تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سى لۇلۇ

يېقىندا، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى جاڭ شىن 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىدا بەرگەن «شىنجاڭنىڭ يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم پەن تەتقىقات بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش توغرىسىدىكى تەۋسىيە»گە جاۋاب بېرىپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇپ، مۇھىم پەن تەتقىقات بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» لىنىيە قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىشىنى قوللاپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت يېشىل ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيەلىك بازىسى بەرپا قىلىشىغا كۈچلۈك سىياسەت قۇۋۋىتى قوشىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

شىنجاڭ دۆلىتىمىزدىكى شامال، يورۇقلۇق بايلىقى ئەڭ مول رايونلارنىڭ بىرى، شۇنداقلا مەملىكەت بويىچە مۇھىم ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە بازىسى. يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمىنىڭ داۋاملىق ئېشىشىغا ئەگىشىپ، يۇقىرى نىسبەتلىك، كەڭ كۆلەملىك يېڭى ئېنېرگىيەگە ئۇيغۇنلىشىدىغان يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىش توك ئىشلىتىشتىكى بوغما ھالەتنى تۈگىتىش، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، «قوش كاربون» نىشانىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر بولۇپ قالدى.

دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ جاۋابىدا مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: 2024 - يىلى «يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش ھەرىكەت لايىھەسى (2024 - يىلىدىن 2027 - يىلىغىچە)» بېسىپ تارقىتىلىپ، يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشى سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغانىدى. شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا قارىتا، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى ئۈچ تۈردە ماھىيەتلىك قوللايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى: شىنجاڭنىڭ يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى سىناق نۇقتىسى بولۇشنى ئىلتىماس قىلىشىنى قوللايدۇ، تور تەشكىللەش تىپىدىكى تېخنىكا، سىستېما سۆيەر يېڭى ئېنېرگىيە ئېلېكتىر ئىستانسىسى، كەڭ كۆلەملىك يۇقىرى نىسبەتلىك يېڭى ئېنېرگىيەنى سىرتقا يەتكۈزۈش قاتارلىق يۆنىلىشلەرنى چۆرىدەپ، يەككە ياكى ئۇنىۋېرسال نۇقتىدا سىناق قىلىپ ئۈلگە كۆرسىتىشنى قانات يايدۇرسا بولىدۇ؛ مۇھىم پەن تەتقىقات بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا، يېڭى ئېنېرگىيەدىن توك چىقىرىشنى توپلاپ ئەلالاشتۇرۇپ يۈرۈشتۈرۈش، تۇراقلىق توكنى توپلاش ۋە يەتكۈزۈپ بېرىش قاتارلىق يۆنىلىشلەردە تۈر تۇرغۇزۇپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تىرىكىنى كۈچەيتىدۇ؛ «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» لىنىيەسىنى پىلانلاشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭ (جەنۇبىي شىنجاڭ) توكىنى سىچۇەن - چۇڭچىڭغا يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى (4 - لىنىيە)نى مۇددەتتىن بۇرۇن زاپاس تۈرلەر قاتارىغا كىرگۈزىدۇ، نۆۋەتتە مۇمكىنچىلىك تەتقىقاتى قاتارلىق ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلەر تېزلىتىلىۋاتقان بولۇپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە كېيىنكى لىنىيەلەرنى پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇش بىرتۇتاش دەلىللىنىدۇ.

سىياسەت ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى، ئەمەلىيەت قەدىمى مەزمۇت بېسىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ قومۇلنىڭ جەنۇبى − جېڭجوۋ، شەرقىي جۇڭغار − جەنۇبىي ئەنخۇي، قومۇل − چۇڭچىڭدىن ئىبارەت ئۈچ ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، مۇستەھكەم سىرتقا يەتكۈزۈش تور رامكىسىنى شەكىللەندۈردى؛ تور تەشكىللەش تىپىدىكى ئېنېرگىيە ساقلاش، تولۇق تۇراقلىق توك يورۇقلۇق ۋولت، يورۇقلۇق - ئىسسىقلىق - زاپاس ساقلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قاتارلىق بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرلىرىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ ھەم دەلىللەشتىن ئۆتكۈزۈپ، يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن پىشقان تەجرىبىلەرنى توپلىدى. دۆلەتنىڭ سىياسەت جەھەتتىن قوللاشنى كۈچەيتىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن قوللىنىش ھالىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ «پاسسىپ ھالدا ئۇلىنىش»تىن «تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىرەك بولۇش»قا ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى تېخىمۇ مۇقىم، تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ تېجەشلىك قىلىدۇ.

جاڭ شىن مۇنداق بىلدۈردى: ئاساسىي قاتلامدا داۋاملىق يىلتىز تارتىپ، چوڭقۇر ئەجىر سىڭدۈرۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كارخانىلارنىڭ ئارزۇسى ۋە ئاممىنىڭ قەلب ساداسىنى ئىككى يىغىنغا يەتكۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيەدە يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشى، دۆلەت ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە مۇلازىمەت قىلىشى ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.