يەكشەنبە
«8-مارت» خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى
ئايال دوستلارنىڭ يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان بايرىمىنى مۇبارەكلەپ
شىنجاڭدىكى كۆپلىگەن مەنزىرە رايونلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ
بىر قاتار ئېتىبار بېرىش پائالىيەتلىرىنى يولغا قويغانلىقىنى جاكارلىدى
ئۇ كۈنى ھاۋا ئوچۇق بولۇپ
تېزدىن يېقىن دوستلىرىڭىز بىلەن ئالاقىلىشىپ سىرتقا چىقىپ ئارام ئالغاچ
بىرلىكتە بايرام ئۆتكۈزۈپ كېلىڭ
ئۈرۈمچى شەھىرى
تىيانشان چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونى، غەربىي بەيياڭگوۋ مەنزىرە رايونى، مياۋئېرگوۋ مەنزىرە رايونى، جۈخۇاتەي مەنزىرە رايونى: 3-ئاينىڭ 8-كۈنى، بارلىق ئايال ساياھەتچىلەردىن ئىشىك بېلىتى ئېلىنمايدۇ.
يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونى:
1. 3-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە، 3-نومۇرلۇق ئاسما ۋاگوندا ئايال ساياھەتچىلەردىن ئىشىك بېلىتى ئېلىنمايدۇ، ئەر ساياھەتچىلەرگە يېرىم باھا بويىچە ئېتىبار بېرىلىدۇ.
2. 3-ئاينىڭ 8-كۈنى، غەربىي رايون قار تېيىلىش يولىدا بارلىق ئايال ساياھەتچىلەردىن قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ ئىشىك بېلىتى ئېلىنمايدۇ (قار تېيىلىش جابدۇقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ).
بەييۈن قار تېيىلىش مەيدانى: 3-ئاينىڭ 8-كۈنى، بارلىق ساياھەتچىلەرگە ئىشىك بېلىتى پەقەت 38 يۈەن.
شىنجاڭ قەدىمىي ئېكولوگىيە باغچىسى: 3-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە، بارلىق ئايال ساياھەتچىلەرگە ئىشىك بېلىتى پەقەت 38 يۈەن .
شىنجاڭ پەن-تېخنىكا سارىيى: 3-ئاينىڭ 8-كۈنى بارلىق ئايال ساياھەتچىلەر 5Dلىق ھەرىكەت سېزىمى كىنوخانىسىدا يېرىم باھالىق ئېتىباردىن بەھرىمەن بولىدۇ.
شىنجاڭ تىرىك ھاشارات مۇزېيى: 3-ئاينىڭ 8-كۈنى بارلىق ئايال ساياھەتچىلەرگە ئىشىك بېلىتى %10 ئېتىبار قىلىنىدۇ.
شىنجاڭ تىيانشان ياۋايى ھايۋانات باغچىسى: 3-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە، بارلىق ئايال ساياھەتچىلەردىن ئىشىك بېلىتى ئېلىنمايدۇ (ئارىلىق ئاپتوبۇس بېلىتى بىلەن يىرتقۇچ ھايۋانلار رايونىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىش بېلىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ).
ئالمىخان تىياتىرخانىسى: «گۈزەللىكنى ھەمرا قىلىپ، بەخت ئىچىدە ھەمسەپەر بولۇش» «8ـ مارت» خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمىنى تەبرىكلەش مەخسۇس مۇزىكا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلىدۇ، بارلىق ئايال تاماشىبىنلار يېرىم باھالىق ئويۇن بېلىتى ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولىدۇ (توردا خېرىدارلار مۇلازىمەت مەركىزى بىلەن ئالاقىلاشسا ئېتىباردىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ، ئويۇن قويۇش ۋاقتى: 3-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 21:00دە).
شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت سارىيى: 3-ئاينىڭ 8-كۈنى «بارماق ئۇچىدىن تارقالغان ھارارەت __ <8-مارت> خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى تېرە سەنئىتى قول ھۈنەر-سەنئىتىنى ھېس قىلىش پائالىيىتى» قانات يايدۇرۇلىدۇ، ھەقسىز قاتناشقىلى بولىدۇ، ماتېرىيال ھەققى ئېلىنمايدۇ (پەقەت 45 ئايال بىلەن چەكلىنىدۇ).
ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى
غۇلجا ناھىيەسىدىكى تىيانشان گۈل دېڭىزى مەنزىرە رايونى: 3-ئاينىڭ 8-كۈنى، بارلىق ئايال ساياھەتچىلەردىن ئىشىك بېلىتى ئېلىنمايدۇ.
ئالتاي ۋىلايىتى
جياڭجۈن تېغى خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى: 3-ئاينىڭ 8-كۈنى بارلىق ئايال قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىدىن قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ ئىشىك بېلىتى ئېلىنمايدۇ (قار تېيىلىش مەيدانىدا باشقا قار تېيىلىش جابدۇقلىرىنى ئىجارىگە ئالسىمۇ بولىدۇ).
