− شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا پۇختا قەدەم تاشلاشقا يېتەكچىلىك قىلدى
□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى
يېڭى دەۋر يېڭى ئىدىيەنى بارلىققا كەلتۈردى، يېڭى ئىدىيە يېڭى ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلدى.
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك تۈپ زور پىلان قىلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى نەزەرىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى.
يېڭى مۇساپىدە، ئېكولوگىيە - مۇھىت قانۇن دەستۇرىنى تۈزۈپ، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ نەزەرىيە، تۈزۈم، ئەمەلىيەت نەتىجىلىرىنى قانۇن دەستۇرى شەكلىدە بېكىتىپ، ئېكولوگىيە - مۇھىت قانۇن - تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش مۇھىم ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.
چەكسىز كەتكەن تاغ - دەريالاردا ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئېكولوگىيە - مۇھىت قانۇن - تۈزۈمىنىڭ كاپالىتىدە، دۆلىتىمىزنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتىدا پۇختا قەدەم تاشلاندى، ئېكولوگىيە - مۇھىت سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، گۈزەل زېمىندا ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان گۈزەل مەنزىرە نامايان بولدى.
ئىدىيە ئارقىلىق يول باشلاش:
گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشى ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ چىقىش
2026 - يىلى 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بېيجىڭ خەلق سارىيى.
ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىدىن كېيىن، دۆلىتىمىزدىكى ئىككىنچى «قانۇن دەستۇرى» نامى بىلەن ئاتالغان قانۇن − «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىت قانۇن دەستۇرى (لايىھە)» 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلدى.
بەش قىسىم، 1200دىن ئارتۇق ماددا، 160 مىڭدىن ئارتۇق خەت... بۇ سالمىقى زور قانۇن دەستۇرى لايىھەسى شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى «تۇتقا ۋە روھ» قىلغان، ئۇنىڭغا سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنى قوغداش مۇھىم بۇرچى يۈكلەنگەن بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ ئېكولوگىيە ئۇلىنى مۇستەھكەملەشكە كۈچ قوشىدۇ.
باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: ئېكولوگىيە گۈللەنسە، مەدەنىيلىك گۈللىنىدۇ، ئېكولوگىيە خارابلاشسا، مەدەنىيلىك خارابلىشىدۇ.
جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتنىڭ رېئال دۆلەت ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈش يولىنى چۈشەندۈرۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىش يولىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، گۈزەل جۇڭگونىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ بەردى.
يېڭى دەۋردىن بۇيان، پارتىيەمىزنىڭ قاينام - تاشقىنلىققا تولغان دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتىدە، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى باشتىن - ئاخىر پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئومۇملۇقىدا گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇلدى −
2012 - يىلى، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىنىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈلدى؛
2015 - يىلى 10 - ئاي، پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە بولغان يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، يېشىل تەرەققىياتتا ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق ئۆتۈش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش تەكىتلىنىپ، يېشىل تەرەققىيات يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش تېمىسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنىغا ئايلاندى؛
2017 - يىلى 10 - ئاي، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا «ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈشتە چىڭ تۇرۇش» يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئاساسىي تەدبىرىگە كىرگۈزۈلدى، گۈزەل جۇڭگو سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت نىشانىغا كىرگۈزۈلدى؛
2022 - يىلى 10 - ئاي، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق تەكىتلەندى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش، تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىش، تەبىئەتكە ماسلىشىش، تەبىئەتنى قوغداش سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى يېشىللاشتۇرۇش، تۆۋەن كاربونلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق ھالقا؛
...
بىر قاتار مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلار يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى جاكارلىدى.
دەرەخنى ئېگىز ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، جەزمەن يىلتىزىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.
تۈزۈم پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان نېگىزلىك خاراكتېرگە، ئومۇملۇق خاراكتېرىگە، مۇقىم بولۇش خاراكتېرىگە، ئۇزاق مەزگىللىك خاراكتېرگە ئىگە مەسىلە. ئەڭ قاتتىق تۈزۈم، ئەڭ پۇختا قانۇنچىللىق ئارقىلىق ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىپ، تۈزۈم تەمىناتىنى ئاشۇرۇپ، تۈزۈمنى يۈرۈشلەشتۈرۈشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزۈمنى ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىپ، تۈزۈمنى قاتتىق چەكلىمە ۋە تېگىشكە بولمايدىغان يۇقىرى بېسىملىق توك سىمىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.
سەمىمىي تاپشۇرۇقنىڭ ۋەزنى ئېغىر.
يېڭى دەۋردىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنىڭ تۈزۈم تورىنى پۇختا، زىچ توقۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈم ئارقىلىق ھوقۇقنى باشقۇرۇپ، ئەمەلدارلارنى ئىدارە قىلىش، كۆك ئاسماننى قوغداپ يېشىللىقنى كۆپەيتىشنى كۈچەيتتى.
«ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى پىكىر» «ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ ئومۇمىي لايىھەسى» ھەم نەچچە ئون تۈرلۈك كونكرېت ئىسلاھات لايىھەسى بېسىپ تارقىتىلىپ يولغا قويۇلۇپ، ئومۇمىي نىشان، ئاساسىي ئىدىيە، ئاساسىي پىرىنسىپ، نۇقتىلىق ۋەزىپە، تۈزۈم كاپالىتى قاتارلىق جەھەتلەردىن ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى، دەريا - كۆل باشلىقى تۈزۈمى، ئورمان باشلىقى تۈزۈمى، ئېكولوگىيە - مۇھىتقا زىيان يەتكۈزۈش جاۋابكارلىقىنى ئۆمۈرلۈك سۈرۈشتۈرۈش، ئېكولوگىيە - مۇھىت زىيىنىغا تۆلەم بېرىش قاتارلىق تۈزۈملەر تەدرىجىي ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، مەنبەدىن باشلاپ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش، جەرياننى قاتتىق باشقۇرۇش، زىياننى تۆلىتىۋېلىش، ئاقىۋەتنى قاتتىق جازالاشتىن ئىبارەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈم سىستېمىسى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتى.
ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىدىن ئىبارەت بۇ «ھالقىلىق تۇتقا»نى چىڭ تۇتۇپ، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش بويىچە نازارەت قىلىش تۈزۈمىدىن ئىبارەت «ئۆتكۈر شەمشەر غىلاپتىن چىقتى». يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نازارەت قىلىش جەريانىدا گەنسۇ چىليەنشەن تېغىنىڭ ئېكولوگىيەسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش مەسىلىسى، تېڭگىر قۇملۇقىنىڭ بۇلغىنىشى، چۇڭچىڭ جىنيۈنشەن تېغى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندا بەلگىلىمىگە خىلاپ قۇرۇلۇش قىلىش گەۋدىلىك بولۇش قاتارلىق ئېكولوگىيە - مۇھىت «جاھىل كېسەللىك»لىرى ئارقا - ئارقىدىن ئاشكارىلىنىپ، ئالاقىدار مەسىلىلەرنى تۈزىتىشكە تۈرتكە بولدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن 2025 - يىلى «ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش خىزمىتى نىزامى»نى بېسىپ تارقىتىپ، نازارەت قىلىش خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇپ، قېلىپلاشتۇرۇپ، تۈزۈملەشتۈرۈپ قانات يايدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلدى.
ئىسلاھات توسالغۇسىز ئالغا ئىلگىرىلىدى، قانۇنچىللىق ئاساسى پۇختىلىنىپ، ئۇلى مۇستەھكەملەندى. بىر زامانىۋى دۆلەت جەزمەن قانۇنچىل دۆلەت بولۇشى كېرەك؛ دۆلەت زامانىۋىلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىش ئۈچۈن جەزمەن قانۇنچىللىشىشقا يۈزلىنىشى كېرەك.
يېڭى دەۋردىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىت ساھەسىدىكى قانۇن - تۈزۈملەر دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىدى، مۇھىت قوغداش قانۇنى قاتارلىق كۆپلىگەن قانۇن - نىزاملار تۈزۈلدى، تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش قانۇن سىستېمىسى ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراق، شاۋقۇن قاتارلىقلار بويىچە بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ساھەسى ھەم چاڭجياڭ دەرياسى، سۇلۇق يەر، قارا تۇپراق قاتارلىق مۇھىم ئېكولوگىيە سىستېمىسى ۋە مۇھىم ئامىللارنى قاپلىدى...
ھازىر، 30دىن ئارتۇق قانۇن، 100دىن ئارتۇق مەمۇرىي نىزام، 1000دىن ئارتۇق يەرلىك نىزام ھەم ئالاقىدار قانۇن يۈرگۈزۈش ئىزاھاتى، قائىدە - تۈزۈم قاتارلىقلار قانۇنچىللىق ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.
2018 - يىلى 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىنىڭ 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى» ماقۇللىنىپ، «ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى» ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈلۈپ، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسى، دۆلەتنىڭ ئىرادىسى، خەلقنىڭ ئارزۇسىنىڭ يۈكسەك بىرلىكى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
ئېكولوگىيە - مۇھىت قانۇن دەستۇرىنى تۈزۈش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان مۇھىم قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى ئورۇنلاشتۇرمىسى.
2023 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى پىكرى»دە «ئېكولوگىيە - مۇھىت قانۇن دەستۇرى تۈزۈشنى ئالغا سىلجىتىش» ئېنىق تەلەپ قىلىندى.
2024 - يىلى 7 - ئاي، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى» ماقۇللاندى، بۇنىڭدا «ئېكولوگىيە - مۇھىت قانۇن دەستۇرىنى تۈزۈش» ئېنىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.
«ئېكولوگىيە - مۇھىت قانۇن دەستۇرىنى تۈزۈش ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئېكولوگىيە - مۇھىت قانۇن - تۈزۈم ئۆلچىمىنى سىستېمىلىق بىرىكتۈرۈش، تۈزۈش - تۈزىتىش كىرگۈزۈش، توپلاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنغان، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، دەۋر ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىدىغان، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، سىستېمىلىق، قېلىپلاشقان، ماسلاشقان ئېكولوگىيە - مۇھىت قانۇن دەستۇرىنى شەكىللەندۈرىدۇ، بۇ بىر تۈرلۈك سىستېمىلىق، مۇھىم بولغان قانۇن چىقىرىش قۇرۇلۇشى» دېدى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شېن چۇنياۋ.
