تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى 11-تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە ئىش ئورنىدا لېي فېڭدىن ئۆگىنىش ئۈلگىلىرىگە نام بەردى

   يېقىندا، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى 11-تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە ئىش ئورنىدا لېي فېڭدىن ئۆگىنىش ئۈلگىلىرىگە نام بەردى، شىنجاڭدىن ئىككى كوللېكتىپ، تۆت شەخس تىزىملىككە كىردى.

   بۇ قېتىم نام بېرىلگەن مەملىكەت بويىچە ئىش ئورنىدا لېي فېڭدىن ئۆگىنىش ئۈلگىلىرى جەمئىي 100 (كوللېكتىپ ۋە شەخسنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولۇپ، ئاساسلىقى كارخانا، يېزا، ئورگان، مەكتەپ، مەھەللە، دوختۇرخانا، ئارمىيە ھەم يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ساھەلەر قاتارلىق ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىدىن كەلگەن. ئۇلار ئاڭلىق ھالدا سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، لېي فېڭ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىش ئورنىنى سۆيۈپ كەسىپنى قەدىرلەپ، تىرىشىپ تۆھپە قوشۇپ، ئاددىي ئىش ئورنىدا قالتىس نەتىجىلەرنى يارىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى لېي فېڭ ھېكايىسىنى پۈتتى.

   شىنجاڭدىن تىزىملىككە كىرگەن ئىككى كوللېكتىپ: جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى ۋوگزالى يولۇچى توشۇش سېخىنىڭ «تىيانشان قار لەيلىسى» مۇلازىمەت ئەترىتى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1-شى ئارال شەھىرى بەخت يولى كوچا باشقارمىسى شىنيۈەن مەھەللىسى.

   شىنجاڭدىن تىزىملىككە كىرگەن تۆت شەخس: تارباغاتاي تاشيول ئىشلىرى تەرەققىيات مەركىزى دۆربىلجىن تاشيول ئاسراش ئورنى مايتاس قار-شىۋىرغاندىن مۇداپىئەلىنىش-خەتەردىن قۇتقۇزۇش بازىسىنىڭ مۇئاۋىن بەنجاڭى لى چاڭچىڭ، خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيەسى ھاڭگىيا بازارلىق ساقچىخانا بەگ ئېرىق كەنتى ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ ياردەمچى ساقچىسى بۇپاتەم ئابدۇقادىر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 9-شى 165-تۇەن 5-ليەنىنىڭ ئاھالىسى ليۇ شۆمېي، تارىم داشۆسى ئۇچۇر قۇرۇلۇشى شۆيۈەنى ئېلېكتىرون ۋە ئۇچۇر قۇرۇلۇشى فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى، تارىم بوستانلىق يېزا ئىگىلىكى بويىچە مائارىپ مىنىستىرلىقى نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاڭ نەننەن.

«ئۈرۈمچى نۆل ئارىلىق» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.