تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۆز ئالاھىدىلىكىمىزگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، جاسارەت بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى

ئۆز ئالاھىدىلىكىمىزگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، جاسارەت بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك

چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، شۆھرەت زاكىر، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، شەۋكەت ئىمىن، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل يەتكۈزدى، ئۆگەندى. ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. شۆھرەت زاكىر، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، شەۋكەت ئىمىن، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئومۇملۇقى كۆزدە تۇتۇلۇپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ ئەۋرىشىملىكىنى ئاشۇرۇش، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئالغا سىلجىتىش ۋە پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش قاتارلىق مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرى چوڭقۇر بايان قىلىنغان بولۇپ، بىزنىڭ «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىزدە مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى ۋە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى چۆرىدەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرى ۋە ئىسلاھات ئۇسۇلى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، جاسارەت بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ يۆنىلىشنى ۋە بۆسۈش ئېغىزىنى دەل جايىدا تاللاپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دىققەتنى نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، سىجىل تۈردە ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، كەلگۈسى كەسىپلەرنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرى، مەبلەغ زەنجىرى، ئىختىساسلىقلار زەنجىرىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشنى قوللايدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن ياخشى ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش كېرەك. ئىقتىسادنىڭ ئەۋرىشىملىكىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش ئىستراتېگىيەلىك تايانچ نۇقتىنى تېز شەكىللەندۈرۈش كېرەك. مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك ئۇدۇللىشىش ۋە تەرەققىياتتا ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق، ئېنېرگىيە بايلىقى ۋە مۇھىم كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئورتاق بېيىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تەرەققىيات مۇساپىسىگە كەڭ قاتنىشىش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تولۇق بەھرىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەش، مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك، تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يۆنىلىش قىلغان ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ باراۋەرلىشىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ۋە يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈش، قەلبلەرنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەش، ئىتتىپاقلىقنى تېخىمۇ ياخشى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك. پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى پۇختا زىممىگە ئېلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىش ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى خەلق ئۈچۈن سىياسىي نەتىجە يارىتىش، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق سىياسىي نەتىجە يارىتىشقا يېتەكلەپ، پارتىيەۋىلىك، پارتىيە ئىستىلى، پارتىيە ئىنتىزامىنى تەڭ تۇتۇش، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى تۇتاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشقا تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە ئارقىلىق ياخشى تەرەققىيات مۇھىتىنى شەكىللەندۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.

تيەن شياڭلى، سارقىت ئاقان، لى شيەنفا، ۋاڭ مىڭشەن، مەمتىمىن قادىر، ئەنۋەر تۇرسۇن، شۆ بىن، با تۇ، شى گاڭ، دىلشات سايىم، گاۋ جىمىڭ، دۇ خۇڭيەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.