تەرەققىيات بىلەن قوغداشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش دۇنياۋى قىيىن مەسىلە، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسى بار بىر تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەت ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق.
«جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇلۇغلۇقى دەل ئۇنىڭ مۈشكۈللۈكىدە، كونا يولدا مېڭىشقا بولمايدۇ»، باش شۇجى شى جىنپىڭ يىراقنى كۆزلەپ چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزدى.
ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداشنى ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيە - مۇھىت قانۇن دەستۇرىنى تۈزۈشتە دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ يېشىللىشىش، تۆۋەن كاربونلىشىشنى تېزلىتىشتىن ئىبارەت يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنىڭ يېڭى تەلىپىنى تولۇق تونۇپ ۋە ئۇنىڭغا ئۇيغۇنلىشىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى باشتىن - ئاخىر سىڭدۈردى.
دۆلىتىمىزدە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئېكولوگىيەنى قوغداش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئېكولوگىيە - مۇھىتقا دائىر قانۇن - تۈزۈم، مېخانىزم ۋە قائىدە - ئۆلچەملەرنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق تۈزۈش، تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە قارىتا، ئېكولوگىيە - مۇھىت قانۇن دەستۇرىنى تۈزۈش يېڭى دەۋردە مۇھىم بەلگە ئەھمىيىتىگە ئىگە قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىغا ئايلاندى.
مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر، ئەزالار مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىم قاراپ چىقىشقا سۇنۇلغان ئېكولوگىيە - مۇھىت قانۇن دەستۇرى لايىھەسىنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىنىڭ مەزمۇنىدا ھەم ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئېكولوگىيە - مۇھىتقا ئالاقىدار قانۇنلارنى سىستېمىلىق رەتلەش، ھەم پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى نەتىجىلىرىنى تاۋلاش ۋە يىغىنچاقلاش بار، بۇ ئەڭ قاتتىق تۈزۈم، ئەڭ پۇختا قانۇنچىللىق ئارقىلىق ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشقا پايدىلىق، تېخىمۇ كۈچلۈك قانۇنچىللىق كۈچى ئارقىلىق گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى قوغدايدۇ.
قانۇن دەستۇرىنىڭ سەھىپىسى ئېچىلدى، يېشىل تاغ سۈرەتتەك نامايان بولدى.
بىر قاتار قانۇن - تۈزۈملەرنىڭ قوغدىشىدا، جۇڭگو تېخىمۇ قەتئىي قەدىمى بىلەن ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش داغدام يولىدا ماڭماقتا.
ئەمەلىيەت داۋامىدا پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش:
ئېكولوگىيە - مۇھىتنى ياخشىلاشنىڭ دەۋر جاۋابىنى پۈتۈش
لياۋنىڭ جىنجوۋ، باش باھاردىكى شياۋلىڭخې دەرياسى تەدرىجىي قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى. سۈپسۈزۈك دەريا سۈيىدە ئوزۇق ئىزدەپ ئەركىن ئۈزۈپ يۈرگەن ئاق قۇ، كۆك باش چۆمگەك ئۆردەك كىشىلەرنى قەدىمىنى توختىتىپ تاماشا قىلىشقا جەلپ قىلدى. ئىلگىرى بۇ جايدىكى دەريا يولى مەينەت، قالايمىقان، ناچار ئىدى. مۇھىت ھەر تەرەپلىمە تۈزەلگەندىن كېيىن، كۆكەرتىش بەلبېغى بەرپا قىلىندى، يەنە بىنخې بەدەن چېنىقتۇرۇش، ئىستىراھەت بەلباغسىمان باغچىسى شەكىللەندى.
2022 - يىلى 8 - ئاي، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ جايدا ئېكولوگىيە - مۇھىتنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرگەندە، دەريا بويىدا قەدىمىنى توختىتىپ، چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى پۇقرالارغا ئەڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ئېلىپ كېلەلەيدۇ، مۇھىت ياخشىلانسا، پۇقرالارنىڭ تەسىراتىمۇ ئەڭ چوڭقۇر بولىدۇ.»
يېڭى دەۋردىن بۇيان، جەمئىيەتتىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، «ھاياتلىق ئۈچۈن ئىزدىنىش»تىن «ئېكولوگىيە ئۈچۈن ئىزدىنىش»كىچە، «كىيىنىش - تويۇنۇشنى ئارزۇ قىلىش»تىن «مۇھىت قوغداشنى ئارزۇ قىلىش»قىچە... گۈزەل ئېكولوگىيە - مۇھىت ئەڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار بولغان خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتى، كىشىلەرنىڭ قەلب ئارزۇسى.
