
ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى لېي فېڭدىن ئۆگىنىش خاتىرە كۈنى، لېي فېڭ روھى باشتىن-ئاخىر ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەرنى ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاپ، ئۇنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.
لېي فىڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلىش 1991-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى بىر پارچە رەڭسىز سۈرەت ئارقىلىق مەڭگۈلۈك تېمىغا ئايلاندى. 3-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئۈرۈمچىدىكى 10 مىڭدىن ئارتۇق شەھەر ئاھالىسى ئۆزلۈكىدىن كوچىلارغا چىقىپ، شەھەر مۇھىتىنى تازىلاشتىن ئىبارەت ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق لېي فېڭ روھىنى ئەمەلدە كۆرسەتتى. كۆپچىلىك ئۆزلىكىدىن ئەمگەك قوراللىرىنى ئېلىپ، ئەخلەتلەرنى تازىلاپ، كېرەكسىز نەرسىلەرنى تاشلاپ، يۇرت-ماكاننى گۈزەللەشتۈرۈش بىلەن بىللە، تۆھپە قوشۇشتىن ئىبارەت بۇ ئۇرۇقنى ھەربىر كىشىنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتقۇزدى.

2024-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى، پىدائىيلار قابا ناھىيەسىنىڭ چىبار بازىرى جىلىن يېڭى كەنتىدە تور سۇپىسى ئارقىلىق شۇ جاينىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ساتماقتا (ماتېرىيال سۈرەت).
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى
ئۇزاق يىللار ئۆتۈپ، لېي فېڭ روھى ئاللىقاچان پەقەت خاتىرە كۈنىگە تەۋە بولۇشتىن ھالقىپ، كۈندىلىك تۇرمۇشقا سىڭىپ كىردى ۋە كىشىلەر قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، يېڭى دەۋردە تېخىمۇ شانلىق نۇر چاچتى.
مۇھەببەت يەتكۈزۈشنىڭ قەدىمى ئەزەلدىن توختاپ قالمىدى.
2024-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى، قابا ناھىيەسىنىڭ چىبار بازىرى جىلىن يېڭى كەنتىدە، پىدائىيلار «مال سېتىش دارېنى»غا ئايلىنىپ، تور سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ شۇ جاينىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، يۇرتداشلارنىڭ سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق لېي فېڭ روھىغا خەلق تۇرمۇشى ھارارىتىنى ھەقىقىي سىڭدۈردى.
بۇ يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنى، لېي فېڭدىن ئۆگىنىش خاتىرە كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، لوپ ناھىيەسى باش تېمىلىق پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇردى، پىدائىيلار ئاممىغا تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى تارقىتىپ، ئالاقىدار بىلىملەرنى ئومۇملاشتۇردى، شۇنداقلا ئېھتىياجلىق ئاممىغا ئاڭلاشقا ياردەم بېرىش قوشۇمچە ئۈسكۈنىسىنى تەڭشەپ بېرىپ ۋە ئۇلارغا قانداق ئىشلىتىشنى چۈشەندۈرۈپ، غەمخورلۇقنى ئامما قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغىچە يەتكۈزۈپ، ھەربىر ئاددىي ئىش-ھەرىكىتى ئارقىلىق بۇ ئىللىقلىق يەتكۈزۈش كۈنىنى كۈتۈۋالدى ھەم بۇ ئارقىلىق «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش»نىڭ ئەسلىي مەقسىتىنى جانلىق ئىزاھلاپ بەردى.

2026-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى، لوپ ناھىيەسى «لېي فېڭدىن ئۆگىنىش خاتىرە كۈنى» باش تېمىسىدىكى پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: پىدائىيلار ئاممىنى ئاڭلاشقا ياردەم بېرىش قوشۇمچە ئۈسكۈنىسى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارغا ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى چۈشەندۈرمەكتە.
مەمەتئېلى ئەنۋەر فوتوسى
ئۇزاق يىللاردىن بۇيان، لېي فېڭ روھى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ، شىنجاڭ تۇپرىقىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتتى، بۇ روھنىڭ ھارارىتى ھەربىر ئاددىي ئىشلارغىمۇ مۇجەسسەملىنىپ، مەڭگۈ داۋاملىشىپ، ئەبەدىي نۇر چاچقۇسى.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






