تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كەڭ دائىرىدە ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ مۇجەسسەملەيمىز

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ دائىمىي كومىتېت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلاتنى قاراپ چىقتى

سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كەڭ دائىرىدە ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ مۇجەسسەملەيمىز

شىنجاڭ گېزىتى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرى ھەرقايسى ساھە گۇرۇپپىلىرى بويىچە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات ۋە تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلاتنى قاراپ چىقتى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن گۇرۇپپىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.

ئەزا نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق دېدى: دوكلاتقا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈلۈپتۇ، سىياسىي يۈكسەكلىك نامايان قىلىنىپتۇ، خەلق تۇرمۇشى ھارارىتىنى ئۆز ئىچىگە ئاپتۇ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچى مۇجەسسەملىنىپتۇ، تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. ئۆتكەن بىر يىلدا، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش باشتىن - ئاخىر پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنى سىياسىي كېڭەشنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىگە سىڭدۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «ئىككىنى تىكلەش»نى ھىمايە قىلدى، «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلدە كۆرسەتتى؛ باشتىن - ئاخىر مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەپ ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشنى تېخىمۇ دەل جايىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خەلق ئۈچۈن بولۇش» ئىدىيەسىنى نامايان قىلىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، تەرتىپلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. بىز شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، مەركەز شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش جەھەتتە سىجىل كۈچەپ، مەركىزىي خىزمەت ۋە ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش جەھەتتە مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە قاتتىق كۈچ سەرپ قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كەڭ دائىرىدە قەلبنى مۇجەسسەملىشىمىز، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملىشىمىز، ئەقىل - پاراسەتنى مۇجەسسەملىشىمىز، كۈچنى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك.

ئەزا ليۇ تاۋ مۇنداق بىلدۈردى: دائىمىي كومىتېت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە تەكلىپ خىزمىتىدىن دوكلاتتا بۇلتۇرقى خىزمەتلەر ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا خۇلاسىلىنىپتۇ، بۇ يىللىق خىزمەتلەرنى پىلانلاشتا كۈچەش نۇقتىسى دەل جايىدا بوپتۇ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ خىزمەت نەتىجىسى ۋە ئەمەلىي ئىشلەش مەسئۇلىيەتچانلىقى تولۇق نامايان قىلىنىپتۇ. 2026 - يىلى «15 - بەش يىل» باشلىنىدىغان يىل، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئاساسىي قاتلامنىڭ داۋالاش مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىپ، «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا كۈچ قوشىمىز.

«دائىمىي كومىتېت خىزمىتىدىن دوكلاتتا، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ھەم ئۇنىڭغا قاراشلىق ئاپپاراتلار 210 مەيدان تۈرلۈك تاشقى ئالاقە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى دۆلەتلىرىدىكى دىن ساھەسىدىكى زاتلارنى شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلدى، دەپ كۆرسىتىلدى. بۇ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تاشقى خىزمەت ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىشتىكى كۆرۈنەرلىك نەتىجىسىنى تولۇق نامايان قىلدى.» ئەزا ياڭ جيې مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ چەت ئەللەردىكى دىن ساھەسىدىكى تېخىمۇ كۆپ زاتنى شىنجاڭغا كېلىشكە تەكلىپ قىلىپ ئۇلارغا شىنجاڭنىڭ ئىناق، تىنچ جەمئىيەت كەيپىياتى، ئىقتىسادى گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان كۈچلۈك ۋەزىيىتى، دىنلار ئېجىل، رايىش بولغان ياخشى ۋەزىيىتىنى ھېس قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى.

«سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلاتتا 2026 - يىلى ئىقتىسادىي تەرەققىيات، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق ساھەلەرگە دائىر نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا ئەكس ئەتتۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ، مەن مەسئۇلىيىتىمنىڭ ئېغىرلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.» ئەزا ليۇ ۋېي مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن ئەزالارنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىدىيەۋى تونۇش سەۋىيەسى ۋە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تەكلىپ بېرىش داۋلىلىق بولۇش، مەسلىھەت بېرىشتە تەدبىرلىك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.

ئېلزات ئەخمەتجان، قادىلبېك قامزا، جارۇللا ھېسامىدىن، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، ليۇ جيەنمىڭ، خالمۇرات ئابدۇراخمان، غالىپجان قادىر قاتارلىقلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا ھەرقايسى گۇرۇپپىلاردا قاراپ چىقىشقا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.