خەلق ئاممىسىنىڭ پىكرى ۋە ساداسىغا ئەستايىدىل قۇلاق سېلىندى، بۇ قېتىم قاراپ چىقىشقا سۇنۇلغان ئېكولوگىيە - مۇھىت قانۇن دەستۇرى لايىھەسىدە ئاتموسفېرا بۇلغىنىشى، قارا - سېسىق سۇ قاتارلىق ئەنئەنىۋى بۇلغىنىشنى تىزگىنلەش بار بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇزاق مەزگىللىك، يوشۇرۇن خەۋپى بولغان يېڭى بۇلغىمىلارنى تىزگىنلەشكىچە ئۇزارتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا يورۇقلۇق بۇلغىمىسى، ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسى بۇلغىمىسى قاتارلىق يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەر كىرگۈزۈلدى.
«مۇھىت مەسىلىسىنىڭ پۇقرالارغا بولغان ئەڭ بىۋاسىتە تەسىرى ھاياتى ۋە ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزۈش. دۆلىتىمىزنىڭ ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى دەل خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش بولۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى گەۋدىلەندۈردى» دەپ بىلدۈردى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، جۇڭگو قانۇن ئىلمى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لۈ جۇڭمېي.
2014 - يىلى 2 - ئاينىڭ ئاخىرى، بېيجىڭ قاتارلىق جايلارنى ئېغىر چاڭ - توزان قاپلاپ، داۋاملاشقان ۋاقتى يەتتە كۈنگە يەتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭ شەھىرىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: «مۇھىتنى تۈزەش بىر سىستېما قۇرۇلۇشى، جەزمەن مۇھىم خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىش سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇش كېرەك.» بىرنەچچە كۈندىن كېيىنكى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جەزمەن بۇلغىنىشنى تىزگىنلەشنى بىر مەيدان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى سۈپىتىدە ئالغا سىلجىتىشنى تەلەپ قىلدى.
ئون يىلدىن كېيىن، 2024 - يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، «بېيجىڭ كۆكى» ۋەكىللەر، ئەزالارنىڭ قىزغىن مۇزاكىرە تېمىسىغا ئايلاندى. «مۇھىت قوغداشقا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىزچىل ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى، غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى.» باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇنداق كۆرسەتتى: «ھازىر PM2.5 نىمۇ ئاساسەن ھەل قىلىپ بولدۇق، مۇشۇ يىللاردا قەدەممۇقەدەم ئالغا ئىلگىرىلەۋاتىمىز.»
سانلىق مەلۇماتلار بۇنىڭ ئىسپاتى: «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، مەملىكەت بويىچە PM2.5نىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى جەمئىي %20 تۆۋەنلىگەن بولۇپ، ھاۋا سۈپىتى، سۇ مۇھىتى سۈپىتى، شەھەر - يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىدىن ئىبارەت «ئۈچنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
قارىماققا ئادەتتىكىدەك بىلىنسىمۇ، ئەمما ناھايىتى ئالاھىدە، ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئاساندەك بىلىنسىمۇ، ئەمما ناھايىتى جاپالىق.
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۈز مىليونلىغان خەلقنى يېتەكلەپ، تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن، كۆلىمى غايەت زور بولغان بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي باشلىدى. پۇقرالارنىڭ ئەتراپىدىكى گەۋدىلىك ئېكولوگىيە - مۇھىت مەسىلىسىگە قارىتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «مەركەزلىك ھالدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش» «پۇقرالارغا ئېكولوگىيە - مۇھىت سۈپىتىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش» كېرەكلىكىنى قايتا - قايتا تەكىتلىدى.
«ئاتموسفېراغا دائىر ئون تەدبىر» «سۇغا دائىر ئون تەدبىر» «تۇپراققا دائىر ئون تەدبىر» كەينى - كەينىدىن ئېلان قىلىنىپ، كۆمۈر، پولات - تۆمۈر، سېمونت جەھەتتىكى قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللاشتىن شىمالدىكى رايونلاردا پاكىز ئىسسىنىش بويىچە ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىشقىچە، يەنە مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇش، سۇ مۇھىتىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىشقىچە، خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئىشلىتىش مىقدارى ئازايتىلىپ، تۇپراق مۇھىتى خەۋپ - خەتىرىنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىغا سىجىل كۈچ چىقىرىلدى.
گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشى ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇنى جەزمەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك. ئاڭلىق ھالدا ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ تەرەققىياتنى پىلانلاپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېشىل ئاساسىي رېڭىنى تېخىمۇ يورۇق، تېخىمۇ يېتەرلىك قىلىش كېرەك.
گۈزەل شەھەر، گۈزەل يېزا - كەنت، گۈزەل دەريا - كۆل... بۈگۈنكى كۈندە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى جايلار تىرىشىپ گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش يولىدا قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە.
