تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى تەييارلىق يىغىنى ئۆتكۈزدى

يىغىننىڭ ھەيئەت رىياسىتى ۋە باش كاتىپى سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلدى، يىغىننىڭ قارالمىسى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى 3 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا تەييارلىق يىغىنى ئۆتكۈزدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى ۋە باش كاتىپى سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلدى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىنىڭ قارالمىسى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھازىر بار ۋەكىلى 2878 كىشى. 3 - ئاينىڭ 3 - كۈنىگىچە، يىغىن كاتىبات باشقارمىسىغا تىزىمغا ئالدۇرغان ۋەكىل 2773 كىشى. 3 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىكى تەييارلىق يىغىنىغا 2761 كىشى قاتناشتى، 117 كىشى قاتنىشالمىدى، قاتناشقانلار سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

جاۋ لېجى مۇنداق دېدى: 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19 - يىغىنىدا، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىنى 2026 - يىلى 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئېچىش قارار قىلىندى. يىغىننىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى تولۇق پۈتتى.

جاۋ لېجى مۇنداق كۆرسەتتى: 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، 4 - ئومۇمىي يىغىندىكى ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىردەكلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياخشى يۈرۈشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، قۇرۇلتاينىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىگەن، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلىگەن، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بىر قېتىملىق يىغىن قىلىپ ئېچىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشقا سەپەرۋەر قىلىشتىن ئىبارەت.

تەييارلىق يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى ۋە باش كاتىپى سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلدى. يىغىن ھەيئەت رىياسىتى 167 كىشىدىن تەركىب تاپتى، لى خۇڭجۇڭ يىغىننىڭ باش كاتىپى بولدى.

ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللانغان يىغىن قارالمىسىغا ئاساسەن، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىدا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات قاراپ چىقىلىدۇ، خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى لايىھەسى تەكشۈرۈلىدۇ، 2025 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2026 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات، 2026 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ لايىھەسى تەكشۈرۈلىدۇ، 2025 - يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2026 - يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنىڭ لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات، 2026 - يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنىڭ لايىھەسى تەكشۈرۈلىدۇ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىت قانۇن دەستۇرى (لايىھە)»نى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى قاراپ چىقىلىدۇ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى (لايىھە)»نى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى قاراپ چىقىلىدۇ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت تەرەققىيات يىرىك پىلانى قانۇنى (لايىھە)»نى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى قاراپ چىقىلىدۇ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات قاراپ چىقىلىدۇ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات قاراپ چىقىلىدۇ، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات قاراپ چىقىلىدۇ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇنلارنى ئېنىقلاش خىزمىتى ئەھۋالى بىلەن ئالاقىدار قانۇن ۋە قارارلارنى بىر تەرەپ قىلىش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلاتى قاراپ چىقىلىدۇ.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرى لى خۇڭجۇڭ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، شياۋ جيې، جېڭ جيەنباڭ، دىڭ جۇڭلى، سەي دافېڭ، خې ۋېي، ۋۇ ۋېيخۇا، تيې نىڭ، پېڭ چىڭخۇا، جاڭ چىڭۋېي، لوساڭ جياڭسۈن، شۆھرەت زاكىر، باش كاتىپ ليۇ چى يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.