شىنجاڭ گېزىتى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرى ئۆزى تۇرۇشلۇق ساھە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسى ياكى بىرلەشمە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىدە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى لايىھەسى قاتارلىقلارنى مۇزاكىرە قىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى.
ئەزا نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈلۈپتۇ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپتۇ، بۇ، بايراق ئېگىز كۆتۈرۈلگەن، نىشان چىڭ كۆزلەنگەن، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل، قەلب ۋە كۈچ مۇجەسسەملەنگەن ياخشى دوكلات بوپتۇ. «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى لايىھەسىدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى چىڭ كۆزلىنىپ، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سالىدىغان ئىستراتېگىيەلىك نەزەر دائىرە نامايان قىلىنىپتۇ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش قىممەت ئىنتىلىشى سىڭدۈرۈلۈپتۇ، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىدىغان سىستېمىلىق تەپەككۇر مۇجەسسەملىنىپتۇ، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، بۇ، ئالدىن كۆرەرلىككە، يېتەكلەشچانلىققا ئىگە، ئىلمىي، ئەمەلىي، ئاساسنى پۇختىلاپ ئۇلنى مۇستەھكەملەيدىغان ياخشى يىرىك پىلان بوپتۇ. بىز «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پائال تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئادا قىلىش مۇلازىمىتىمىز ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.
ئەزا ئېلزات ئەخمەتجان مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا ھەربىر گۇرۇپپا تەپسىلىي ۋە ئېنىق سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق، بىر چوڭ دۆلەتنىڭ قەد كۆتۈرۈشىدىكى پۇختا قەدىمى نامايان قىلىنىپتۇ. بۇلتۇر ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 140 تىرىليون 190 مىليارد يۈەن بولۇپ، دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى بەرپا قىلىشتىن بۇ يىل ئىقتىسادنى %4.5تىن %5كىچە ئاشۇرۇش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، بىر قاتار سىياسەت - تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشقىچە، ھەممىسى بىزگە جۇڭگو سۈرئىتى، جۇڭگو ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇردى، 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى لايىھەسى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشىمىزغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكەت پىروگراممىسى. مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»نىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىجىل كۈرەش قىلىپ، قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، «15 - بەش يىل»لىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يىرىك پىلان ئۇلۇغۋار نىشانىنى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرىمىز.
ئەزا غەنىزات توختى مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا سىياسىي يۈكسەكلىك يۇقىرى، خۇلاسىلەنگەن نەتىجىلەر ئەمەلىي، خىزمەت پىكىر يولى ئېنىق بوپتۇ، بۇ، كىشىنى چوڭقۇر ئىلھاملاندۇرىدۇ. ئۇنىڭدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغىنى دوكلاتتا ئالاقە تورى شارائىتىدىكى يېڭى ئاممىۋى ئەدەبىيات - سەنئەتنى گۈللەندۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: «بۇ يىل مەن دەل يېڭى ئاممىۋى ئەدەبىيات - سەنئەتنى چۆرىدەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق مەنىۋى ماكانى قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇش توغرىسىدا تەكلىپ ئېلىپ كەلدىم. يېڭى تاراتقۇ ئارقىلىق داۋاملىق ھەقىقىي شىنجاڭنى خاتىرىلەپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەيمەن».
ئەزا گۇەن فاڭفاڭ مۇنداق دېدى: «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى لايىھەسىدە يېڭى دەۋردە ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش، ئاساس مائارىپتا ئەلا بايلىقنى كۆپەيتىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش قاتارلىقلار توغرىسىدا سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپتۇ، بۇ، كىشىنى روھلاندۇرىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە ئاساس مائارىپنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن.
قادىلبېك قامزا، جارۇللا ھېسامىدىن، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، ليۇ جيەنمىڭ، خالمۇرات ئابدۇراخمان، غالىپجان قادىر قاتارلىقلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا ھەرقايسى گۇرۇپپىلارنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى.