ئالدىنقى بىر مەزگىلدە قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن تېلېۋىزىيە تىياتىرى «ھاياتلىق دەرىخى»دە، بەي جۈ، دوجيې قاتارلىقلارنىڭ كۆپ يىل چاقىرىق قىلىپ چىڭ تۇرۇشىدا، «بولامۇلا تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون» ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلدى. تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى بولامۇلا چىڭخەيدىكى كۆكشىلنى خام ماتېرىيال قىلغان بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە ئۈچ دەريا مەنبەسى دۆلەت باغچىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ قالدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ چىڭخەيدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلەت باغچىسىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان جاي سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ۋە دۇنياۋى تەسىر كۈچكە ئىگە تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان جاي ئۈلگىسى بەرپا قىلىش كېرەك.
دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ دۆلەت باغچىسى سىستېمىسى بەرپا قىلىش جەريانىدا، دۆلىتىمىز تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك قوغداش، سىستېمىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى يولغا قويدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «ئېكولوگىيە بىرلىككە كەلگەن تەبىئىي سىستېما بولۇپ، بىر - بىرىگە تايىنىدىغان، زىچ باغلىنىشلىق بولغان ئورگانىك زەنجىر.» تاغ چوققىلىرىدىن دېڭىز - ئوكيانغىچە، تەبىئىي ئېكولوگىيە بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغدىلىپ ۋە سىستېمىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، باش ئاغرىسا باشنىلا داۋالىتىش، پۇت ئاغرىسا پۇتنىلا داۋالىتىشنىڭ ئالدى ئېلىنىپ، ئېكولوگىيەنى تۈزەشتىكى سىستېمىلىق قاراش، ئومۇملۇق قارىشى نامايان قىلىندى.
قاقاس تاغلار گۈزەل تۈسكە كىردى، قۇملۇقلار بوستانلىققا ئايلاندى. «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى باشلاندى، تەكلىماكان قۇملۇقى «يېشىل شارپا» تاقىدى؛ مۇھىم ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى چۆرىدەپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىدىن 50 نەچچىسى ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ يولغا قويۇلۇپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ تېخىمۇ ياخشى قوغدالدى...
ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ پاسىلىنى قايتىدىن بېكىتتى، شۇنداقلا تەرەققىيات بىلەن قوغداشنىڭ مۇناسىۋىتىنى قايتىدىن بەلگىلىدى.
«ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىيات زىددىيەتلىك قارىمۇقارشى مۇناسىۋەت ئەمەس»، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پەقەت يېشىل تەرەققىياتنىڭ ئاساسىنى ياخشى سالغاندىلا، ئاندىن بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتتا زەپەر مارشىنى ياڭرىتىپ باتۇرلۇق بىلەن ئالغا باسقىلى بولىدۇ.
قانۇن دەستۇرى لايىھەسىنى ۋاراقلاپ كۆرسەك، «يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات قىسمى» كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ، ئۇنىڭدا قانۇنچىللىق كۈچى ئارقىلىق ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش ئەمەلىيىتىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىسلاھات - تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ئامما ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇتلارنى ساقلاپ قېلىپ، ۋەتەن ئۈچۈن سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلارنى ياخشى قوغداش كۆزلەنگەن.
جۇڭگودا كەسىپلەر يېڭى بولۇشقا يۈزلىنىش، ئېنېرگىيە يېشىل بولۇشقا يۈزلىنىش مۇساپىسىدە، بىر كىيىمگە گۈل بېسىش - بوياش جەريانى بۇ مەيدان يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش ئۈچۈن جانلىق ئىزاھات بولدى.
ئىلگىرى ئادەتتىكى بىر قىسقا يەڭلىك كىيىمگە گۈل بېسىش - بوياشقا ئاز دېگەندە 25 كىلوگىرام سۇ كېتەتتى. شەندۇڭ چىڭداۋدىكى بىر كىيىم - كېچەك كارخانىسى دەرىجىدىن تاشقىرى كىرىتىك ھالەتتىكى كاربون تۆت ئوكسىدىدىن پايدىلىنىپ سۇسىز بوياش تېخنىكىسىنى قوللىنىش ئارقىلىق، ھەر يىلى 100 مىڭ توننا سۇنى تېجەپ قېلىش بىلەن بىللە، زور مىقداردا يۇندى چىقىرىشتىن ساقلاندى.
«ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن بايلىق، مۇھىت قوغداشتىن ئىبارەت ئىككى قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىپ، دۆلىتىمىز شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى بايلىقنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، قانۇنچىللىق، بازار، پەن - تېخنىكا، سىياسەت <بىرىكمە تەدبىر>ىنى ياخشى قوللىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىدىغان يېڭى يولنى تېپىپ چىقتى» دېدى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، گەنسۇ ئۆلكىسى گەننەن زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ياڭ جېنلىن.
يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش:
گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشى يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش
ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن ئات يىلىدىكى باھار بايرىمىدا، جېجياڭ ئەنجىدىكى يۈسۈن كەنتى ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى. نەچچە ئون مىڭ ساياھەتچى بۇ بامبۇك ماكانىغا كېلىپ، يەرلىك خاسلىققا ئىگە ۋە قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن «باھار بايرىمى كەيپىياتى»نى ئىزدىدى.
