شۆھرەت زاكىر، چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، شەۋكەت ئىمىن قاراپ چىقىشقا قاتناشتى، خوۋ كەي يىغىنغا كېلىپ پىكىرلەرنى ئاڭلىدى، خې جۇڭيوۋ سىرتتىن قاتناشتى
شىنجاڭ گېزىتى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى قاراپ چىقتى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن شۆھرەت زاكىر، چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، شەۋكەت ئىمىن قاراپ چىقىشقا قاتناشتى. ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، باش مۇپەتتىش خوۋ كەي يىغىنغا كېلىپ پىكىرلەرنى ئاڭلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.
گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقىدىكى ئالاقىدار يولداشلار يىغىنغا كېلىپ پىكىرلەرنى ئاڭلىدى.
ۋەكىل شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا نەتىجىلەر ئوبيېكتىپ، كونكرېت خۇلاسىلىنىپتۇ، خىزمەتلەر ئىلمىي، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپتۇ، ناھايىتى كۈچلۈك يېتەكچىلىككە، قاراتمىلىققا، ئەمەلىيەتچانلىققا ئىگە ياخشى دوكلات بوپتۇ، تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. «14 - بەش يىل»دىن بۇيان، دۆلەت ئىچى - سىرتى ۋەزىيىتىدىكى چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئومۇملۇقنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ، قىيىنچىلىق ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئىچى ئىقتىساد خىزمىتى بىلەن خەلقئارا ئىقتىساد - سودا كۈرىشىنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ۋە خەلقئارا تەسىر كۈچىنى تېز سۈرئەتتە يېڭى پەللىگە كۆتۈردى، بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى بولۇش سۈپىتى بىلەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش پاراخوتىغا رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقى بىزنىڭ بارلىق ئېنىقسىزلىقلارغا تاقابىل تۇرۇشىمىزدىكى ئەڭ زور ئېنىقلىق ئىكەنلىكىنى، بىزنىڭ بارلىق خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلار ئۈستىدىن غالىب كېلىشىمىزدىكى ئەڭ زور ئىشەنچ ۋە ئەڭ كۈچلۈك ئاساس ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. «15 - بەش يىل» مەزگىلى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئاساسنى پۇختىلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل. بىز «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.
ۋەكىل چېن شياۋجياڭ مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. دوكلاتتا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈلۈپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش غەيرىتى ۋە ئىرادىسى نامايان قىلىنغان بولۇپ، كىشى قەلبىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان، روھنى ئۇرغۇتىدىغان، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەيدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ. ئۆتكەن بىر يىلدا دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ھەقىقەتەن ئاسانغا توختىمىدى، كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، «مۇقىم بولۇش» ئاساسى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاندى، «يېڭى بولۇش» سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، «ئەۋرىشىم بولۇش» ئالاھىدىلىكى بارغانسېرى گەۋدىلەندى، «بېيىش» قەدىمىمىز سىجىل تېزلەشتى، «ئىشلەش» غەيرىتىمىز تېخىمۇ تولۇپ تاشتى، بۇ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى تولۇق ئىسپاتلىدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى ئاساس قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشنى كاپالەت قىلىپ، «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىمىز.
ۋەكىل ئەركىن تۇنىياز مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا بايراق ئېگىز كۆتۈرۈلگەن، يادرو قوغدالغان بولۇپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ، ئادەمنى ئاساس قىلىپ، خەلق قەلبىنى ئىللىتىدۇ، تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، بولۇپمۇ ئۆتكەن بىر يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەر ئىنتايىن ئالاھىدە، ئىنتايىن قالتىس بولۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ بىزنىڭ بارلىق ئېنىقسىزلىقلارغا تاقابىل تۇرۇشىمىزدىكى ئەڭ زور ئېنىقلىق، ئەڭ زور ئىشەنچ، ئەڭ زور كاپالەت ئىكەنلىكىنى تولۇق نامايان قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە غەمخورلۇقىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن شىنجاڭدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى، شىنجاڭ تەرەققىيات ئەڭ ياخشى، ئۆزگىرىش ئەڭ زور، ھەر مىللەت ئامما ئەمەلىي نەپكە ئەڭ كۆپ ئېرىشكەن تارىخىي مەزگىلگە قەدەم قويدى. ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەدە ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، رايونلارنىڭ ماسلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تەڭپۇڭ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، قەلبلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ ۋە مۇجەسسەملەپ، تىرىشىپ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملىشىمىز، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.
ۋەكىل زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا ھەم دىققەت «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»غا مەركەزلەشتۈرۈلگەن، ھەم خەلق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇلغان بولۇپ، نەتىجىلەر مول بولغان «نەتىجە تىزىملىكى»، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئىلگىرىلىگەن «ۋەزىپەنامە» بوپتۇ، تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يېڭى ئۇلۇغ كۈرەش ئارقىلىق يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ياراتتى، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا يەنە يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئېنېرگىيە توپلاپ كۆلەم ھاسىل قىلدى، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتى سىجىل ئاشتى، بۇ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھاسىل قىلىنىشى نېگىزىدىن ئېيتقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن بولغانلىقىنى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ جانلىق ئىخچام كۆرۈنۈشى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدە پۇختا قەدەم تاشلاشقا تۈرتكە بولدى. دىققەتنى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتىكى تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى پائال ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكى ۋە فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نىزام چىقىرىش كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىش - تۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، ۋەكىللەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاشقا كۈچ قوشىمىز.
ۋەكىل شۆ بىن مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات دۆلىتىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن بوپتۇ، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپتۇ، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلىشىپتۇ، تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ئادەتتىن تاشقىرى زەربە، خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى. «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، بىڭتۇەننىڭ «ئۈچ چوڭ فۇنكسىيەسى» «تۆت چوڭ رولى»نى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بىڭتۇەن تۆھپىسىنى قوشىمىز.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى قانىمبۈ ئايسا، مەخمۇت ئۆمەرجان، جاڭ شىن سۆز قىلىپ مۇنداق بىلدۈردى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمىز. ئۆتكەن بىر يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئوڭۇشلۇق ئورۇنداپ، «14 - بەش يىل»نى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى پۇختا قەدەم تاشلاشقا تۈرتكە بولدى. مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆز خىزمەت ئەمەلىيىتىمىزگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز. كۆپچىلىك يەنە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى سىياسەت جەھەتتىن قوللاشنى كۈچەيتىش، ئېنېرگىيەنى سىرتقا يەتكۈزۈش يولى قۇرۇشنى تېزلىتىش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق خىزمەتلەر توغرىسىدا پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن تيەن شياڭلى، سارقىت ئاقان، لى شيەنفا، ۋاڭ مىڭشەن، مەمتىمىن قادىر، ئەنۋەر تۇرسۇن، باتۇ، شى گاڭ، دىلشات سايىم، گاۋ جىمىڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. دۇ خۇڭيەن قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.






