مەنبە: ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلي ئىجادىيىتى
باھاردا يېڭى مۇساپە باشلاندى، ئىش باشلاشنىڭ دەل ۋاقتى بولدى! مەيلى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپى، ئىشلەپچىقىرىش سېخلىرىدا بولسۇن ياكى مۇلازىمەت كۆزنىكى، قۇرۇلۇش نەق مەيدانلىرىدا بولسۇن، ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇۋاتقان ھەر بىر سىيما شىنجاڭنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقان قىياپىتىنى نامايان قىلماقتا.
3-ئاينىڭ 2-كۈنى، شىخۇ شەھىرىدىكى يېزا ئىگىلىك تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرى شىخۇ بازىرى بازار كوچىسى كەنتىدە ئالقات ئۆستۈرگۈچىلەرگە شاخ پۇتاش تېخنىكىسىنى سۆزلەپ، ئەمەلىي قوللىنىشچان يېزا ئىگىلىكى تېخنىكىسىنى دېھقانلارنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈپ، دېھقانلارنىڭ بېيىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى. لى رېنشى فوتوسى

3-ئاينىڭ 4-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 9-شى 167-تۇەنىنىڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بازىسىدىكى پارنىكتا تېخنىكلار قىيام شوخلىسى مايسىسىنى يېتىشتۈرۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە. لياڭ زىيەن فوتوسى

3-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئاقسۇ شەھىرى ئايكۆل بازىرى ئاقتىكەن كەنتىدىكى دېھقانلار ئەتىيازلىق تېرىلغۇنىڭ پايدىلىق پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئېتىز-ئېرىقلارنى ئەتىيازلىق سۇغۇرۇش مەشغۇلاتىنى جىددىي قانات يايدۇرماقتا. ھازىرغا قەدەر، شەھەر بويىچە 350 مىڭ مو يەرنى ئەتىيازلىق سۇغۇرۇش تاماملاندى. فەن گۇڭپىڭ فوتوسى

3-ئاينىڭ 1-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 5-شى 86-تۇەندىكى ۋەنخاۋ ئەشيا ئوبوروت باغچىسى يۈك توشۇش مەركىزىنىڭ ئىشچىلىرى يۈك چۈشۈرمەكتە. بۇ ئەشيا ئوبوروت رايونى باھار بايرىمىدىن كېيىنكى يۈك توشۇش يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى، كۈندىلىك يۈك توشۇش مىقدارى 300 توننىدىن ئېشىپ، تارىختا ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. لۈ شيەنلىن فوتوسى

3-ئاينىڭ 2-كۈنى، شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتى ئالتاي چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى تۇرغۇن چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى مەكتەپكە كىرىپ، «ئوقۇش باشلاش ئالدىدىكى بىخەتەرلىك بىرىنچى دەرسى» باش تېمىسىدىكى تەشۋىقاتنى قانات يايدۇرۇپ، ئەمەلىي قوللىنىشچان بىخەتەرلىك ساۋاتلىرى ئارقىلىق بالىلارنىڭ يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدىكى بىخەتەرلىك ئېڭىنى ئۆستۈردى. جىن لېي شىن فوتوسى
3-ئاينىڭ 4-كۈنى، ۋۇجياچۈ شەھىرى لۇڭخېۋەن مەھەللىسىدە لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى، پىدائىيلار تەۋەلىكىدىكى ياشانغانلارغا كۈندىلىك كۈتۈنۈش ۋە ئائىلىدە ساقلىقنى ساقلاش ساۋاتلىرىنى چۈشەندۈرۈپ، ئىللىقلىق ۋە غەمخورلۇق يەتكۈزدى. ۋېي شىنجياڭ فوتوسى






