تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى 11 - تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە ئىش ئورنىدا لېي فېڭدىن ئۆگىنىش ئۈلگىلىرىگە نام بەردى

شىنجاڭدىن ئىككى كوللېكتىپ، تۆت شەخس تىزىملىككە كىردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى 11 - تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە ئىش ئورنىدا لېي فېڭدىن ئۆگىنىش ئۈلگىلىرىگە نام بەردى. بۇ قېتىم نام بېرىلگەن مەملىكەت بويىچە ئىش ئورنىدا لېي فېڭدىن ئۆگىنىش ئۈلگىلىرى جەمئىي 100 (كوللېكتىپ ۋە شەخسنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولۇپ، ئاساسلىقى كارخانا، يېزا، ئورگان، مەكتەپ، مەھەللە، دوختۇرخانا، ئارمىيە ھەم يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ساھەلەر قاتارلىق ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىدىن كەلگەن. ئۇلار ئاڭلىق ھالدا سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، لېي فېڭ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىش ئورنىنى سۆيۈپ كەسىپنى قەدىرلەپ، تىرىشىپ تۆھپە قوشۇپ، ئاددىي ئىش ئورنىدا قالتىس نەتىجىلەرنى يارىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى لېي فېڭ ھېكايىسىنى پۈتتى.

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى مۇنداق تەلەپ قىلدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، 4 - ئومۇمىي يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 11 - تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە ئىش ئورنىدا لېي فېڭدىن ئۆگىنىش ئۈلگىلىرىگە نام بېرىشنى پۇرسەت بىلىپ، لېي فېڭ روھىنىڭ دەۋر ماھىيەتلىك مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئىگىلەپ، تەشكىللەش، رەھبەرلىك قىلىش ۋە قوللاش، كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە شەكىلدە يېڭىلىق يارىتىپ، ۋاسىتىلەرنى بېيىتىپ، تەجرىبە - ئۇسۇللار ۋە تىپىك ئىش ئىزلارنى تەشۋىق قىلىپ، كېڭەيتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنى ئاڭلىق ھالدا شەخسىي ئىنتىلىشىنى پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا سىڭدۈرۈپ، ئەمەلىي ئىشلەش، ئەمەلىي نەتىجە يارىتىش ئارقىلىق «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 3 - ئاينىڭ 4 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ چۇنخۇا خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى 11 - تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە ئىش ئورنىدا لېي فېڭدىن ئۆگىنىش ئۈلگىلىرىگە نام بەردى، شىنجاڭدىن ئىككى كوللېكتىپ، تۆت شەخس تىزىملىككە كىردى.

شىنجاڭدىن تىزىملىككە كىرگەن ئىككى كوللېكتىپ: جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى ۋوگزالى يولۇچى توشۇش سېخىنىڭ «تىيانشان قار لەيلىسى» مۇلازىمەت ئەترىتى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1 - شى ئارال شەھىرى بەخت يولى كوچا باشقارمىسى شىنيۈەن مەھەللىسى.

شىنجاڭدىن تىزىملىككە كىرگەن تۆت شەخس: تارباغاتاي تاشيول ئىشلىرى تەرەققىيات مەركىزى دۆربىلجىن تاشيول ئاسراش ئورنى مايتاس قار - شىۋىرغاندىن مۇداپىئەلىنىش - خەتەردىن قۇتقۇزۇش بازىسىنىڭ مۇئاۋىن بەنجاڭى لى چاڭچىڭ، خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيەسى ھاڭگىيا بازارلىق ساقچىخانا بەگ ئېرىق كەنتى ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ ياردەمچى ساقچىسى بۇپاتەم ئابدۇقادىر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 9 - شى 165 - تۇەن 5 - ليەنىنىڭ ئاھالىسى ليۇ شۆمېي، تارىم داشۆسى ئۇچۇر قۇرۇلۇشى شۆيۈەنى ئېلېكتىرون ۋە ئۇچۇر قۇرۇلۇشى فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى، تارىم بوستانلىق يېزا ئىگىلىكى بويىچە مائارىپ مىنىستىرلىقى نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاڭ نەننەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.