□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو لىڭ
كۆپ قېتىملىق ۋەكىللەر كۆزدىن كەچۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيىتىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى لى يۈنفېي شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى جەھەتتىكى ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ گۇۋاھ بولدى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقىنى تېخىمۇ ياخشى ئېچىپ پايدىلىنىشنى ئۈمىد قىلدى. 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، لى يۈنفېي مۇخبىر بىلەن ئالاقىدار تەۋسىيەلەرگە جاۋاب قايتۇرۇلۇش ئەھۋالى توغرىسىدا پاراڭلاشقاندا مۇنداق دېدى: مەن ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ۋەكىللەرنىڭ تەۋسىيەلىرى ۋە ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم.
لى يۈنفېي ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش تارماق ئەترىتى كۇچا شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش چوڭ ئەترىتىنىڭ جېڭۋېيسى. بۇلتۇر مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، ئۇ «شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ 1100± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توكنى سىرتقا يەتكۈزۈش لىنىيەسى ھەم چوڭ تىپتىكى پاكىز ئېنېرگىيە بازىسىنى دۆلەتنىڭ <15 - بەش يىل>لىق ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى تەۋسىيە»نى تاپشۇرغانىدى، «ھەر قېتىم شىنجاڭدىكى شامال، يورۇقلۇق، توك، كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز قاتارلىقلارغا ئالاقىدار كارخانىلارغا بارغاندا، بۇ كارخانىلارنىڭ شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىش ۋەزىيىتىدىن ھەسسىلەپ روھلىنىمەن» دېدى لى يۈنفېي.
ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى مول، ئوت ئېلېكتىر، يېڭى ئېنېرگىيە، سۇ ئېلېكتىر قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئاساسى پۇختا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ جاي مەۋقەنى رايوننىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكىگە قويۇپ، يېڭىچە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى قۇرۇشنى تېزلىتىشنى نىشان قىلىپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىدى، پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئەۋرىشىم، جانلىق، ئاقىل، يۇغۇرما ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى دەسلەپكى كۆلەمگە ئىگە بولۇپ، تەرەققىيات ۋەزىيىتى سىجىل ياخشىلاندى.
دۆلەتنىڭ كۆپ تۈرلۈك سىياسىتى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق توكنى سىرتقا يەتكۈزۈش لىنىيەسى ھەم پاكىز ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇشىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى. دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ 2022 - يىلىدىكى ئالاقىدار يىرىك پىلانىدا تەكلىماكان قۇملۇقى «قۇملۇق، چۆللۈك، قاقاسلىق» يېڭى ئېنېرگىيە چوڭ بازىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى، 2024 - يىلى بېسىپ تارقىتىلغان ئالاقىدار ھەرىكەت لايىھەسىدىمۇ توك يەتكۈزۈش لىنىيەسىدە يېڭى ئېنېرگىيەلىك توك مىقدارىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى ئېنېرگىيەنى كەڭ كۆلەمدە سىرتقا يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، لى يۈنفېي تەۋسىيەسىدە: كۇچا شەھىرى، شايار ناھىيەسىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، 1100± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توكنى سىرتقا يەتكۈزۈش لىنىيەسى قۇرۇپ، 30 مىليون كىلوۋاتتىن ئاشىدىغان ئوت ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت، شامال ئېلېكتىر ھەم ئېنېرگىيە ساقلاش قاتارلىق ئېلېكتىر مەنبەسى تۈرلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ قۇرۇپ، ئاخىرقى نۇقتىسىنى خۇادۇڭ، خۇاجۇڭ رايونى قىلىپ بېكىتىپ، يېڭىچە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ۋە «قوش كاربون» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى، نۆۋەتتە بۇ تۈرنىڭ يىرىك پىلان تەتقىقات لايىھەسى ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسىگە يوللاندى. ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئەمەلىيىتىنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىپ، كونا قائىدىلەرنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىپ، بۇ تۈرنى باھالاشنى تېزدىن باشلاشنى ھەم ئۇنى دۆلەتنىڭ «15 - بەش يىل»لىق ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.
لى يۈنفېينىڭ تەۋسىيەسىگە قارىتا، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە مەھكىمىسى رەسمىي جاۋاب بېرىپ، دۆلەتنىڭ شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ تەرەققىيات خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى. نۆۋەتتە، «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» لىنىيەسىدە قومۇلنىڭ جەنۇبى - جېڭجوۋ، شەرقىي جۇڭغار - جەنۇبىي ئەنخۇي، قومۇل - چۇڭچىڭ ئۈچ قايتما ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى پۈتتى، «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن، دۆلەتنىڭ «14 - بەش يىل»لىق ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى ئوتتۇرا مەزگىللىك دومىلىما تەڭشەشتە، شىنجاڭ توكى(جەنۇبىي شىنجاڭ)نى سىچۇەن - چۇڭچىڭغا يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى (4 - لىنىيە) ئالدىنقى زاپاس تۈر قاتارىغا كىرگۈزۈلدى، نۆۋەتتە ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلەر تېز ئالغا سىلجىتىلىۋاتىدۇ. ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئالاقىدار تۈرلىرىگە قارىتا، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى مۇنداق بىلدۈردى: «15 - بەش يىل»لىق ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈشتە، شىنجاڭنىڭ پاكىز ئېنېرگىيە بايلىقى شارائىتى، مەملىكەت بويىچە ئەڭ ئەلا ئېلېكتىر ئېنېرگىيە يۆنىلىشى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش، قوبۇل قىلىدىغان ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بازىرى بوشلۇقى قاتارلىق ئامىللارغا بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ كېيىنكى يېڭى ئېنېرگىيە بازىسى ۋە «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» توك يەتكۈزۈش لىنىيەلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، يۈرۈشلەشكەن ئېلېكتىر مەنبەسى ۋە توك يەتكۈزۈش لايىھەسىنى ئىلمىي دەلىللەيمىز.






