—— باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزى باشلىنىش يىلىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەر ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى
□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى
باش شۇجى شى جىنپىڭ 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللەر، ئەزالار ۋە ھەرقايسى جايلاردىكى كادىرلار، ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، ئۆزلەشتۈردى، ئۇلار مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى مۇساپىدە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىقتىسادى كۈچلۈك ئۆلكىلەر باتۇرلۇق بىلەن ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىگە ئېلىپ، ھەرقايسى ئۆلكىلەر ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.
بۇلتۇرقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا: «14 - بەش يىل»لىق تەرەققىيات نىشانىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ئىقتىسادى كۈچلۈك ئۆلكىلەر ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىگە ئېلىشى كېرەك، دەپ تەكىتلىگەنىدى. بۇ يىل يەنە جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، باش شۇجى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: جياڭسۇ قاتارلىق ئىقتىسادى كۈچلۈك ئۆلكىلەر ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇۋاتىدۇ، يېڭى ئەھۋاللارنى تەتقىق قىلىش، يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلىشى، تەجرىبە ھاسىل قىلىشى كېرەك.
«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى جياڭسۇنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تومۇر تۇتۇپ يۆنىلىشنى بېكىتىپ بەردى، ئۇنىڭغا جياڭسۇغا بولغان كۆڭۈل بۆلۈشى، غەمخورلۇقى ۋە سەمىمىي ئۈمىدى مۇجەسسەملەنگەن، بىزنى جاسارەت بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق يېپيېڭى جاۋاب قەغىزىنى پۈتۈشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ.» نەق مەيداندا سۆز قىلغان خۇەيئەن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل شى جىجۈن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: مەۋقەنى «15 - بەش يىل»دا ئاساسنى پۇختىلاش، ئومۇميۈزلۈك كۈچەش تەلىپىگە قويۇپ، جەسۇرانە ئىلگىرىلەيدىغان قىياپەتتە باتۇرلۇق بىلەن ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىمىزگە ئېلىپ، پۈتۈن ئۆلكە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتى ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز.
يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى دەۋردىكى چىڭ داۋلى، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئىچكى تەلەپ ۋە مۇھىم كۈچەش نۇقتىسى.
«باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدا توختالغاندا مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك دەپ تەكىتلەپ، ئالىي مەكتەپلىرىمىزنىڭ <15 - بەش يىل>لىق يېڭىلىق يارىتىش چوڭ ئىشىنى ياخشى ئىشلىشىمىز ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.» نەق مەيداندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، سۇجوۋ داشۆ پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل جاڭ شياۋخۇڭ ھەسسىلەپ روھلاندى.
«بىز ئىختىساسلىقلارنىڭ بىرىنچى بايلىق ئىكەنلىكىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پەن - تېخنىكىنىڭ ئالدىنقى سېپى ۋە كەسىپلەرنىڭ جىددىي ئېھتىياجىغا يۈزلىنىپ ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش، يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئۇل تەتقىقات ۋە نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇشقا چوڭقۇر ئەجىر سىڭدۈرۈپ، باتۇرلۇق بىلەن پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنى يۇغۇرۇشتىكى باشلامچىلاردىن بولىمىز» دېدى جاڭ شياۋخۇڭ.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: تىرىشىپ دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىش، پەن - تېخنىكىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى تېز ئىگىلەشتە يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
«چوڭقۇر دېڭىز ساھەسىدىكى پەن تەتقىقات خادىمى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىنى يۆنىلىش قىلىپ، چوڭقۇر دېڭىز پەن - تېخنىكا يادرولۇق تېخنىكىسىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە <ئادەمسىز رايون>غا يۈرۈش قىلىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن» دېدى جۇڭگو كېمىسازلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى 702 - تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى، ئەزا خۇ جېن.
ئىقتىسادنىڭ ئەۋرىشىملىكى ئاشتى، تەرەققىياتقا ئىشەنچ قوشۇلدى.
«باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىچكى ماھارەتنى ياخشى مەشىق قىلىپ، ئۆزىنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. بىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، مۇھىمى مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازارغا ئومۇميۈزلۈك سىڭىشىپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇشقا كۈچ قوشۇش.» چۇڭچىڭ شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۇ جياڭ مۇنداق بىلدۈردى: توسۇقلارنى ئۈزلۈكسىز بۇزۇپ تاشلاش، توسۇق نۇقتا، بوغۇق نۇقتىلارنى تۈگىتىش ئارقىلىق، ئامىللارنى يۈرۈشتۈرۈپ ئىچكى ئېھتىياجنى راۋانلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى نامايان قىلىمىز.
