەت مەدىتى ۋە مەبلەغ كاپالىتى كۈچەيتىلىپتۇ، بۇ، مۇقەررەر يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى تېزلىتىش، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى بولۇش، ئەلا بولۇش ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتىدۇ؛ سىياسەت ئورۇنلاشتۇرۇشى، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى، مەبلەغ سېلىنمىسى جەھەتتە ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا پائال جاۋاب قايتۇرۇلۇپ، دۆلەتنىڭ ھېسابات دەپتىرىدىكى خەلق تۇرمۇشى سالمىقىنىڭ سىجىل ئېشىۋاتقانلىقى روشەن گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، بۇ، مۇقەررەر ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ. بىز ئىككى دوكلاتتىكى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، سىياسەت يۆنىلىشى ۋە مەبلەغ يۆنىلىشىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش مۇساپىسىدە شىنجاڭ نەتىجىسىنى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلىمىز، شىنجاڭ تۆھپىسىنى تېخىمۇ ياخشى قوشىمىز.

ۋەكىل سارقىت ئاقان مۇنداق دېدى: پىلان دوكلاتى، خامچوت دوكلاتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بىلەن يۈكسەك دەرىجىدە ماس كەپتۇ، بۇ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنىڭ ئىنچىكىلەشتۈرۈلۈشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى، كونكرېتلاشتۇرۇلۇشى بوپتۇ، تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنىڭ يېڭى مۇساپىسىدە ياخشى باشلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى باشتىن - ئاخىر جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدە پۇختا قەدەم تاشلىدى. مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»گە مەركەزلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كۈچ قوشىمىز.

ۋەكىل لى شيەنفا مۇنداق دېدى: پىلان دوكلاتى ۋە خامچوت دوكلاتىنى قۇۋۋەتلەيمەن. پىلان دوكلاتى ھەم ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشتىكى نەتىجە قەغىزى، ھەم ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش، ئۇزاق كەلگۈسىنى كۆزلەش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتىكى ۋەزىپىنامە بولۇپ، ئۇنىڭدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇشنىڭ ئەمەلىيەت تەلىپى گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ. خامچوت دوكلاتىدا مۇۋەپپەقىيەتلەر ئەتراپلىق، ئوبيېكتىپ خۇلاسىلىنىپتۇ، خىزمەتلەر ئىلمىي، دەل جايىدا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ، تېخىمۇ ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ئارقىلىق «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا تىرەك بولىدىغان روشەن يۆنىلىش گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ. مەسئۇلىيەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، سادىقلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا دائىر تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەيدىغان ئەمەلىي ئۈنۈم ئارقىلىق، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولىمىز.

ۋەكىل مەمتىمىن قادىر مۇنداق دېدى: پىلان دوكلاتى ۋە خامچوت دوكلاتىدا پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپتۇ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپتۇ، تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. ئۆتكەن بىر يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، دۆلىتىمىز ئىقتىسادى بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىدى، يېڭى بولۇشقا، ئەلا بولۇشقا قاراپ تەرەققىي قىلدى، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ نىشان - ۋەزىپىلىرى ئوڭۇشلۇق تاماملاندى، «14 - بەش يىل» مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى پۇختا قەدەم تاشلاندى. مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا دائىر تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، نىزام چىقىرىش، نازارەت قىلىش، ۋەكىللەر خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، يېڭى مۇساپىدە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىمىز.

ۋەكىل ئەنۋەر تۇرسۇن مۇنداق دېدى: پىلان دوكلاتى ۋە خامچوت دوكلاتىدا تەھلىل چوڭقۇر، ئەتراپلىق، پىلانلاش ئىلمىي، مۇۋاپىق بوپتۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈلۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بىلەن بىر - بىرىنى تولۇقلاپ، بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىنى باشقۇرۇشتىكى يۈكسەك ئەقىل - پاراسىتى ۋە ئىقتىدارى تولۇق نامايان قىلىنىپتۇ، تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىككى دوكلات ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادنىڭ سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش بىلەن مىقدارىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز. يىرىك پىلان تۈزۈش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، قەشقەرنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن بولۇش، مول دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇش، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈش، جەمئىيەت كۆزلىمىسىنى ئۇرغۇتۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىمىز.

