چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل قاتارلىقلار مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى، شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن قاتناشتى، خې جۇڭيوۋ سىرتتىن قاتناشتى
شىنجاڭ گېزىتى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى خەلق سارىيىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش زالىدا ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا قاراپ چىقتى، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى لايىھەسىنى تەكشۈردى ھەم جۇڭگو - چەت ئەل تاراتقۇلىرىغا ئېچىۋەتتى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل قاتارلىقلار مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن قاراپ چىقىش، تەكشۈرۈشكە قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ سىرتتىن قاتناشتى.
گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقىدىكى ئالاقىدار يولداشلار يىغىنغا كېلىپ پىكىرلەرنى ئاڭلىدى.
خەلق سارىيى ئاخبارات ئېلان قىلىش زالىنىڭ تاراتقۇلار رايونىدا بىرمۇ بوش ئورۇن قالمىغانىدى، جۇڭگو ۋە چەت ئەلنىڭ 50 نەچچە تاراتقۇسىدىن كەلگەن مۇخبىرلار يىغىنغا كېلىپ زىيارەت قىلدى.
قارالمىغا ئاساسەن، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئالدى بىلەن قاراپ چىقىش، تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى. ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ مىڭشەن، مىنەۋەر ھەبىبۇللا، ۋۇ ۋېنشيۇ قاتارلىق ۋەكىللەر ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى، پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئارقىدىن، يىغىن تاراتقۇلار سوئال - جاۋاب ھالقىسىغا كىردى، جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى بەس - بەستە سوئال سورىدى، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ۋەكىللەر ئاكتىپ جاۋاب بەردى.
2025 - يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، بۇ يىل «15 - بەش يىل» باشلىنىدىغان يىل. مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى ۋەكىل چېن شياۋجياڭدىن مۇنداق سوئال سورىدى: ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان ئاچقۇچلۇق تۈگۈندە تۇرۇۋاتقان شىنجاڭ قانداق قىلغاندا پىلان تۈزۈپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «15 - بەش يىل»لىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈچۈن ئىشنى ياخشى باشلاپ، قەدەمنى ياخشى ئالالايدۇ؟
چېن شياۋجياڭ ئالدى بىلەن دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ئاخبارات تاراتقۇلىرىدىن كەلگەن دوستلارنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگو شىنجاڭغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە خەۋەر قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: 2025 - يىلى شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى مۇھىم ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى، بۇ، پارتىيە ۋە دۆلەت تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئىش. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ، مۇھىم سۆز قىلىپ، مۇھىم بېغىشلىما يېزىپ بېرىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىگە زور ئىلھام بەردى. ئۆتكەن بىر يىلدا، پۈتۈن شىنجاڭدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىنى ساقلىدى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى، مۇقىملىق ئاساسىدا يۈكسەلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى سىجىل ئاشتى، «14 - بەش يىل» تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدە پۇختا قەدەم تاشلاندى.
چېن شياۋجياڭ مۇنداق دېدى: «15 - بەش يىل» مەزگىلى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئاساسنى پۇختىلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل. بىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات توغرىسىدا چىقارغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر، دەل جايىدا ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ئېچىۋېتىش يولىنى ماڭغانسېرى تېخىمۇ كېڭەيتىمىز، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تايانچ نۇقتىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، تەرەققىيات قۇۋۋىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىمىز، مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، پاكىز ئېنېرگىيە ئارقىلىق ھەممە ئائىلىگە نەپ يەتكۈزىمىز، مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ بايلىق ۋە مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىنى بېيىتىمىز، دۆلەتنىڭ جۇغراپىيەلىك خەۋپسىزلىكىنى قوغدايدىغان ئىستراتېگىيەلىك توسۇقنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، مۇقىملىق ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلايمىز، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى ئارقىلىق، تىرىشىپ باش شۇجى شى جىنپىڭ تۈزۈپ بەرگەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغۋار پىلانىنى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرىمىز.
