تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۈرۈمچى شەھىرى «8-مارت» خەلقئارا ئاياللار بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

3-ئاينىڭ 5-كۈنى، باشلىنىش ئۇسسۇلى «بۇ جاي شىنجاڭ» 

3-ئاينىڭ 5-كۈنى، بالىلار ۋەكىللىرى مېھرىبان ئانىلارغا ئۆز قولى بىلەن سىزغان باش تېمىلىق يۆگىمە رەسىم «ئانام بىلەن بىللە» ناملىق رەسىمنى سوۋغا قىلدى.

   تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى رۇي فوتوسى، خەۋىرى) باھار شامىلى ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ، بارلىق شەيئىلەر جۇلالاندى. 116-قېتىملىق «8-مارت» خەلقئارا ئاياللار بايرىمىنى تەبرىكلەش، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاياللارنىڭ دەۋر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاياللارنىڭ سالاپىتىنى نامايان قىلىپ، گۈللىنىش ئۇلۇغ ئىشلىرىغا ئاتلىنىشىغا يەنىمۇ ئىلھام بېرىش مەقسىتىدە، 3-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى) ئاياللار بىرلەشمىسى، شىنجاڭ يېما گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان «يول بويى گۈلدەك پورەكلەپ ئېچىلىش · ھەربىر شانلىق سەھىپىگە ھۆرمەت بىلدۈرۈش»- ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ «8-مارت» خەلقئارا ئاياللار بايرىمىنىڭ 116 يىللىقىنى خاتىرىلەش باش تېمىلىق پائالىيىتى شىنجاڭ قەدىمىي ئېكولوگىيە باغچىسى تۇلپار بازىسىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى، مۇنەۋۋەر ئاياللار ۋەكىللىرى، مۇنەۋۋەر ئائىلە ۋەكىللىرى بولۇپ 1000غا يېقىن كىشى بۇ يەرگە جەم بولدى.

3-ئاينىڭ 5-كۈنى، مەملىكەتلىك «8-مارت» قىزىل بايراقدارى كوللېكتىپى ۋەكىلى، شىنجاڭ ئېرداۋچياۋ مەدەنىيەت-ساياھەت گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى ۋاڭ فاڭ (ئوتتۇرىدا) ھەمبەھرىلىمەكتە.

3-ئاينىڭ 5-كۈنى، مۇنەۋۋەر داشۆ قىز ئوقۇغۇچىسى ئەلفىرە ئابدۇغەنى «شىنجاڭ تۇپرىقىدا ياشلىق باھارىنىڭ جاۋاب قەغىزىنى پۈتۈپ چىقىمەن» باش تېمىسىدىكى ھېكايىنى ھەمبەھرىلىمەكتە.

3-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئارتىسلار مۇنەۋۋەر ئاياللار ۋەكىللىرىگە گۈل سوۋغا قىلماقتا.

3-ئاينىڭ 5-كۈنى، مىللىي چالغۇ كۆرىكى «ئانار دانىسى. جۇڭخۇاغا مەدھىيە».

3-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئۇسسۇل «ئۇرغۇپ تۇرغان ياشلىق باھارى» بالىلار لالاساۋ گىمناستىكىسى ماھارىتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.