تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

«ئىچكى ماھارەتنى ياخشى مەشىق قىلىپ، ئۆزىنى كۈچەيتىش كېرەك»

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقانلىقى توغرىسىدا خاتىرە

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جۇ جىچەي، جاڭ يەن

بارلىق مەۋجۇداتلار ئويغىنىپ يېڭى بىر يىل باشلاندى، قۇتلۇق قار يېغىپ باھار كۈتۈۋېلىندى.

3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي زالى ئىللىق كەيپىياتقا تولغانىدى. قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىن مەيدانىغا كىرىپ، ئۆزى تۇرۇشلۇق 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.

ۋاقىت ئىزى ئىستراتېگىيە چوڭقۇرلۇقىغا بەلگە سالدى، ئىدىيە ئۇلۇغ كۈچىگە گۇۋاھ بولدى.

2023 - يىلى دىققەتنى «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات»قا مەركەزلەشتۈردى، 2024 - يىلى «شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش»نى تەكىتلىدى، 2025 - يىلى «ئىقتىسادى كۈچلۈك ئۆلكىلەرنىڭ ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىگە ئېلىشى»نىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. ھەر يىلى جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، باش شۇجى ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇپ مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، جياڭسۇ ۋە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يول باشلاپ يۆنىلىش بەلگىلەپ بەردى.

«15 - بەش يىل» مەنزىرىسىنى نامايان قىلىشتا، نىشان - ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئىلگىرىلەشكە توغرا كېلىدۇ، باش شۇجى ۋەكىللەر بىلەن يۈزتۇرا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

ۋەكىل جاڭ شياۋخۇڭ سۇجوۋ داشۆسىدىن كەلگەن بولۇپ، باش شۇجىغا مەكتەپنىڭ «پەن تەتقىقات بىلەن مائارىپنى يۇغۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنى يۇغۇرۇش»نى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى ئىزدىنىشىنى تونۇشتۇردى: «كارخانا تەجرىبىخانىسىنى سۇجوۋ داشۆسىدە قۇرۇپ، سۇجوۋ داشۆسى دەرسخانىسىنى كارخانىغا يۆتكەپ، ئوقۇغۇچىلارنى دادىل بۆسۈش ھاسىل قىلىش، يېڭىلىق يارىتالايدىغان بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدۇق.» يېقىنقى ئۈچ يىلدا مەكتەپ بىلەن كارخانا قول تۇتۇشۇپ بىيوتېببىي دورا، سانائەت يۇمشاق ماتېرىيالى قاتارلىق ساھەلەردە قىس بولۇۋاتقان ئىختىساسلىقلاردىن 9441نى تەربىيەلەپ، پەن بىلەن كەسىپنى ئۇدۇللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، كارخانىلار بىلەن بىرلىكتە يېڭىلىق يارىتىش بىرلەشمە گەۋدىسىدىن 200 نەچچىنى قۇردى...

پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئاساسىي يولى.

«جياڭسۇ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتا بىرقەدەر ياخشى ئاساسقا ئىگە، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك» دېدى باش شۇجى.

3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ۋەكىللەر يولىدا، جياڭسۇ لىشياخې رايونلۇق يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقات ئورنىدىن كەلگەن ۋەكىل گاۋ دېرۇڭ ئەينى يىلى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنىدا قىزىل پاختىلىشىش كېسىلى يامرىغاندا دېھقانلارنىڭ بۇغدايلىقتا ئۈن - تىنسىز ياش تۆككەن كۆرۈنۈشىدىن يۈرىكىنىڭ قاتتىق ئاغرىغانلىقىنى تەسىرلىك بايان قىلدى. «تائاملارنىڭ جاپالىق ئەجىردىن كەلگەنلىكى» توغرىسىدا چوڭقۇر تەسراتقا ئىگە بولغاچقا، گاۋ دېرۇڭ بۇغدايلىققا چوڭقۇر چۆكۈپ، سورت يېتىشتۈرۈش بىلەن شۇغۇللىنىپ، شۇ ئىشلىگىنىچە 30 نەچچە يىل ئىشلىدى.

«بۈگۈن تېلېۋىزورغا چىقتىڭىزغۇ دەيمەن؟ مەن سىزنىڭ ئىسمىڭىزنى ئېسىمدە تۇتۇۋالدىم.» يىغىن مەيدانىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇنى تونۇۋالدى.

«شۇنداق، مەن ئىزچىل بۇغداي سورتى يېتىشتۈرۈش بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتىمەن» دېدى گاۋ دېرۇڭ ھاياجانلانغان ھالدا.