ۋەكىل باتۇ مۇنداق دېدى: پىلان دوكلاتى ۋە خامچوت دوكلاتىنى قۇۋۋەتلەيمەن. ئىككى دوكلاتتا پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپتۇ، بۇ يىللىق تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەر چىڭ كۆزلىنىپ، نەتىجىلەر ئوبيېكتىپ، ئەمەلىي خۇلاسىلىنىپتۇ، خىزمەتلەر ئىلمىي، دەل جايىدا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ، بۇ، مۇقەررەر ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا بېكىتىلگەن نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئۆتكەن بىر يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، دۆلىتىمىز ئىقتىسادى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى، يېڭى بولۇشقا، ئەلا بولۇشقا قاراپ يۈزلەندى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىجىل كۈچەيدى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئەۋرىشىملىكى تېخىمۇ كۈچەيدى، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەر مىللەت خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئۈنۈمى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولدى. مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پىلان دوكلاتى ۋە خامچوت دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋەزىپە، تەدبىرلەرگە سېلىشتۇرۇپ، خىزمەتلەرنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئەمەلىي نەتىجىلىرى ئارقىلىق شىنجاڭ خىزمىتى ئومۇملۇقىغا مۇلازىمەت قىلىمىز.

ۋەكىل شى گاڭ مۇنداق دېدى: پىلان دوكلاتى ۋە خامچوت دوكلاتىدا ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتى چوڭقۇر ئىگىلىنىپتۇ، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ئەمەلىيىتىگە ماس كەپتۇ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئارزۇسىغا جاۋاب قايتۇرۇلۇپتۇ، نىشان ئىلمىي، يۆنىلىش روشەن، ئورۇنلاشتۇرما دەل جايىدا، كاپالەت كۈچلۈك بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بەرپا قىلىش، دۆلەتنىڭ جۇغراپىيەلىك خەۋپسىزلىكى ئىستراتېگىيەلىك توسۇقىنى قوغداشتىن ئىبارەت مۇھىم بۇرچ، ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغان. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ نېفىت - تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش ئېكۋىۋالېنتى ئۇدا كۆپ يىل مەملىكەت بويىچە باش ئورۇندا تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى بىخەتەرلىكىگە كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلدى. شىنجاڭنىڭ نېفىت - تەبىئىي گاز بايلىقى ۋە كەسپىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت ئىقتىسادىي ئومۇمىيىتىدىكى مۇھىم رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېنېرگىيە مۇھىم ئۇل ئەسلىھە ئورۇنلاشتۇرۇشى قۇرۇلۇشىغا تەرتىپلىك تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇملۇقىغا مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

جېڭ جۈن، دۆلەتمەن كەيمىك، گو خۇڭچۈەن، ما يانەن، شىڭ گۇاڭچېڭ، ياڭ لىچياڭ، ۋاڭ كۇيرەن، ئېرشات تۇرسۇنباي قاتارلىق ۋەكىللەر سۆز قىلىپ مۇنداق بىلدۈردى: پىلان دوكلاتى ۋە خامچوت دوكلاتىنى قۇۋۋەتلەيمىز. دوكلاتقا مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمى باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈلۈپتۇ، تېخىمۇ ئاكتىپ، ئۈنۈملۈك ماكرولۇق سىياسەت گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسى گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، بۇ، مۇقەررەر ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا بېكىتىلگەن پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ. كۆپچىلىك يەنە «15 - بەش يىل»لىق چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرى قۇرۇلۇشى، يېزا - كەنت ئۆزگىچە كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە مەدەنىي يېزا ئىستىلى قۇرۇلۇشى، تاشيول پورتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش، يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش سىياسەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، شەھەر يېڭىلاشنى ئالغا سىلجىتىش، يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان ئالىي مەكتەپلەرنى قوللاش، كاپالەتلەندۈرۈش سالمىقىنى زورايتىش قاتارلىق خىزمەتلەر توغرىسىدا پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن تيەن شياڭلى، ۋاڭ مىڭشەن، شۆ بىن، دىلشات سايىم، گاۋ جىمىڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. دۇ خۇڭيەن قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.