تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئەزا گۇەن فاڭفاڭ: «ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلار تەڭ دەم ئېلىش» يولغا قويۇلۇپ، قار تەتىلىدە بالىغا ھەمراھ بولۇش ئاسانلاشتۇرۇلسا

   قار تەتىلى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان بالىلار خۇشال بولدى، بىر قىسىم ئەر-خوتۇن ئىشچى-خىزمەتچىلەر خۇشال بولالمىدى: ئەگەر ئاتا-ئانىلارنىڭ ماس قەدەملىك دەم ئېلىش ۋاقتى بولمىسا، بالىلارنىڭ ھالىدىن كىم خەۋەر ئالىدۇ؟ ئەگەر ئارتۇق رۇخسەت سوراپ ھەمراھ بولسا، كىرىم بىلەن خىزمەتكە قانداق تەڭ ئېتىبار بېرىش كېرەك؟ بالىلارغا ھەمراھ بولۇش بىلەن خىزمەت ئوتتۇرىسىدىكى رېئال توقۇنۇش ئالدىدا، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى گۇەن فاڭفاڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ دەم ئېلىش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۈنۈملۈك ھەمراھ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىپ، قار تەتىلىدە بالىلارغا ھەمراھ بولۇش ئاسانلاشتۇرۇلسا.

3-ئاينىڭ 4-كۈنى كەچتە، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى گۇەن فاڭفاڭ تەكلىپكە تۈزىتىش كىرگۈزمەكتە.

   گۇەن فاڭفاڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، 2025-يىلى 12-ئايدا، ئۈرۈمچى شەھىرى، ئالتاي ۋىلايىتى قاتارلىق جايلاردىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تۇنجى قار تەتىلى مەزگىلىدە، «بالىلارنى قار تەتىلىگە قويۇپ بېرىش، ئاتا-ئانىلار خىزمەت قىلىش» مەسىلىسىنىڭ بىر قىسىم ئەر-خوتۇن ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئائىلىسىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى بايقىدى.

   «بىر قىسىم بالىلار قار تەتىلى مەزگىلىدە ئۆيدە يالغۇز تۇرىدۇ ياكى مەكتەپ سىرتىدىكى ھاۋالىلىك باشقۇرۇش- پەرۋىش قىلىشقا تايىنىدۇ» دېدى گۇەن فاڭفاڭ: قار تەتىلىلا ئەمەس، يەنە ئەتىيازلىق تەتىل، كۈزلۈك تەتىل قاتارلىقلارمۇ بار، ئەگەر «ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلار تەڭ دەم ئېلىش»نى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولسا، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۈنۈملۈك ھەمراھ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىپ، ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلار مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولۇپلا قالماي، يەنە مەدەنىيەت-ساياھەت ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى ئۈنۈملۈك قوزغاتقىلى بولىدۇ.

   گۇەن فاڭفاڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، ئۈچ جان بار بىر ئائىلىنىڭ ئوتتۇرا، قىسقا مۇساپىلىك ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلار ساياھىتىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ئىستېمالىنىڭ 2000~1500 يۈەنگىچە بولۇپ، ياتاق، قاتناش، يېمەك-ئىچمەك، تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش قاتارلىق ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى ئىگىلىدى.

   گۇەن فاڭفاڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، ئەتىيازلىق تەتىل، كۈزلۈك تەتىل، قار تەتىلىنىڭ كۆپىنچىسى مائارىپ سىستېمىسىنىڭ دەم ئېلىش ۋاقتىنى تەسىس قىلىشىنى باشلامچى قىلىدۇ، لېكىن باشقا تارماقلارنىڭ سىياسىتىدە ماسلىشىش ئىشقا ئاشمىدى. شۇڭا، بۇ خىل تەتىل مەزگىلىدە ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىغا ھەمراھ بولالماسلىقىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى «دەم ئېلىش ۋاقتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش-دەم ئېلىش كاپالىتى- ھوقۇق-مەنپەئەتنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش»تەك ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت.