ئۇ باش شۇجىغا مۇنداق دېدى: سانسىزلىغان گۇرۇپپىلاش، تەكرار سىناق قىلىش ئارقىلىق، كوللېكتىپىمىز ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ناچار شارائىتقا تاقابىل تۇرۇشچانلىقى يۇقىرى بولغان، يۇقىرى ھوسۇللۇق سورت «ياڭمەي 33» «ياڭمەي 53»نى يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، بۇغداي قىزىل پاختىلىشىش كېسىلىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ - تىزگىنلەپ، دېھقانلارنى دورىنى ئاز چېچىش، ئاشلىقتىن كۆپ ھوسۇل ئېلىش، ھەم كىرىمنى ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

«سورتىڭلار قانچىلىك كۆلەمگە كېڭەيتىلدى؟» دەپ سورىدى باش شۇجى.

«چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنىنىڭ ئىككىدىن بىر قىسمىنى قاپلىدى».

بىر تال ئۇرۇق 1 مىليارد نەچچە يۈز مىليون كىشىنىڭ تاماق يېيىشىگە مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ئەھۋالى. گاۋ دېرۇڭ سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: «ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجى بار بولغان، دېھقانلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن تېخىمۇ ياخشى سورتلارنى داۋاملىق يېتىشتۈرۈپ، دۆلىتىمىز ئۇرۇقچىلىقىنىڭ گۈللىنىشى، جۇڭگولۇقلارنىڭ تاماق قاچىسىنى چىڭ تۇتۇشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور كۈچ قوشىمەن!»

باش شۇجى سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق تاپىلىدى: «ئۇرۇقچىلىق ئەڭ مۇھىم، يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىشتا ئۇرۇقچىلىقنى يۈكسەلدۈرۈش كېرەك.»

جىڭجياڭ شەھىرىنىڭ دېشېڭ كەنتىدىن كەلگەن پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل ياڭ خېڭجۈن شۇ جايدىكى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش «باشلامچىسى». 20 نەچچە يىلدا، ئۇ كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ، ياچېيكىنى كۈچەيتىپ، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى بۇ «ئاجىز كەنت»نى تەرەققىي قىلدۇرۇپ «مەملىكەت بويىچە مەدەنىي كەنت»كە ئايلاندۇردى.

«مۇشۇ يىللاردا، تۈرلۈك تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنىڭ قىزىشىغا ئەگىشىپ، كەنت ئاھالىلىرى ئارىسىدا پۇتبول مۇسابىقىسى كۆرىدىغان، تەنھەرىكەتنى ياخشى كۆرىدىغانلار كۆپەيدى» دەپ تونۇشتۇردى ياڭ خېڭجۈن. بۈگۈنكى كۈندە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەميېنى تومپايدى، مۇھىت تېخىمۇ گۈزەللەشتى، يېزا ئىستىلى تېخىمۇ مەدەنىي بولدى.

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش − ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىك ماسلاشقان زامانىۋىلاشتۇرۇش، يېزا ئىستىلى مەدەنىيلىكى يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش تېمىسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى.

باش شۇجى مۇنداق تەكىتلىدى: «سىز تونۇشتۇرغان ئەھۋالدىن قارىغاندا، كەنتنىڭ ئىقتىسادى ياخشىلىنىپتۇ، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىپتۇ، بۇ ئىنتايىن مۇھىم. يېزىلاردا كىيىنىش - تويۇنۇش مەسىلىسى ھەل قىلىنمىسا بولمايدۇ، دېھقانلار بېيىمىسا بولمايدۇ، لېكىن پۇل بولسىلا، بېيىسىلا يەنە كۇپايە قىلمايدۇ. يېزىلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىكىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مائارىپنى تۇتۇش، ناچار ئۆرپ - ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى تۇتۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش كېرەك.»

جياڭسۇنىڭ تەرەققىياتىدا تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. شىمالىي جياڭسۇدىكى خۇەيئەندىن كەلگەن ۋەكىل شى جىجۈن شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ «نىسبەتەن تەرەققىي تاپمىغان رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك ھالقىما تەرەققىياتى»غا تۈرتكە بولۇش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى: يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، سۇ تىرانسپورت تۈگۈنى بولۇش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «يەرلىك خاس مەھسۇلات» ئىشىنى ياخشى ئىشلەپ، ئېكولوگىيەلىك ئايلانما يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇردۇق...

سۆز تېمىسى شۇ جاينىڭ ئۆزگىچە كەسپى «شۈيى شياۋلۇڭشيا راكى»غا مەركەزلەشتى. شۇ جايدا يېتىشتۈرۈلگەن شياۋلۇڭشيا راكى يېڭى نەسلى «شۈيى 1 - نومۇر»نىڭ ئېغىرلىقى، مو بېشى مەھسۇلات مىقدارى بىردەك %18تىن كۆپرەك ئېشىپ، بازاردا ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشتى. شۈيىدىكى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ %32.5 كىرىمى شياۋلۇڭشيا راكىدىن كەلدى.