چېن شياۋجياڭ دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ئاخبارات تاراتقۇلىرىدىكى دوستلارنىڭ ئىلگىرىكىدەكلا شىنجاڭغا كۆڭۈل بۆلۈپ، شىنجاڭنى قوللاپ، شىنجاڭنى تەشۋىق قىلىشىنى، شىنجاڭغا كۆپرەك بېرىپ ئايلىنىپ بېقىشىنى، كۆرۈپ بېقىشىنى، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى ئومۇميۈزلۈك، ھەقىقىي جۇڭگو شىنجاڭنى چۈشىنىش، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان ھاياتىي كۈچكە تولغان شىنجاڭنى كۆرۈش، تاغ - دەريالىرى ھەيۋەتلىك گۈزەل شىنجاڭنى ياخشى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.
ۋەكىل ئەركىن تۇنىياز شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ «شىنجاڭ قانداق قىلغاندا دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ۋە <قوش كاربون> نىشانىغا يېتىشىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىدۇ» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بەرپا قىلىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نىڭ بىرى. دۆلەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بار، شىنجاڭنىڭ ئەۋزەللىكى بار، بازارنىڭ ئېھتىياجى بار. بىز يېڭى ئېنېرگىيەنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، سىجىل تۈردە شىنجاڭنىڭ شامال - يورۇقلۇق بايلىقىنى پۈتمەس - تۈگىمەس پاكىز ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرىمىز. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە ئېچىش كۆلىمى سىجىل ئاشتى، يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى، پۈتۈن مەملىكەتنى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولدى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى سىرتقا يەتكۈزۈش كۆلىمى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 22 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرنى قاپلىدى، يېشىل توكنى ئىشلىتىش ئىقتىدارى سىجىل كۈچىيىپ، كەسىپلەر توپى ئومۇميۈزلۈك شەكىللەندى، شىنجاڭنىڭ پاكىز ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا يەتكۈزۈلۈپ، مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرنى يورۇتۇپلا قالماي، يەنە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، چوڭ تىپتىكى يېڭى ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى ئېنېرگىيەنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئەمەلىي قوللىنىش ھالىتىنى بېيىتىپ، يېقىن ئەتراپتا ئىستېمال قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «دەرىجىدىن تاشقىرى يېشىل توكدان»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئەلالاشتۇرۇپ، دۆلەت ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇشقا ئىشەنچى، ئىرادىسى، ئىقتىدارى بار.
ۋەكىل زۇمرەت ئوبۇل شىنجاڭدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى قانداق ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا فېڭخۇاڭ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسى مۇخبىرىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ تۈپ كاپالىتى. بىز مىللەتلەر مەسىلىسىنى جۇڭگوچە ھەل قىلىشنىڭ توغرا يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتۇق. بۈگۈنكى شىنجاڭدا، 26 مىليوندىن ئارتۇق تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرى قەلبداش بولدى، ھېسسىيات جەھەتتە يۇغۇرۇلدى، بىر مەقسەتتە بولدى، كۈچنى مۇجەسسەملىدى، ھەرقايسى مىللەتلەر توغراققا ئوخشاش يىلتىزى بىرتۇتاش، قەلبداش بولدى، ئانارنىڭ دانىسىدەك بىر مەقسەتتە بولدى، زىچ ئۇيۇشتى. قانۇنچىللىق جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تىرەك. بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، يۈرۈشلەشكەن يەرلىك نىزام - تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزۈلمە - مېخانىزم جەھەتتىن يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىمىز.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىش، تەرەققىياتى بارغانسېرى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. جۇڭگو گېزىتىنىڭ مۇخبىرى مۇنداق سوئال سورىدى: قىسمەن دۆلەتلەر قانۇن لايىھەسى چىقىرىپ، شىنجاڭغا ئالاقىدار بەزى كارخانا ۋە شەخسلەرنى چەكلىدى، بۇ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتەمدۇ - يوق، شىنجاڭ بۇنىڭغا قانداق تاقابىل تۇرىدۇ؟ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ئالاقىدار ۋەكىل قەتئىي ھالدا مۇنداق بىلدۈردى: بۇ چەكلەشنىڭ ماھىيىتى ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» قاتارلىق يالغان - ياۋىداق سۆز، بىمەنە سەپسەتىلەردىن پايدىلىنىپ، «كىشىلىك ھوقۇق»نى دەستەك قىلىپ، سىياسىي نەيرەڭۋازلىق ۋە ئىقتىسادىي زومىگەرلىك بىلەن شۇغۇللىنىش، بۇ ئارقىلىق شىنجاڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسۇش سۇيىقەستىدە بولۇشتىن ئىبارەت، بىز قەتئىي قارشى تۇرىمىز، قەتئىي كۈرەش قىلىمىز. بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز ئەزەلدىن ھېچقانداق ئىلتىپاتقا تايانغان ئەمەس، شۇنداقلا، ھەرقانداق يولسىز بېسىمدىن قورقۇپ قالمايمىز. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، بوران - چاپقۇنلاردا تاۋلىنىشنى باشتىن كەچۈرگەن شىنجاڭنىڭ ئەتىسى جەزمەن تېخىمۇ شانلىق ۋە پارلاق بولىدۇ.