   گۇەن فاڭفاڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: دۆلەت قاتلىمىدىن يېتەكچى پىكىرنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، قاراتمىلىقى بولغان «ئائىلىدىكىلەر ھەمراھ بولىدىغان تەتىل» تەسىس قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىلسە ياكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ سائەت، يېرىم كۈننى بىرلىك قىلغان ھالدا يىللىق دەم ئېلىش، تەڭشەلگەن دەم ئېلىشنى ئېلىشىغا رۇخسەت قىلىنىپ، قىسقا مۇددەتلىك ھەمراھ بولۇشقا قولايلىق يارىتىلسا. «يەنە كارخانىلارنىڭ دەم ئېلىشنى باشقۇرۇش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، كارخانىلارنى ئىچكى قىسىمدا AB ئىش ئورنى تەسىس قىلىپ، كوللېكتىپتىكىلەر نۆۋەت بىلەن دەم ئېلىش قاتارلىق تۈزۈملەرنى ئورنىتىشقا يېتەكلەنسە، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كارخانىلارنى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئائىلە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى قوللاشنى كارخانا مەدەنىيىتىگە كىرگۈزۈپ، كوللېكتىپ كېڭىشىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىگە ھەمراھ بولۇشىغا پايدىلىق بولغان ئىچكى قىسىمدىكى دەم ئېلىش تەپسىلىي قائىدىسىنى تۈزۈشكە ئىلھاملاندۇرۇلسىمۇ بولىدۇ.»

   گۇەن فاڭفاڭ مۇنداق دېدى: مەدەنىيەت-ساياھەت تارماقلىرى باش بولۇپ، ئەتىيازلىق تەتىل، كۈزلۈك تەتىل، قار تەتىلىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن، باھار سەيلىسى، خەلق ئۆرپ-ئادىتى مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىش، قار تېيىلىش، ئارىشاڭدا دەم ئېلىش قاتارلىق ساياھەت مەھسۇلاتلىرى ۋە تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش ئەمەلىي تۈرلىرىنى لايىھەلەپ يولغا قويسا ھەمدە ئېتىبار يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتنى يولغا قويسا بولىدۇ. قاتناش تارماقلىرى بۇ خىل تەتىل مەزگىلىدە ئائىلە ساياھىتى مەخسۇس لىنىيەسىنى ئېچىش، ئاپتوموبىل ئىجارىگە ئېلىشتا ئېتىبار بېرىش قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلسا بولىدۇ. مەنزىرە رايونلىرى، مېھمانسارايلار، يېمەك-ئىچمەك سورۇنلىرى ئاتا-ئانىلار، بالىلار ئۆيى، بالىلار تامىقى، قاراش مۇلازىمىتى قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلىسە بولىدۇ.

   «يەنە ھاۋالىلىك باشقۇرۇش-پەرۋىش مۇلازىمىتىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، داۋالاش-پەرۋىش قىلىش، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش، ھۆكۈمەت ئىشلىرى قاتارلىق مۇھىم ئىش ئورۇنلىرىدا ئىشلەيدىغان، بۇ تەتىللەردە دەم ئېلىشقا ئامالسىز قالغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى مەھەللە، ياش-ئۆسمۈرلەر سارىيى، ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش-پەرۋىش ئاپپاراتلىرى قاتارلىقلار ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرىدىكى ۋاقىتلىق ۋاكالىتەن باشقۇرۇش-پەرۋىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىسە بولىدۇ» دېدى گۇەن فاڭفاڭ.

   گۇەن فاڭفاڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: مائارىپ، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت، مەدەنىيەت-ساياھەت، قاتناش-تىرانسپورت، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق كۆپ تارماق قاتناشقان ماسلىشىش خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىپ، قەرەللىك كېڭىشىپ، دەم ئېلىش، تەمىنلەش، كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق بىر قاتار سىياسەتلەرنى بىرتۇتاش تۈزۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ ئاساسىي قاتلامغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈلۈشى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى مەنپەئەتلەندۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىنسا.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.