شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا خەلق سارىيىدا ئېچىلىدۇ، يىغىندا گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ، خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنىڭ لايىھەسى تەكشۈرۈلىدۇ، گوۋۇيۈەننىڭ 2025 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2026 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ھەم 2026 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى لايىھەسى تەكشۈرۈلىدۇ، گوۋۇيۈەننىڭ 2025 - يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2026 - يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ھەم 2026 - يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوت لايىھەسى تەكشۈرۈلىدۇ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى خۇڭجۇڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىت قانۇن دەستۇرى لايىھەسى توغرىسىدىكى ئىزاھاتى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى لايىھەسى توغرىسىدىكى ئىزاھاتى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت تەرەققىيات يىرىك پىلانى قانۇنى لايىھەسى توغرىسىدىكى ئىزاھاتىنى ئاڭلاپ ئۆتىدۇ. چۈشتىن كېيىن، ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى قاراپ چىقىدۇ.
3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىنىڭ ئېچىلىش يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىدۇ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىت قانۇن دەستۇرى لايىھەسى توغرىسىدىكى ئىزاھات، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى لايىھەسى توغرىسىدىكى ئىزاھات، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت تەرەققىيات يىرىك پىلانى قانۇنى لايىھەسى توغرىسىدىكى ئىزاھاتنى ئاڭلاپ ئۆتىدۇ. 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنى گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات ۋە تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى قاراپ چىقىدۇ.
مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىنىڭ ئېچىلىش يىغىنىدا لى چياڭ بەرگەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى تېلېۋىزوردا بىۋاسىتە كۆرسىتىدۇ؛ شىنخۇا تورى ئېچىلىش يىغىنىنى توردا سۈرەت ۋە يېزىق شەكلىدە بىۋاسىتە كۆرسىتىدۇ.






