تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي
«قاراڭ، بۇ، جۇڭگو تۈگۈچى كەشتىلەنگەن دوپپا، بۇ، ئەتلەس ئامىلى يۇغۇرۇلغان جۇڭگو تۈگۈچى، يەنە بۇ، بىر يۈرۈش ھەم ئەنئەنىۋى پۇراققا ئىگ، ھەم مىللىي پۇراققا ئىگە جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەكلىرى...» 3-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتىنىڭ 2026-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ بېيجىڭدىكى سۆھبەت ئۆيىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى قۇربان نىياز يۈك-تاق ساندۇقىنى ئېچىپلا ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي مۇخبىرلارغا قىزغىنلىق بىلەن كۆرسىتىشكە باشلىدى. كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ھەم قەلبنى ئىللىتىدىغان بۇ بۇيۇملار دەل شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى كېڭەيتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە قولغا كەلتۈرگەن شېرىن مېۋىسىدۇر.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى قۇربان نىياز مۇخبىرغا ئۆزى ئېلىپ كەلگەن دوپپىنى كۆرسەتمەكتە.
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي فوتوسى
يېزا-كەنتلەرگە بېرىش، ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، قۇربان نىياز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، قەلبى شادلىققا تولدى: شۇ جايدىكى پۇقرالارنىڭ جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن شىنجاڭنىڭ يەرلىك خاسلىقىنى ئەپچىللىك بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قىيىپ چىققان قەغەز قىيما ئەسەرلىرى، ئىجاد قىلغان مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرى چىرايلىق ھەم ئەمەلىي ئىشلىتىشچان بولۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش يولىنى كېڭەيتىپلا قالماي، يەنە مەدەنىيەت ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ھەقىقىي ئۆزگەرتتى. بۇ ئۇنىڭغا تولۇپ تاشقان ئىلھام بېغىشلىدى —— يۇرتداشلارنى باشلاپ قۇت بۇلۇت نەقىشلىرى، چىڭخۇاسى قاتارلىق كىلاسسىك جۇڭخۇا ئامىللىرىنى دوپپا، قول ھۈنەر بۇيۇملىرىغا سىڭدۈرۈپ، ئۇنى كىرىمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇردى.
2003-يىلى يۇرتىدا دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى باشلانغۇچ مەكتىپى قۇرغاندىن باشلاپ، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى كېڭەيتىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش قۇربان نىيازنىڭ ھەممىدىن كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ چىڭ تۇرىدىغان ئىشى بولۇپ قالدى. بۇ يىللاردا، ئۇ بالىلارنى تەربىيەلەشكە كۆڭۈل بۆلۈپلا قالماي، يەنە ئەتراپتىكى دېھقان-چارۋىچىلارنى باشلاپ پۇتۇڭخۇا ئۆگىنىپ، قېلىپلاشقان خەت يېزىشنى ئۆگەندى. «ھازىر ئۆزگىرىش بەك چوڭ! بالىلارنىڭ ھەممىسى سۆزلىيەلەيدىغان، يازالايدىغان بولدى، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلارمۇ چۈشىنەلەيدىغان، پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان بولدى، كۈنلىرىمىز بارغانسېرى ئۈمىدكە تولدى.» بۇلارنى تىلغا ئالغاندا، ئۇنىڭ چىرايىدا خۇشاللىق جىلۋىلەندى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى قۇربان نىياز مۇخبىرغا ئۆزى تۈزگەن «دائىم ئىشلىتىلىدىغان 800 خەتلىك سۆزلۈكلەرنى يېزىشتىن ساۋات»نى كۆرسەتمەكتە.
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي فوتوسى
بۇلتۇرقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، قۇربان نىياز ئۆزى يازغان «دائىم ئىشلىتىلىدىغان 800 خەتلىك سۆزلۈكلەرنى يېزىشتىن ساۋات»نى ئېلىپ كەلگەنىدى. ئەسلىدە ئۇ شىنجاڭدا زىيارەتتە بولغاندا، نۇرغۇن دېھقان-چارۋىچىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئۆگەنگەندە ئوقۇش ۋە سۆزلەشنى ئۆگىنىۋالغانلىقىنى، ئەمما خەت يېزىشنى ئۆگىنىشنىڭ ناھايىتى تەسكە توختىغانلىقىنى، بۇنىڭدىكى مۇھىم سەۋەبنىڭ ئامما ئاسان چۈشىنەلەيدىغان، ئاسان ئۆگىنەلەيدىغان دەرسلىكنىڭ كەم ئىكەنلىكىدىن بولغانلىقىنى بايقىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىشنى كۆپ ئىشلىتىلىدىغان سۆزلەردىن باشلاپ، بۇ كىتابنى تۈزۈپ چىققان. ئۇ يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن، ئاقسۇ ۋىلايىتىگە بىراقلا 100 مىڭ پارچە ئىئانە قىلدى، كېيىن شۇ جايدا 500 مىڭ پارچىدىن ئارتۇقنى تارقاتتى، يەنە خوتەن قاتارلىق جايلارغىمۇ كېڭەيتتى.
يەرلىكتىكى تېخىمۇ كۆپ يۇرتداشلارنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق نەزەر دائىرىسىنىڭ ئاشقانلىقىنى، بېيىش يولىنى كېڭەيتكەنلىكىنى كۆرۈپ، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنىڭ يۇرتداشلارنىڭ يېزا-كەنتلەردىن چىقىپ، تەرەققىي قىلىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىدىكى «ئالتۇن ئاچقۇچ» ئىكەنلىكىدىن قاتتىق ھاياجانلاندى! تىل راۋان، مەدەنىيەت راۋان بولغاندىلا، قەلب رىشتىمۇ باغلىنىدۇ، ھەرقايسى مىللەتلەر ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشالايدۇ.
ھەربىر ئوقۇشلۇققا ئارزۇ-ئارمانلار، ھەربىر مەدەنىيەت ئىجادىيىتىگە ئەپچىل ئوي-پىكىرلەر يوشۇرۇنغان، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى مۇجەسسەملەنگەن. بۇ يىل قۇربان نىياز رەقەملىشىش، ئاقىللىشىش ئارقىلىق دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا كۈچ قوشۇش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش بىلەن مەدەنىيەت كەسپىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرلۇشىغا تۈرتكە بولۇش تەكلىپىنى ئېلىپ كەلدى. قۇربان نىياز قەتئىي ھالدا مۇنداق دېدى: مەن ئىزچىل تۈردە ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ «ۋاكالەتچىسى» بولۇپ، يۇرتۇمنىڭ ساداسىنى قۇرۇلتايغا يەتكۈزۈپ، تېخىمۇ كۆپ يۇرتداشلارنى تىل ۋە مەدەنىيەتكە تايىنىپ، يېزا-كەنتلەردىن چىقىپ، تېخىمۇ كەڭ سەھنىگە يۈزلىنىپ، تېخىمۇ ياخشى كۈنلەرگە ئاتلاندۇرىمەن.
«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