2026 - يىلىغا قەدەم قويۇپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (شىئەن) پەقەت 61 كۈندىلا 1000 قېتىمدىن ئارتۇق قاتناپ، تۇنجى پەسىللىك توشۇشتا «تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش»نى ئىشقا ئاشۇردى − شەنشى ئۆلكىلىك سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، ئەزا جيا جېڭلەن بىرىنچى سەپتىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرنى ئېلىپ كەلدى.
«مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان خەلقئارا مۇھىت ئالدىدا، دۆلىتىمىزنىڭ تاشقى سودا كۆلىمىدە يەنە يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىپ، بازار تېخىمۇ كۆپ خىللىشىپ، كۈچلۈك تەرەققىيات ئەۋرىشىملىكىنى نامايان قىلدى.» جيا جېڭلەن مۇنداق بىلدۈردى: سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇۋاتىدۇ، بىز ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنى تۇتاشتۇرۇش، ئىچكى - تاشقى جەھەتتە يۈرۈشتۈرۈش، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنى راۋانلاشتۇرۇش رولىمىزنى سىجىل ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو - چەت ئەل سودا - سانائەت ساھەسىدىكىلەر ئۈچۈن ئەمەلىي، قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەمكارلىق كۆۋرۈكى بەرپا قىلىمىز.
جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش − پۈتكۈل خەلق ئورتاق بېيىيدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش.
شەھەر - بازارلاردا جەمئىي 42 مىڭ كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى، «ياشانغانلار ئاشخانىسى» ھەممە كەنتنى تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى، دۆلەت دەرىجىلىك مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئەلا سۈپەتلىك، تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلدۇرغان رايون بولۇپ باھالاندى... ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن «14 - بەش يىل»دا، جياڭسۇنىڭ يەنچېڭ شەھىرى دافېڭ رايونى مول خەلق تۇرمۇشى «نەتىجە تىزىملىكى»نى تاپشۇردى.
دافېڭ رايونىنىڭ باشلىقى، ۋەكىل دەي يۇڭ مۇنداق دېدى: يېڭى ۋەزىيەتتە خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان يېڭى ئارزۇسى ۋە خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنىڭ يېڭى ئالاھىدىلىكىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپى بويىچە، قانداق قىلىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، قانداق قىلىپ شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، قانداق قىلىپ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش قاتارلىق تېمىلارغا پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن جاۋاب بېرىپ، ھەربىر «خەلق تۇرمۇشى تىزىملىكى»نى «بەخت تىزىملىكى»گە ئايلاندۇرىمىز.
«ئۆزگىچە كەسىپلەر تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، زورايتىلىپ، كەنتىمىزنىڭ <يەرلىك خاس مەھسۇلاتلىرى> چوڭ بازارغا يۈزلەندى، كىچىككىنە خۇاجۈخۇڭ يۇرتداشلارنىڭ بېيىش مېۋىسىگە ئايلاندى.» يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىگەن «90 - يىللاردا تۇغۇلغان»لاردىن بولۇش سۈپىتى بىلەن، گۇاڭدۇڭنىڭ ماۋمىڭ خۇاجوۋ شەھىرى پېيلىن جۈخۇڭ تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ باشلىقى، ۋەكىل لياۋ جىلۆ كەنت ئاھالىلىرىنى ھەميېنىنى تومپايتىشقا يېتەكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «15 - بەش يىل»غا قەدەم قويغاندا، ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىز يېزا ئىگىلىكى، مەدەنىيەت، ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، يېزا - كەنت كەسىپلىرىنىڭ يېڭى تەرەققىياتى ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىش ئارزۇسىغا تىرەك بولىدۇ.
پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش قانچە ئۈنۈملۈك بولسا، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى كاپالەتلەندۈرۈش شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ.
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، خېبېي ئۆلكىسى خېڭشۇي شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ۋەكىل سۈي خەيشيا توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتتى.
«مەدەنىيەت، مائارىپ، سەھىيە، تەنتەربىيە، داۋالىنىش كاپالىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن بۇ ساھەلەردىكى خىزمەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى گەرچە <ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسىتىدىغان> خىزمەتلەر بولسىمۇ، ئەمما شەھەر - يېزىلارنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتى ۋە پۇقرالارنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم.» سۈي خەيشيا مۇنداق دېدى: توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ، تېخىمۇ كۆپ زېھنىمنى ئامما ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغان، ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشلىرىغا سەرپ قىلىپ، «مىخ قېقىش» روھى ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى تىرىشىپ يارىتىمەن.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تېلېگراممىسى)






