تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«15 - بەش يىل»نى نىشانلاپ، ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەيمىز

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزى شىنجاڭدىكى كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

«<15 - بەش يىل>لىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداشتا، تېخىمۇ مۇرەككەپ مۇھىتقا تاقابىل تۇرۇشقا، تېخىمۇ كۆپ چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.» 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆزى تۇرۇشلۇق 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللەر، ئەزالار ۋە ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى.

كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق قارىدى: باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىدە «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ياخشى تۇتۇش ئۈچۈن ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، تىرىشىش يۆنىلىشى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى. تەرەققىيات ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، يېڭى ئەھۋاللارنى تەتقىق قىلىش، يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، «15 - بەش يىل»لىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى چۆرىدەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جاسارەت بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىمىز.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئىقتىسادىي رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم.

«باش شۇجى مۇنداق كۆرسەتتى: تىرىشىپ دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىش، پەن - تېخنىكا يۇقىرى پەللىسىنى ئىگىلەشتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك. بۇ، كۆپچىلىكنىڭ خىزمەت نىشانىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى» دېدى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى ۋاڭ ۋېي. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ۋاڭ ۋېي ئۇرۇق پىلازمىسى بايلىقىنى قوغداش ۋە سورتتا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ بىرنەچچە تەكلىپ سۇندى، بۇنىڭ ئىچىدە بىر تەكلىپ نۇقتىلىق تەكلىپ قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن سورت يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، يېڭى سورتنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش ھەم كەسىپلەشتۈرۈپ كېڭەيتىشنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋە پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئايلاندۇرۇپ قوللىنىشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، ئۇرۇقچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى كۈچلۈك تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلەيمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر ۋاڭ چېڭ مۇنداق بىلدۈردى: شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «15 - بەش يىل»لىق پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىرىك پىلانىنى يۇقىرى سۈپەتتە تۈزۈپ يولغا قويۇشنى يېتەكچى قىلىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، جاسارەت بىلەن شىنجاڭ رايون پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى بەرپا قىلىمىز. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، دىققەتنى نېفىت، تەبىئىي گاز، قېزىلما بايلىق قاتارلىق ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، دىققەتنى يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، دىققەتنى تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى، ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى قاتارلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ كەلگۈسى كەسىپلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +» ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك قۇۋۋەت قوشىمىز.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىچكى ماھارەتنى ياخشى مەشىق قىلىپ، ئۆزىنى كۈچەيتىپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازارغا ئومۇميۈزلۈك سىڭىشىپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇشقا كۈچ قوشۇش كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، دۇنيا بازىرىنى كەڭ ئېچىپ، خەلقئارادىكى ئايلىنىشنى تېخىمۇ ياخشى تۇتاشتۇرۇش كېرەك.

2025 - يىلى، ئالاتاۋ تاموژنىسى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان پورتلارنىڭ يۈك توشۇش مىقدارى 2024 - يىلىدىكىدىن %5.3 ئېشىپ، تارىخىي بۆسۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئۇزاق مەزگىل پورت بىرىنچى سېپىدە يىلتىز تارتقان ئۆسۈملۈك كارانتىن خادىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى لى لەن مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «دۆلەت دەرۋازىسىنى قوغداش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش» مەسئۇلىيىتىمىز ۋە بۇرچىمىزنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم بىلەن ياخشى ئادا قىلىپ، تەجرىبىخانىدا «ئەقلىي ئىقتىدارلىق مۇداپىئە سېپى» بەرپا قىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودىسىغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، چەت ئەلنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنى دۆلەت ئىچى بازىرىغا كىرگۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى مەملىكەت سىرتىغا يۈزلەندۈرۈشكە كۈچ قوشىمىز.

«باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش فۇنكسىيەسىگە قويۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىمىز.» ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى چېن لىبو مۇنداق بىلدۈردى: دىققەتنى بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يەرلىك قورۇقچىلىق ۋە بازار ئايرىشنى قەتئىي تۈگىتىپ، ئادىل رىقابەتلىشىش بويىچە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ناتوغرا رىقابەت قىلمىشلىرىنى تۈزەپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرىمىز.

«يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، دۇنيا بازىرىنى كەڭ ئېچىش، بۇ، تەرەققىياتنىڭ جىددىي ئېھتىياجى.» ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى (مۇئاۋىن رايون باشلىقى) دىلدار ئابلىمىت مۇنداق دېدى: بىيوتېببىي دورا كەسپى شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ئۈرۈمچى بۆلەك رايونىنىڭ يۇقىرى، يېڭى فۇنكسىيەلىك رايون بۆلىكىدە نۇقتىلىق يېتىشتۈرۈلىدىغان يېتەكچى كەسىپلەرنىڭ بىرى، بۇنىڭدىن كېيىن ئەركىن سودا سىناق رايونى سۇپىسىدىن يەنىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، جۇڭيى دورىلىرى، بىيو دورا ياساش كەسپىنى سىجىل زورايتىپ، كۈچەيتىپ، غەربكە ئېچىۋېتىلگەن بىيوتېببىي دورا كەسپى توپى ۋە يېڭىلىق يارىتىش مەنبەسى بەرپا قىلىمىز.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش پۈتكۈل خەلق ئورتاق بېيىيدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش.

ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى چېن يۈ مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى ۋەزىيەتتىكى خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان يېڭى ئارزۇسى ۋە خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنىڭ يېڭى ئالاھىدىلىكىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشنى قوللايدىغان تۈرلۈك سىياسەتلەردىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، ئىش ئورنىنى ئۈزلۈكسىز مۇقىملاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئەمگەك ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەزگىلى ھاۋا بىردەم ئىسسىپ، بىردەم سوۋۇپ تۇرىدىغان مەزگىل، جۇڭگو تۆمۈريولى 15 - ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولى ئاقسۇدىن مارالبېشىغىچە بولغان بۆلىكىنىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش بويىچە ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ S2 بۆلىكى تۈرىدە ئىش ئومۇميۈزلۈك باشلاندى. «باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىپ، كۆپچىلىكنىڭ غەيرىتى تېخىمۇ ئاشتى!» بۇ بۆلەك تۈرنىڭ دىرېكتورى نىڭ لىچۈن مۇنداق دېدى: بۇ يىل قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، تىرىشىپ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاممىنى تېخىمۇ قولايلىق سەپەرگە چىقىش مۇھىتى بىلەن تەمىنلەيمىز.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش قانچە ئۈنۈملۈك بولسا، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى كاپالەتلەندۈرۈش شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ.

«باش شۇجى توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا كونكرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئاساسىي قاتلام كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، چوڭقۇر ئىلھاملاندىم، ھەسسىلەپ روھلاندىم.» ئارا تۆرۈك ناھىيەسى تۇزكۆل بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بازار باشلىقى ماھىرە يەھيا مۇنداق بىلدۈردى: خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي نەتىجە قىلىمىز. تۆگە باقمىچىلىقى، جىغان تېرىقچىلىقى قاتارلىق يەرلىك خاس كەسىپلەرنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكى، مەدەنىيەت، ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا كۈچ قوشىمىز؛ يۇرتداشلار ئۈچۈن كۆپرەك ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىمىز.

(مۇخبىر جاڭ يەنفاڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار لى ياڭ، شيې خۇيبيەن، خېي خۇڭۋېي، لۇ فېڭباۋ، سو رۇڭجى، گو چيەن، جاۋ چۇنخۇا، ۋېي يۇڭگۇي، ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ ياخۇي)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.