تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-ساياھەت

غۇلجا ناھىيەسىدىكى سۆگەل بۇرۇن ئاق قۇلار توپ-توپ بولۇپ شىمالغا قاراپ ئۇچتى

  باش باھار مەزگىلىدە، غۇلجا ناھىيەسىدىكى ئاق قۇ بۇلىقى سۇلۇق يېرىدىكى قۇشلار ئەتىياز پەسىللىك قايتىش سەپىرىگە ئاتلاندى  بۇ يەردە قىشلاۋاتقان سۆگەل بۇرۇن ئاق قۇلار بەس-بەستە قانات قېقىپ ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، مىڭ چاقىرىملىق شىمالغا كۆچۈش سەپىرىنى باشلاشقا تەييارلاندى.

  بۇ يىل قىشتا بۇ يەرگە قىشلىغىلى كەلگەن سۆگەل بۇرۇن ئاق قۇ ئەڭ كۆپ بولغاندا 1180گە يەتتى. نۆۋەتتە ئۇلار گاھ قاناتلىرىنى قېقىپ، گاھ توپ-توپ ئۇچۇپ يۈرگەن بۇ جاي ئادەتتىن تاشقىرى قاينام-تاشقىنلىققا تولغان بولۇپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى مەخسۇس بۇ جايغا كېلىپ سۆگەل بۇرۇن ئاق قۇلارنى بۇ قېتىمقى «بوشلۇقتىكى قايتىش سەپىرى»گە ئۇزىتىپ قويۇشقا جەلپ قىلدى. 

  سۆگەل بۇرۇن ئاق قۇ دۆلىتىمىزدىكى جۇغى ئەڭ چوڭ، سانى ئەڭ ئاز ئاق قۇ ھېسابلىنىدۇ. غۇلجا ناھىيەسىدىكى ئاق قۇ بۇلىقى ئارشاڭنىڭ ئوزۇقلاندۇرۇشى بىلەن، قىش پەسلىدە سۇ يۈزى توڭلىمايدىغان بولغاچقا، ئۇلار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان قىشتىن ئۆتىدىغان «مېھمانخانا»غا ئايلانغان. ھەر يىلى 10-ئايدا ئۇلار بۇ يەرگە كېلىپ قىشلايدۇ، 2-ئاينىڭ ئاخىرلىرى 3-ئاينىڭ باشلىرىدا يەنە شىمالغا قايتىپ كۆپىيىدۇ.

(غۇلجا ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى چېن يۇڭمېي)

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.