«تاش سېتىش»تىن «مەنزىرە سېتىش»قىچە، «يېشىل تاغنى قوغداش»تىن «پۇقرالارنى بېيىتىش»قىچە... 20 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» ئىدىيەسىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يۈسۈن كەنتى بامبۇكزارلىققا تايىنىپ كاربون يىغىشنى راۋاجلاندۇرۇش، ئېكولوگىيە ساياھىتىنى ئېچىش، كوللېكتىپ ئىگىلىكنى كېڭەيتىش ئارقىلىق، پۇقرالارنى «ئېكولوگىيە تامىقى» «ساياھەت تامىقى» «پايدا تەقسىماتى تامىقى» يېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلىدى.
«2025 - يىلى كەنت بويىچە 3 مىليون 170 مىڭ يۈەن پايدا تەقسىملەندى، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ ئۈزلۈكسىز تۈردە پۇقرالارنىڭ بايلىقىغا ئايلانماقتا.» مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، يۈسۈن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ يۈچېڭ مۇنداق دېدى: «قانۇن دەستۇرى لايىھەسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مېخانىزمى، ئېكولوگىيەنى قوغداش تولۇقلىمىسى بېرىش تۈزۈمى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى <سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق> ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى. بۇ، بىزنىڭ ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتتى، ھازىرقى يولنى بويلاپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيمىز».
2020 - يىلى باش شۇجى شى جىنپىڭ يۈسۈن كەنتىدە قايتا زىيارەتتە بولغاندا، بىر ئائىلىۋى مېھمانخانىنىڭ ھويلىسىدا كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: «ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ئېكولوگىيەنى بۇزۇش بەدىلىگە ئېرىشىشكە بولمايدۇ، ئېكولوگىيەنىڭ ئۆزى ئىقتىساد، ئېكولوگىيەنى قوغدىغانلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرغانلىق.»
گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشى يېڭى مۇساپىسىنى باشلاشتا، يېشىل ئىشلەپچىقىرىش - تۇرمۇش ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىپ، «ھەم سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ بولۇش، ھەم بايلىق بولۇش»تىن ئىبارەت يېشىللىق ئارزۇسىنى ئۈزلۈكسىز رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش كېرەك.
خۇبېي يىچاڭدىكى شىڭفا گۇرۇھى يىچاڭ يېڭى ماتېرىيال كەسىپلەر باغچىسىدىكى لىنجياڭ پىرىستانىدا، سۈپسۈزۈك چاڭجياڭ دەرياسى سۈيىدە توپ - توپ بېلىقلار دەريا قىرغىقىنى بويلاپ بىمالال ئوزۇقلىنىۋاتقان بولۇپ، سۇ يۈزى يالتىراپ تۇراتتى. ئانچە يىراق بولمىغان دەريا قىرغىقىدا، زاۋۇت رايونىدىكى بۇلغىما چىقىرىش ئېغىزى خېلى بۇرۇنلا مەڭگۈلۈك ئېتىۋېتىلگەنىدى.
2018 - يىلى 4 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ جايدا خىمىيە سانائىتى كارخانىلىرىنى كۆچۈرۈش، ئۆزگەرتىش ھەمدە پىرىستاندا يېشىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. باش شۇجى مۇنداق تەكىتلىدى: كەڭ كۆلەمدە ئېچىش بىلەن شۇغۇللانماسلىق ئاچماسلىق دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرلىك ئاچماسلىق، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىش دېگەنلىكتۇر.
بۇ فوسفور خىمىيە سانائىتى كارخانىسى مۇھىت قوغداش سېلىنمىسىنى زورايتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق مەھسۇلاتنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، كارخانا ۋە كەسىپنىڭ «قىممىتى، يېشىللىق مىقدارى، پەن - تېخنىكا مىقدارى، يېڭى بولۇش مىقدارى»نى زور دەرىجىدە ئاشۇردى، ئون نەچچە تۈرلۈك يەككە مەھسۇلاتى دۇنيا ۋە مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ ئېكولوگىيە ئاساسىي رېڭى بارغانسېرى روشەنلىشىپ، قوغداش بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بىر - بىرىنى تولۇقلاش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى يېشىل تەرەققىياتنىڭ «چاڭجياڭ دەرياسى ناخشىسى» پۈتۈپ چىقىلدى.
«يېشىل تەرەققىيات جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ روشەن ئاساسىي رېڭى. قانۇن دەستۇرى لايىھەسىدە يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات مۇستەقىل باب قىلىنىپ، خەلقنىڭ ساداسى ۋە جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىشلارغا كۈچلۈك جاۋاب قايتۇرۇلدى، بۇ، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداشنىڭ ياخشى ئايلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پايدىلىق» دېدى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، خۇبېي يىچاڭدىكى شىڭفا گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى شاۋپىڭ.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما تەرەققىيات ئىقتىساد سىستېمىسىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات تىپىنى ئومۇميۈزلۈك يېشىل تەرەققىيات تىپىغا ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش دۆلىتىمىزدە ئېكولوگىيە - مۇھىت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى ئاساسىي تەدبىر.
