تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ «8 - مارت» خەلقئارا ئاياللار بايرىمىنىڭ 116 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

چېن مىڭگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سى لۇلۇ خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ «8 - مارت» خەلقئارا ئاياللار بايرىمىنىڭ 116 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى چېن مىڭگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

چېن مىڭگو مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاياللار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر قاتار مۇھىم سۆز قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇق، تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، ئاياللار ئىشلىرى تەرەققىياتىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، دۇنياۋى ئاياللار ئىشلىرىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ چوڭ قەدەم تاشلاپ ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك.

چېن مىڭگو مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان باشلىنىدىغان يىل. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ ئاياللارنىڭ ئاياللار ئىرادىسىنى مەھكەم تۇرغۇزۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەدىن مىننەتدار بولۇشى، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلىشى، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىنى؛ ئاياللار ئىقتىدارىنى نامايان قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشىنى؛ ئاياللار تۆھپىسىنى نامايان قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشىنى؛ ئاياللار گۈزەللىكىنى نامايان قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئائىلە، ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشىدىكى ئۆزگىچە رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

چېن مىڭگو مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم بايانلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر ئەر - ئاياللار باراۋەر بولۇش تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاياللار خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرىنىڭ قانۇن ۋە نىزامنامىگە ئاساسەن خىزمەتلەرنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، ئاياللارنىڭ تۈرلۈك قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. پۈتۈن جەمئىيەت ئاياللارنىڭ ئورنىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئاياللار ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئاياللار خىزمىتىنى قوللاپ، ئاياللار ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولغان ياخشى كەيپىياتنى ئورتاق يارىتىشى كېرەك. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرى پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسىيلىقى، ئىلغارلىقى، ئاممىۋىلىقىنى كۈچەيتىپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يېتەكلەش، مۇلازىمەت قىلىش، ئالاقىلىشىش فۇنكسىيەسىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ئاياللار ئاممىسىنىڭ قەلبىگە يەتكۈزۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئاياللار ئىشىنىدىغان، تايىنىدىغان، ئايرىلالمايدىغان «غەمگۈزارى» بولۇشى كېرەك.

مەملىكەتلىك 8 - مارت قىزىل بايراقدارى، مەملىكەتلىك 8 - مارت قىزىل بايراقدار كوللېكتىپى، مەملىكەتلىك ئاياللار مەدەنىي ئىش ئورنى قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشكەن ئاپتونوم رايوندىكى مۇنەۋۋەر ئاياللار ۋەكىللىرى، ئىلغار كوللېكتىپ ۋەكىللىرى سۆز قىلدى. ئۇلار مەۋقەنى ئىش ئورنى ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، كۈرەش قىلىشتىكى ئەسلىي مەقسىتىنى بايان قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى ئاياللارنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى سۆزلەپ، شىنجاڭدىكى كەڭ ئاياللارنىڭ غەيرەت - شىجائەتكە تولغان، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.