تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق . تۇرمۇش

ئاياللار بايرىمى كېلىپ قالدى، بۇلارنى بىلەمسىز؟

 يېرىم كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ 

نەچچە كۈندىن كېيىن ئاياللار بايرىمى يېتىپ كېلىدۇ

ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەر باھار بايرىمىدىن كېيىنكى تۇنجى بايراملىق دەم ئېلىشنى كۈتۈۋالىدۇ

ئەڭ يېڭى

«مەملىكەت بويىچە يىللىق بايرام ھەم خاتىرە كۈنلەردە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش چارىسى»

<قىسمەن پۇقرالار دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدىغان دەم ئېلىش كۈنلىرى ۋە خاتىرە كۈنلەر>دىكى بايانلارغا ئاساسەن

3-ئاينىڭ 8-كۈنى ئاياللار بايرىمىدا

ئاياللار يېرىم كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ

ھالبۇكى

 كالىندارنى ئاچساق

 بۇ يىل 3-ئاينىڭ 8-كۈنىنىڭ يەكشەنبە ئىكەنلىكىنى بايقايمىز

ئۇنداقتا، ھەپتە ئاخىرىغا ئۇدۇل كېلىپ قالغان ئاياللار بايرىمىلىق

دەم ئېلىشنى تولۇقلاپ ئالغىلى بولامدۇ؟

  دەم ئېلىشنى تولۇقلاپ ئالغىلى بولمايدۇ 

   «مەملىكەت بويىچە يىللىق بايرام ۋە خاتىرە كۈنلىرىدە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش چارىسى»نىڭ 6-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن: بارلىق پۇقرالار دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدىغان بايرام شەنبە، يەكشەنبىگە توغرا كەلسە، خىزمەت كۈنىدە تولۇقلاپ دەم ئېلىشى كېرەك؛ قىسمەن پۇقرالار دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدىغان بايرام شەنبە، يەكشەنبىگە توغرا كەلسە، تولۇقلاپ دەم ئېلىش بېرىلمەيدۇ.

«8-مارت» ئاياللار بايرىمى بولسا قىسمەن پۇقرالار دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدىغان بايرام

شۇڭا، ئاياللار بايرىمىلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش

«قانۇندا بەلگىلەنگەن يېرىم كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش كۈنى»گە تەۋە

تولۇقلاپ دەم ئېلىش بېرىلمەيدۇ

ئۇنداق بولسا

بۇ كۈندە نورمال خىزمەت قىلىۋاتقان ئاياللارغا

ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققى بارمۇ؟

 ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇلسا 

 ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش مائاشى قانداق ھېسابلىنىدۇ؟ 

   «ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئالاقىسى 〔2000〕 18-نومۇرلۇق» ھۆججەتكە ئاساسلانغاندا، قىسمەن پۇقرالار دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدىغان بايرام مەزگىلىدە، جەمئىيەت ياكى ئىدارە تەشكىللىگەن تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان ۋە نورمال خىزمەت قىلغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ئىدارە مائاش بېرىشى كېرەك، لېكىن ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش مائاشى بەرمەيدۇ. ئەگەر بۇ بايرام شەنبە، يەكشەنبىگە توغرا كېلىپ، ئىدارە ئىشچى-خىزمەتچىنى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرسا، دەم ئېلىش كۈنىدە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش مائاشىنى قانۇن بويىچە بېرىشى كېرەك. شۇڭا، بۇ يىل ئاياللار بايرىمىدا ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئەمما دەم ئېلىشنى تولۇقلاپ ئالالمايدىغانلارنىڭ ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققى دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققى بويىچە ھېسابلىنىدۇ (كۈنلۈك ئىش ھەققىنىڭ ئىككى ھەسسىسى بويىچە).

ئەمما

خانىم-قىزلار

كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ

مۇنداق ياخشى ئىشلارنى بىلىۋېلىڭ

 ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەر ھامىلىدار مەزگىلىدە قانداق ئەمگەك مۇھاپىزىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ؟ 

   «ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك مۇھاپىزىتى توغرىسىدىكى ئالاھىدە بەلگىلىمە»نىڭ 6-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەر ھامىلىدار مەزگىلىدە ئەسلىي ئەمگىكىگە ئۇيغۇنلىشالمىسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ ئىسپاتىغا ئاساسەن، ئۇلارنىڭ ئەمگەك مىقدارىنى ئازايتىشى ياكى ئۇلارنى ئۇيغۇنلىشالايدىغان باشقا ئەمگەككە ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.

   ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ھامىلىدار بولغىنىغا يەتتە ئايدىن ئاشقان ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك ۋاقتىنى ئۇزارتسا ياكى ئۇلارنى كېچىلىك ئىسمېنىدا ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرسا بولمايدۇ ھەمدە ئەمگەك ۋاقتىدا ئۇلارغا بەلگىلىك دەم ئېلىش ۋاقتى ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.

   ھامىلىدار ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئەمگەك ۋاقتى ئىچىدە تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى تەكشۈرۈشنى قىلسا، بۇنىڭغا كېتەرلىك ۋاقىت ئەمگەك ۋاقتىغا كىرگۈزۈلىدۇ.

شىنجاڭدىكى بۇ مەنزىرە رايونىدا، بارلىق ئاياللار 10 كۈن ھەقسىز ساياھەت قىلسا بولىدۇ!

   3-ئاينىڭ 8-كۈنى، 116-قېتىملىق خەلقئارا ئاياللار بايرىمى. مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ تىيانشان ياۋايى ھايۋانات باغچىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ باغچا 3-ئايدا «ئاياللارنى قەدىرلەش ئېيى» پائالىيىتىنى يولغا قويغان بولۇپ، بارلىق ئاياللار ئون كۈن ئىچىدە باغچىغا ھەقسىز كىرىپ تاماشا قىلسا بولىدىكەن.

   پائالىيەت ۋاقتى: 2026-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 15-كۈنى (جەمئىي 10 كۈن)

   ئېتىبار بېرىش ئوبيېكتى: بارلىق ئايال ساياھەتچىلەر

   باغچىغا كىرىش ئۇسۇلى: ئاياللار باغچىغا كىرىش بېلىتى سېتىۋالماي ھەقسىز كىرسە بولىدۇ (ئارىلىق ئاپتوموبىلى بېلىتى، يىرتقۇچ ھايۋانلار رايونى ھېس قىلىش ئاپتوموبىل بېلىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ).

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.