بۇ يىل «15 - بەش يىل» باشلانغان يىل. «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپىدە «ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات تىپىنى ئومۇميۈزلۈك يېشىل تەرەققىيات تىپىغا ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش» مەخسۇس باب بويىچە ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى يېتەكچى قىلىپ، كاربوننى تۆۋەنلىتىش، بۇلغاشنى ئازايتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملەپ، يېشىل تەرەققىيات قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش تەلەپ قىلىندى.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، جەنۇب ئېلېكتىر تورى گۇيجوۋ تۇڭرېن توك بىلەن تەمىنلەش ئىدارىسى بېسىم ئۆزگەرتىش ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەشغۇلات بەنىنىڭ مۇئاۋىن بەنجاڭى جوۋ جىڭيۈ ئېنېرگىيەنىڭ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى.
«بۇ قېتىمقى ئېكولوگىيە - مۇھىت قانۇن دەستۇرىنى تۈزۈشتە ئېنېرگىيەنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشىنىڭ قانۇنچىللىق يولىغا كىرگۈزۈلۈشى ئېنېرگىيە ساھەسىنى يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، ئىمكانىيەتلىك سىجىل يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشقا ئۈنۈملۈك يېتەكلەيدۇ.» ئۇ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «ئېنېرگىيەنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشى دۆلىتىمىزنىڭ <قوش كاربون> نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر».
گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشى يېڭى مۇساپىسىنى باشلاشتا، مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى نامايان قىلىپ، دۇنيا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا سىجىل تۈردە جۇڭگو تۆھپىسىنى قوشۇش كېرەك.
«2035 - يىلىغا بارغاندا، جۇڭگو پۈتكۈل ئىقتىساد دائىرىسىدە پارنىك گازى قويۇپ بېرىش ساپ مىقدارىنى چوققا قىممەتتىن %7 − %10 تۆۋەنلىتىپ، تېخىمۇ ياخشى قىلىشقا تىرىشىدۇ.» 2025 - يىلى 9 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى باشلىقلار يىغىنىدا سىنلىق سۆز قىلغاندا، جۇڭگونىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت ئۆز ئالدىغا تۆھپە قوشۇش نىشانىنى تەنتەنىلىك جاكارلىدى.
كۆك رەڭلىك پىلانېتانى گۈزەل تۈسكە كىرگۈزۈپ، دۇنيا بىلەن تەقدىر - قىسمەتتە بىللە بولۇشتا، جۇڭگونىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار.
شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو يەرشارى ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، كۈنسېرى دۇنيا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم قاتناشقۇچىسى، تۆھپىكارى، باشلامچىسىغا ئايلاندى.
ئېكولوگىيە - مۇھىت قانۇن دەستۇرىنى تۈزۈش ھەم ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى قوغداشتىكى مۇقەررەر تاللاش، ھەم دۇنياۋى ئېكولوگىيە - مۇھىتنى تۈزەشكە جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى، جۇڭگو لايىھەسى قوشىدۇ.
دۆلىتىمىز «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە شامال ئېلېكتىر ۋە يورۇقلۇق ۋولت مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ كاربون قويۇپ بېرىشىنى جەمئىي 4 مىليارد 100 مىليون توننا ئەتراپىدا ئازايتتى؛ 2016 - يىلىدىن بۇيان، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشى ئۈچۈن تەمىنلىگەن ھەم سەپەرۋەر قىلغان تۈر مەبلىغى ئومۇمىي سوممىسى 177 مىليارد يۈەندىن ئاشتى؛ 40 نەچچە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بىلەن كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش بويىچە 50 پارچىدىن ئارتۇق جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقى چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ئىمزالىدى...
قانۇن دەستۇرى لايىھەسىدە، «كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش» مەخسۇس بابىدا كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نيېتراللاشتۇرۇش، كىلىمات ئۆزگىرىشىنى پەسەيتىش، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىشقا دائىر كونكرېت تەدبىرلەر بەلگىلەندى، يەنە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ساھەسىدىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىقلار توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىلىپ، جۇڭگونىڭ مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە بەرگەن خەلقئارا ۋەدىسى نامايان قىلىندى.
«كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش دۇنياۋى خىرىس. قانۇن دەستۇرى لايىھەسىدە ئالاقىدار ساھەلەردىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىقلار توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىلىپ، قانۇن شەكلى ئارقىلىق دۇنياغا جۇڭگونىڭ كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نيېتراللاشتۇرۇش ئىرادىسى نامايان قىلىندى، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ دۇنياۋى كىلىماتنى تۈزەش كۆپ تەرەپلىك مۇساپىسىگە پائال قاتنىشىشى ۋە يېتەكچىلىك قىلىشىغا پايدىلىق» دېدى خۇبېي ئىقتىساد شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ جۇڭمىن.
