تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تاتلىق ئاق ئۆرۈك بەخت يولى ياراتتى

ۋەكىل ئەكرەم مەمتىمىن:

تاتلىق ئاق ئۆرۈك بەخت يولى ياراتتى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ

ھازىر دەل مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئەتىيازلىق چاتايدىغان ئالتۇن مەزگىل، بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ تېرەكبازار يېزىسى سايمەھەللە كەنتىدىكى ئۆرۈكلۈك باغدا ئالدىراشلىققا تولغان مەنزىرە نامايان بولغانىدى.

ئەمدىلا بېيجىڭغا يېتىپ بارغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، سايمەھەللە كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئەكرەم مەمتىمىن ئايروپىلاندىن چۈشۈپلا كەنتتىكى خىزمەتداشلىرى بىلەن ئالاقىلەشتى: «كۆپچىلىككە مۇتەخەسسىسلەر يېتەكچىلىك قىلغان ئۇسۇل بويىچە شاخلارنى چاتاشنى تاپىلاڭلار، مېۋىلىك دەرەخلەرنى پەرۋىش قىلىش پۈتۈن يىللىق ھوسۇلغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك».

ئاق ئۆرۈك سايمەھەللە كەنتىنىڭ يېتەكچى كەسپى بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىدى، ئىلگىرى پەرۋىش قىلىش قىيىن بولۇش مەسىلىسى كۆپچىلىكنى غەمگە سالغانىدى.

ئىلگىرى، كەنت ئاھالىلىرى كونا تەجرىبىلىرىگە تايىنىپ چاتايتتى، يىرىك شەكىلدە پەرۋىش قىلاتتى، ئۆرۈك دەرىخىنىڭ مېۋىلىشى بەزىدە ياخشى، بەزىدە ناچار بولۇپ، ئاق ئۆرۈكنىڭ ھوسۇلى ۋە سۈپىتى تەكشى ئەمەس ئىدى. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەندىشىسى ۋە ئارزۇسىنى كۆرۈپ يەتكەن ئەكرەم مەمتىمىن كۆڭلىدە كونا ئۆرۈكلۈك باغلار ئۈچۈن يېڭى يول تېپىپ چىقىش ئىرادىسىگە كەلدى.

«پەقەت تەجرىبىگىلا تايانغان بىلەن بولمايدۇ، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش كېرەك!» ئەكرەم مەمتىمىن دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، كەنتتىكى تېخنىك خادىملارنى سىرتقا چىقىپ كەسپىي تەربىيەلەشكە قاتنىشىشقا تەشكىللەپ، كۆپچىلىكنى ئىلغارلاردىن ئۆگىنىش، ھەقىقىي تەجرىبىلەرنى ئىگىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

تېخنىك خادىملار ئوقۇشنى تاماملاپ قايتىپ كېلىپ، يەنە ئېتىز نەق مەيدان يىغىنى شەكلىدە، كەنت ئاھالىلىرىگە ئىلمىي چاتاش، دەل جايىدا پەرۋىش قىلىشنى قولمۇقول ئۆگىتىپ، كەسپىي بىلىملەرنى ئاممىباب، چۈشىنىشلىك ئەمەلىي مەشغۇلات ماھارىتىگە ئايلاندۇردى.

شاخلارنى «تۇيغۇسىغا تايىنىپ» پۇتاشتىن «ئۆلچەم بويىچە» پەرۋىش قىلىشقىچە، يىرىك شەكىلدىكى ئۆستۈرۈشتىن تۈجۈپىلەپ يېتىشتۈرۈشكىچە، ئىلمىي ئۇسۇل سايمەھەللە كەنتىدىكى ئۆرۈكلۈك باغلارغا يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلدى.

ئۆرۈكلۈك باغنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇپ ھوسۇل ئېلىش پەقەت تۇنجى قەدەم، قانداق قىلىپ كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەميېنىنى تېخىمۇ تومپايتىش ئەكرەم مەمتىمىن ئىزچىل ئويلىنىپ كېلىۋاتقان مەسىلە ئىدى. ئۇ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدى - كەينىدىكى بىكار تۇرغان بوش يەرلەرنى نىشانلاپ، كۆپچىلىكنى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ تېرىقچىلىق، باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى، كەنت كوللېكتىپى ئۇرۇق، مايسا بىلەن ھەقسىز تەمىنلىدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سېتىش يوللىرىنى تېپىش، بازارنى كېڭەيتىشىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم بېرىپ، كۆپچىلىكنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى تۈگەتتى.

بۈگۈنكى كۈندە، سايمەھەللە كەنتىدىكى 400گە يېقىن ئائىلە ئائىلە ئۇششاق ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قوشۇنىغا قوشۇلۇپ، «ئالىقانچىلىك بوش يەر»نىمۇ «كىرىمنى ئاشۇرىدىغان گۆھەر تۇپراق»قا ئايلاندۇردى، ھەربىر ئادەمنىڭ يىللىق كىرىمى 2000 يۈەن ئەتراپىدا مۇقىم ئاشتى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەكرەم مەمتىمىن باشتىن - ئاخىر بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئاممىنىڭ قەلب ساداسى ۋە ئارزۇسىنى زىممىسىگە ئالدى. بۇلتۇر مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، ئۇ ئاساسىي قاتلامدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويغان سەككىز تۈرلۈك تەۋسىيە دېھقان - چارۋىچىلار ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى ئېنېرگىيە تېجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش، نۇقتىلىق تۆمۈريول تۈرى قۇرۇلۇشى، جەنۇبىي شىنجاڭ يولۇچى توشۇش تورىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق كۆپ تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ھەممىسى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى، نۆۋەتتە تۈرلۈك تەۋسىيەلەر مۇقىم ئالغا سىلجىتىلماقتا، ئەمەلىيلەشتۈرۈلمەكتە. بۇ زور سالماقتىكى ئېتىراپ قىلىش ئۇنىڭ خەلق ئۈچۈن چارە - تەدبىر كۆرسىتىشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسىتىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى.

بۇ يىل، ئەكرەم مەمتىمىن خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئۆزى ئىشلەپچىقىرىپ ئۆزى سېتىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ھەمدە خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توشۇش مەسىلىسىگە نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلدى. «يۇرتداشلارنىڭ ئارزۇسىنى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا ئېلىپ كېلىپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پۇرسەتنى قولغا كەلتۈرۈپ، بەختنى كۆزلەپ، كۆپچىلىككە تېخىمۇ كۆپ ئۈمىد ئېلىپ كېلىمەن» دېدى ئۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.