«شياۋلۇڭشيا راكى تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، چوڭ كەسىپكە ئايلىنىپتۇ» دېدى باش شۇجى كۈلۈپ تۇرۇپ.

شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتى مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ، باش شۇجى مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىللاردا، جياڭسۇدا رايونلار ئارىسىدىكى كىرىم، شەھەر - يېزىلار ئارىسىدىكى كىرىم پەرقى كۆرۈنەرلىك كىچىكلىدى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈش دەرىجىسى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئالغا سىلجىتىش جەھەتتە پائال ئىزدىنىش كېرەك.

28 ياشلىق داڭلىق سۇ ئۈزۈش ماھىرى جاڭ يۈفېي ئۈچ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان. ئۇ باش شۇجىغا ئۆزىنىڭ كۈرەش مۇساپىسىنى بايان قىلدى.

باش شۇجى ئۇنى بىر تەرەپتىن، تەنھەرىكەت مەيدانىدا داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، دۆلەت ئۈچۈن شەرەپ كەلتۈرۈشكە، يەنە بىر تەرەپتىن، ياش تەنھەرىكەتچىلەرگە ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش ۋە ئۇلارنى يېتەكلەشنى ياخشى ئىشلەشكە ئىلھاملاندۇردى.

مېدالنىڭ سالمىقىغا كۈرەش قىلىشتا ئاققۇزغان تەر مۇجەسسەملەنگەن؛ تەنتەربىيەنىڭ گۈللىنىشى دۆلەتنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەنلىكىنى نامايان قىلىدۇ. مۇسابىقە مەيدانىدىكى ھەربىر قېتىملىق بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئەزەلدىن يالغۇز جەڭ قىلىشتىن كەلگەن ئەمەس، ئۇ، باشتىن - ئاخىر جۇش ئۇرۇپ تۇرغان دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدۇ، دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، خەلقنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتى زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنىڭ بىر مۇھىم بەلگىسى. تەنتەربىيەدە كۈچلۈك بولۇش ئىككى جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ، بىرى، ئومۇمىي خەلق تەنتەربىيەسى كۈچلۈك بولۇش، خەلقنىڭ ساغلاملىق ساپاسى يۇقىرى بولۇش، يەنە بىرى ماھارەت تەنتەربىيەسى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلغان بولۇش.»

3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى لايىھەسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىنىڭ تەكشۈرۈشىگە سۇنۇلدى، دۆلەت تەرەققىيات يىرىك پىلانى قانۇنى لايىھەسى بىرلا ۋاقىتتا يىغىننىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇنىڭ ئىچىدىكى چوڭقۇر ئويلىنىشنى مۇنداق ئېنىق چۈشەندۈردى: «بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈپ يولغا قويۇش دۆلەتنىڭ تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم تەجرىبىسى. يىرىك پىلاننى ياخشى تۈزۈش، يەنە ئىجرا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ياخشى يىرىك پىلان بىلەن ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىدىن ئىبارەت بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك. مەن مەركەزگە كېلىپ خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، <12 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلاندىن <15 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈشكە قاتنىشىپ چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدۇم. يىرىك پىلاننى تۈزۈش جەريانى يەنە پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى جارى قىلدۇرۇش جەريانى.»

«ئىنتايىن ئالاھىدە، ئىنتايىن قالتىس» بولغان بەش يىلنى بېسىپ ئۆتۈپ، «14 - بەش يىل»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى پۇختا قەدەم تاشلىدۇق.

يېڭى مۇساپە، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى خىرىس.

«15 - بەش يىل»لىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداشتا، تېخىمۇ مۇرەككەپ مۇھىتقا تاقابىل تۇرۇشقا، تېخىمۇ كۆپ چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىقتىسادى كۈچلۈك ئۆلكىلەردىن زور ئۈمىدنى كۈتتى: «جياڭسۇ قاتارلىق ئىقتىسادى كۈچلۈك ئۆلكىلەر ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇۋاتىدۇ، يېڭى ئەھۋاللارنى تەتقىق قىلىش، يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىشى، تەجرىبە ھاسىل قىلىشى كېرەك.»

قانداق يېڭى ئەھۋاللار بار؟

بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا 2026 - يىللىق تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئىقتىسادنى %4.5تىن %5كىچە ئاشۇرۇش، ئەمەلىي خىزمەت داۋامىدا تېخىمۇ ياخشى نەتىجىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈش.