قانۇن دەستۇرى لايىھەسىنىڭ «ئومۇمىي پىرىنسىپ بابى»دا مەخسۇس خەلقئارا ماددا بەلگىلىنىپ، دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىت ساھەسىدىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئىمزالىغان ياكى قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامىدە بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىپ، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش بويىچە خەلقئارا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى قوللاپ، ئېكولوگىيە - مۇھىت خەلقئارا قائىدىسىنى تەتقىق قىلىش ھەم تۈزۈشكە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئادىل، مۇۋاپىق بولغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان دۇنياۋى مۇھىت تۈزەش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشى يېڭى مۇساپىسىنى باشلاشتا، قانۇن دەستۇرىنى يولغا قويۇشنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
باھاردىكى 3 - ئايدا، بېيجىڭدىكى لياڭماخې دەرياسى چاۋياڭ بۆلىكىنىڭ سۈيى سۈزۈك، قىرغاقلىرى گۈزەل بولۇپ، دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىدا چىراغلار چاقناپ تۇراتتى، سودا گۈللەنگەنىدى. ئىلگىرى ئىقتىدارى بىرلا خىل، مۇھىت سۈپىتى تۆۋەن بولغان بۇ دەريا ئېقىنى بۈگۈنكى كۈندە شەھەر ئاھالىلىرى ئارام سەيلىسى قىلىدىغان، جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر داكا قىلىدىغان، يۇقىرى دەرىجىلىك سودا ئىشلىرى توپلاشقان شەھەرنىڭ «ئالتۇن نام كارتىسى»غا ئايلاندى.
كېپىنەكسىمان ئۆزگىرىش «دەريا باشلىقى تۈزۈمى»نىڭ تۈرتكە بولۇشىدىن ئايرىلالمايدۇ. چاۋياڭ رايونىنىڭ باش دەريا باشلىقى باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ چاۋياڭ رايونى سۇ تىزگىنلەش سۇپىسى قۇرۇپ، تارماق ھالقىغان، رايون ھالقىغان ماسلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولدى ھەم جەمئىيەت كۈچلىرىنى كەڭ دائىرىدە جەلپ قىلدى: كارخانىلار ئورتاق كېڭىشىپ، ئورتاق بەرپا قىلىپ، مەھەللە ئاھالىلىرى پىدائىي بولۇپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەل ياش - ئۆسمۈرلىرى «خەلقئارا كىچىك دەريا باشلىقى» قوشۇنى بولۇپ تەشكىللىنىپ، دەريانى سۆيۈپ سۇنى قوغداش ئىدىيەسىنى دۆلەت چېگراسىدىن ھالقىتتى.
«دەريا - كۆل باشلىقى تۈزۈمى، ئورمان باشلىقى تۈزۈمى، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش، نازارەت قىلىش تۈزۈمى قاتارلىق بىر قاتار تۈزۈملەر ئېكولوگىيە - مۇھىت قانۇن دەستۇرى لايىھەسىگە كىرگۈزۈلدى. قانۇن دەستۇرىنى تۈزۈش جەريانىدا، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش خىزمىتىدىكى ئەمەلىي تەجرىبىلەر پائال يەكۈنلىنىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تونۇشى بىرقەدەر بىردەك بولغان، بىرقەدەر پىشىپ يېتىلگەن ئۇسۇللار قانۇن بەلگىلىمىسى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈپ، قانۇن قائىدىسىنىڭ قاراتمىلىقى، مەشغۇلاتچانلىقى كۈچەيتىلدى، بۇ، ھەرقايسى جايلارنىڭ گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق» دېدى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، چۇڭچىڭ شەھەرلىك ئېكولوگىيە - مۇھىت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى يۈ گودۇڭ.
تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىشتىن بىر قېتىملىق بۇيۇملارنى ئىشلىتىشنى ئازايتىشقىچە، نىمكەش تاۋار ئوبوروتى سودىسىغا ئىلھام بېرىش، مەدەت بېرىشتىن سۇنى تېجەپ ئىشلىتىشكىچە... مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئەنخۇي ئۆلكىلىك ئېكولوگىيە - مۇھىت ئىلمىي تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېن خۇڭفېڭ قانۇن دەستۇرى لايىھەسىدىكى بىر قاتار بەلگىلىمىلەرنىڭ ھەربىر ئادەمنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلدى.
«يېشىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش يۈز مىليونلىغان خەلق ئورتاق قاتنىشىدىغان، ئورتاق بەرپا قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان ئىش بولۇشى كېرەك.» ئۇ مۇنداق دېدى: بىر قاتار بەلگىلىمىلەر «لايىقىدا ئېلىش، تېجەشلىك ئىشلىتىش»تىن ئىبارەت يېشىل تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە يېشىل تەرەققىياتنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىدىغان ياخشى كەيپىياتنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇشقا پايدىلىق.
بوشاشماي تىرىشساقلا، نىشانغا ھامان يېتەلەيمىز.
شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، تاغ - دەريالارنى قەغەز، يىللارنى سىياھ قىلىپ، بىز مۇقەررەر گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشى يېپيېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈپ چىقالايمىز.
(مۇخبىرلار چى جۇڭشى، گاۋ جىڭ، خۇاڭ ياۋ، ۋېي خۇڭيى)
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تېلېگراممىسى)