يېقىندا، شىنجاڭدىكى كادىر خې جياۋلۇڭنىڭ ئىش ئىزلىرى سانسىزلىغان تور ئەھلىنى تەسىرلەندۈرۈپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى. بېيجىڭ گېزىتىنىڭ مۇخبىرى مۇنداق سوئال سورىدى: خې جياۋلۇڭنىڭ ئىش ئىزلىرىنىڭ كادىرلارنى چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشتە قانداق ئۈلگىلىك ئەھمىيىتى بار؟ بۇنىڭغا قارىتا، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ئالاقىدار ۋەكىل مۇنداق بىلدۈردى: يولداش خې جياۋلۇڭ خەلققە بەخت ياراتقان خەلقنىڭ ياخشى خىزمەتكارى، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلىگەن ياخشى كادىر، كىشىلەرنىڭ ياد ئېتىشى ۋە ئەسلىشى ئۇنىڭغا بولغان ئەڭ چوڭقۇر دوستلۇق مېھرى ۋە ئەڭ ئالىي تەقدىرلەش - مۇكاپاتلاش. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يولداش خې جياۋلۇڭغا «ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى» دەپ نام بېرىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئۇنىڭدىن ئۆگىنىشكە چاقىردى. شىنجاڭدا يەنە خې جياۋلۇڭغا ئوخشاش مىليونلىغان كۈرەش قىلغۇچىلار بار، ئۇلار خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىشلىرىغا جان - دىل بىلەن ئاتلىنىپ، خەلق ئۈچۈن سىياسىي نەتىجە يارىتىپ، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق سىياسىي نەتىجە يارىتىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى ئۈچۈن ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى بېغىشلىماقتا.
«شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسى ئۇدا 100 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك تۆت پەللىگە كۆتۈرۈلدى، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى قانداق قىلىپ يەنىمۇ كېڭەيتىدۇ؟» «شىنجاڭ قانداق قىلىپ مەدەنىيەت - ساياھەت بايلىقىنى تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرىدۇ؟» «زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا قانداق كونكرېت نەتىجىلەر بار؟» «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدا قايسى نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە بۆسۈش بار؟» «جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش جەريانىدا، ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلگەن قايسى ئەمەلىي مەسىلىلەر نۇقتىلىق ھەل قىلىندى؟»
...
جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى كۆڭۈل بۆلگەن مەسىلىلەرگە قارىتا، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ۋەكىللەر بىر - بىرلەپ جاۋاب بەردى.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن تيەن شياڭلى، سارقىت ئاقان، لى شيەنفا، ۋاڭ مىڭشەن، مەمتىمىن قادىر، ئەنۋەر تۇرسۇن، شۆ بىن، باتۇ، شى گاڭ، دىلشات سايىم، گاۋ جىمىڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. دۇ خۇڭيەن قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.