باش شۇجى مۇنداق كۆرسەتتى: «ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىشىغىلا قاراشقا بولمايدۇ، ھازىر ئېشىۋاتقىنى قاتتىق ئەمەلىي كۈچ، ئىنتىلىدىغىنىمىز يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش. ئۈزلۈكسىز تۈردە تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ يېڭىلاش ئارقىلىق، قەدەممۇقەدەم يۇقىرىغا قاراپ مېڭىش كېرەك.»

جياڭسۇغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنما سىجىللىقى يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ ئوتتۇراھال سەۋىيەسىگە يەتتى، باش شۇجى مۇنداق ئىلھاملاندۇردى: «جياڭسۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئاساسى بىرقەدەر ياخشى، تىرىشىپ ئالدىنقى قاتاردا مېڭىشى كېرەك.»

قانداق يېڭى ۋەزىيەتكە دۇچ كەلدى؟

تاشقى مۇھىت ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىرى چوڭقۇرلاشتى، جۇغراپىيەلىك سىياسىي خەۋپ - خەتەر سىجىل ئاشتى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قۇۋۋىتى ئاجىزلىدى، كۆپ تەرەپچىلىك، ئەركىن سودا ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى...

«ئىقتىسادى كۈچلۈك ئۆلكىلەرنىڭ تەرەققىيات ئاساسى مۇقىم، تاشقى زەربىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغاندىلا، ئاندىن پۈتۈن مەملىكەت ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسىنىڭ مۇقىملىقىغا تىرەك بولالايدۇ. جياڭسۇ ئىقتىسادنىڭ ئەۋرىشىملىكىنى ئاشۇرۇش جەھەتتە سىجىل كۈچىشى كېرەك.» خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئىچكى ماھارەتنى ياخشى مەشىق قىلىپ، ئۆزىنى كۈچەيتىشكە قويۇشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك.

«15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپىدە، «زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئەمەلىي ئىقتىساد ئاساسىنى مۇستەھكەملەش ۋە زورايتىش» 12 تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىدە باش ئورۇنغا قويۇلدى، «بۇنىڭ ئۈچۈن چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈلگەن».

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلەپپۇزى قەتئىي بولدى: «جۇڭگو شۇنچە چوڭ، بىز جەزمەن ئەمەلىي ئىقتىساد بىلەن شۇغۇللىنىشىمىز كېرەك، بىر تەرەپ، بىر ساھەمۇ كەم بولسا بولمايدۇ. ئاشلىققا ئوخشاش، جۇڭگو قاچىسىغا جەزمەن جۇڭگو ئاشلىقىنى قاچىلىشىمىز، جەزمەن ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ ئىش كۆرۈشىمىز كېرەك.»

قايسى يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك؟

مەسىلەن، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىرىدە، ئەنئەنىۋى ساھەلەردە ئادەم ئىشلىتىش ئېھتىياجى تارىيىپ، قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش زىددىيىتى گەۋدىلىك بولۇش مەسىلىسى؛ مەسىلەن، ئەنئەنىۋى كەسىپلەر بىلەن يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر ساھەسىدە كىرىم پەرقى تەدرىجىي چوڭىيىش ۋەزىيىتىنىڭ نامايان بولۇشى كىرىم پەرقىنى كىچىكلىتىشكە يېڭى خىرىس ئېلىپ كەلدى؛ مەسىلەن، ياشانغانلار نوپۇسىنىڭ كۆپىيىش ۋە بالىلار نوپۇسىنىڭ ئازىيىش دەرىجىسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش قاتارلىق ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت سەۋىيەسىنى يەنىمۇ جىددىي ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ ...

باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر - بىرلەپ چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى دۆلىتىمىز ھازىرقى باسقۇچتا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا ئومۇميۈزلۈك دۇچ كەلگەن مەسىلىلەر. جياڭسۇ بۇ تېمىلارغا پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن جاۋاب بېرىپ، پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدىكى خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشى كېرەك.»

ئىشنى ياخشى باشلاپ، قەدەمنى ياخشى ئېلىپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش پارتىيەنىڭ ئوبرازىغا مۇناسىۋەتلىك، تەرەققىيات ئومۇملۇقىغا مۇناسىۋەتلىك.

ھازىر، پۈتۈن پارتىيەدە توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلۇۋاتىدۇ، باش شۇجى مۇنداق تاپىلىدى: «پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش قانچە ئۈنۈملۈك بولسا، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى كاپالەتلەندۈرۈش شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ» «ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلققە بەخت يارىتىش، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش ئومۇمىي تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئەستايىدىل ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشقا يېتەكلەپ، تىرىشىپ ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى يارىتىش كېرەك.»

بىر يىلنىڭ ئىشى پىلاننى پۇختا تۈزۈشتىن باشلىنىدۇ. يىراق مۇساپىگە يۈرۈش قىلغاندا ھەربىر قەدەمنى پۇختا تاشلاش كېرەك.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.