تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى لايىھەسىنى تەكشۈردى

شۆھرەت زاكىر، چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، شەۋكەت ئىمىن تەكشۈرۈشكە قاتناشتى، خې جۇڭيوۋ سىرتتىن قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى لايىھەسىنى تەكشۈردى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن شۆھرەت زاكىر، چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، شەۋكەت ئىمىن تەكشۈرۈشكە قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى. سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى يەن دۇڭ، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدىكى ئالاقىدار يولداشلار يىغىنغا كېلىپ پىكىرلەرنى ئاڭلىدى.

ۋەكىل چېن شياۋجياڭ مۇنداق دېدى: «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى لايىھەسىنى قۇۋۋەتلەيمەن. يىرىك پىلان پىروگراممىسى لايىھەسىدە پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپتۇ، تۆۋەندىكىدەك روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە: ئۇلۇغۋار پىلاننى پىلانلاشتا ئىستراتېگىيەلىك ئومۇملۇق كۆزدە تۇتۇلۇپ، دۆلەت ئىچى بىلەن دۇنياۋى نەزەر دائىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، ئۆزىمىزنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى ئېنىقلىق ئارقىلىق تاشقى مۇھىتتىكى ئېنىقسىزلىققا تاقابىل تۇرۇلۇپ، كەسكىن خەلقئارا رىقابەتتە ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىق پائال قولغا كەلتۈرۈلۈپتۇ؛ تەدبىرلەرنى تۈزۈشتە دىققەت گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، نىشان يۆنىلىشى بىلەن مەسىلە يۆنىلىشىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، ھەم جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئومۇملۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەرنىڭ كونكرېت يولى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپتۇ، ھەم يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تەسىر يەتكۈزۈۋاتقان بوغما ھالەت چەكلىمىسى كۈچەپ ھەل قىلىنىپتۇ؛ خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىشتا سىستېمىلىق تەپەككۇر نامايان قىلىنىپ، مەۋقەنى ھازىرغا قويۇش بىلەن ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پىلانلاشنى تۇتاشتۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك پىلانلاش بىلەن مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈشنى ماسلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، ھەم دىققەت باسقۇچلۇق ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، چىڭ تۇتۇپ بېجىرىشكە تېگىشلىك چوڭ ئىش، جىددىي ئىش، قىيىن ئىش ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپتۇ، ھەم زور بىر تۈركۈم ئاساس سالىدىغان، ئۇزاققىچە نەپ يەتكۈزىدىغان مۇھىم تەدبىرلەر تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ؛ ۋەزىپىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇشتا ئىلمىي، ئەمەلىي بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىلىپتۇ، ئىستراتېگىيەلىكلىكى بىلەن مەشغۇلاتچانلىقىنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇلۇپتۇ، ھەم ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىلىپتۇ، ھەم ئاچقۇچلۇق بۆسۈش ھاسىل قىلىش ۋە نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەشكە ئەھمىيەت بېرىلىپتۇ، ھەم يېتەكلەشچانلىقى ۋە ئۇنىۋېرساللىقى گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، ھەم ئەمەلىي يولغا قويۇشقا بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپتۇ. بىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، جاسارەت بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىمىز.

ۋەكىل شەۋكەت ئىمىن مۇنداق دېدى: «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى لايىھەسىدە بايراق ئېگىز كۆتۈرۈلگەن، ئومۇملۇق بىرتۇتاش ئىگىلەنگەن بولۇپ، نىشان ئايدىڭ، پىكىر يولى ئېنىق، تەدبىرلەر كۈچلۈك بوپتۇ، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى نىشانلىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەكلىپى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، جەزمەن ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك ئالتە پىرىنسىپ گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، كەلگۈسى بەش يىل، ھەتتا تېخىمۇ ئۇزاق بىر مەزگىلدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپتۇ، تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. بۇ يىل «15 - بەش يىل» باشلىنىدىغان يىل، شۇنداقلا 2035 - يىلىغا بارغاندا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان مۇھىم بىر يىل. بىز ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، يىرىك پىلان پىروگراممىسىدىكى تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا پۇختا تۈرتكە بولساقلا، چوقۇم ئۇلۇغۋار پىلاننى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالالايمىز. «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن ئايدىن تۆلەۋقان، غۇلامجان رېھىم، جېڭ يۈفېڭ، دىلشات پەرھات، ليۇ خۇڭتاۋ، جۈرئەت قۇربان قاتارلىقلار تەكشۈرگەندە مۇنداق بىلدۈردى: «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى لايىھەسىدە پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، مەركەزنىڭ «15 - بەش يىل»لىق ئۇلۇغۋار پىلان تەكلىپىدە تۈزۈپ چىقىلغان ئۇلۇغۋار پىلان كونكرېت «ۋەزىپىنامە» «قۇرۇلۇش خەرىتىسى»گە ئايلاندۇرۇلۇپتۇ، تامامەن قۇۋۋەتلەيمىز. كۆپچىلىك يەنە ئېنېرگىيە ۋە قاتناش قاتارلىق ساھەلەردىكى نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشى، پاختىنىڭ نىشانلىق باھا سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، كۆمۈر قاتلىمى گازىنى چارلاش، يۇقىرى دەرىجىلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە كىرگۈزۈش، ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەر توغرىسىدا پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن تيەن شياڭلى، سارقىت ئاقان، لى شيەنفا، ۋاڭ مىڭشەن، مەمتىمىن قادىر، ئەنۋەر تۇرسۇن، شۆ بىن، باتۇ، شى گاڭ، دىلشات سايىم، گاۋ جىمىڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. دۇ خۇڭيەن قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.