جىكپۇلىن خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى، كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى: 3-ئاينىڭ 8-كۈنى بارلىق ئايال قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىدىن قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ ئىشىك بېلىتى ئېلىنمايدۇ (قار تېيىلىش جابدۇقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ).
چىڭگىل لاڭشەن خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى: 3-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە، بارلىق ئايال قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىدىن قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ ئىشىك بېلىتى ئېلىنمايدۇ (قار تېيىلىش جابدۇقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ).
ئۇلۇڭگۇر كۆلى دېڭىز ئۈستى موگۇيچېڭ مەنزىرە رايونى، ئالتۇن رەڭ دېڭىز قىرغىقى مەنزىرە رايونى، كۆكتوقاي مەنزىرە رايونى، كۆكتوقاي دۆلەت كان باغچىسى قاتارلىق قىشتا ئېچىلىدىغان مەنزىرە رايونلىرى: 3-ئاينىڭ 8-كۈنى بارلىق ئايال ساياھەتچىلەردىن تۇنجى قېتىم كىرگەن چاغدا ئىشىك بېلىتى ئېلىنمايدۇ (رايونلار ئارا قاتنايدىغان ئاپتوبۇس بېلىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ).
قاناس مەنزىرە رايونى:
3-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە، بارلىق ئايال ساياھەتچىلەردىن تۇنجى قېتىم كىرگەن چاغدا ئىشىك بېلىتى ئېلىنمايدۇ (قاناس + قۇمقاناس + ئاق قابانىڭ ئىشىك بېلىتى ئېلىنمايدۇ).
قاراماي شەھىرى
مايتاغ چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونى: 3-ئاينىڭ 8-كۈنى، بارلىق ئايال ساياھەتچىلەرگە ئىشىك بېلىتى يېرىم باھا بويىچە ئېتىبار قىلىنىدۇ، يۈرۈشلۈك بېلەت %20 ئېتىبار قىلىنىدۇ.
بەيياڭخې چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونى: 3-ئاينىڭ 8-كۈنى، بارلىق ئايال ساياھەتچىلەرگە ئىشىك بېلىتى يېرىم باھا بويىچە ئېتىبار قىلىنىدۇ.
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى
سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى: 3-ئاينىڭ 8-كۈنى، بارلىق ئايال ساياھەتچىلەردىن ئىشىك بېلىتى ئېلىنمايدۇ.
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى
جامبۇلاق مەنزىرە رايونى: 3-ئاينىڭ 8-كۈنى بارلىق ئايال ساياھەتچىلەرگە ئىشىك بېلىتى يېرىم باھا بويىچە ئېتىبار قىلىنىدۇ.
كېڭسىۋات كۆك كۆل مەنزىرە رايونى:
1. 3-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە، بارلىق ئايال ساياھەتچىلەرگە ئاسما ۋاگون تۈرىدە يېرىم باھا بويىچە ئېتىبار قىلىنىدۇ.
2. 3-ئاينىڭ 8-كۈنى، لەنخۇ قەھۋەخانىسى «ئەتىرگۈل يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتى»نى يولغا قويىدۇ ھەم ئايال ساياھەتچىلەرگە بىر تال ئەتىرگۈل سوۋغا قىلىدۇ (سوۋغات تۈگىگەن زامات توختايدۇ).
3. 3-ئاينىڭ 8-كۈنى، باغچىغا ئالدىدا كىرگەن 200 ئايال ساياھەتچى بىر تال كاڭنەيشىن گۈلىگە ھەقسىز ئېرىشەلەيدۇ.
قومۇل شەھىرى
قومۇل يىلۇڭ-يارداڭ داخەيداۋ مەنزىرە رايونى، تاكۇ كارىز مەنزىرە رايونى: 3-ئاينىڭ 8-كۈنى، بارلىق ئايال ساياھەتچىلەردىن ئىشىك بېلىتى ئېلىنمايدۇ.
سۇڭشۇتاڭ قار تېيىلىش مەيدانى: 3-ئاينىڭ 8-كۈنى، بارلىق ئايال ساياھەتچىلەرگە قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ ئىشىك بېلىتى يېرىم باھا بويىچە ئېتىبار قىلىنىدۇ، بېلەت سېتىۋالغانلارغا كۆڭۈل ئېچىش تۈرىنىڭ قار چەمبىرىكى بىر قېتىم ھەقسىز سوۋغا قىلىنىدۇ.
ئاقسۇ ۋىلايىتى
ئونسۇ ناھىيەسىدىكى تىيانشان تۆمۈر مەنزىرە رايونى چوڭ جىلغىسى:
1. 3-ئاينىڭ 8-كۈنى، بارلىق ئايال ساياھەتچىلەردىن تۇنجى كىرگەن چاغدىكى ئىشىك بېلىتى ئېلىنمايدۇ (ئارىلىق ئاپتوبۇسى بېلىتىنىڭ، ئۆزى ھەيدىگەن ئاپتوموبىلنىڭ بېلىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)، ھەر بىر كىشىگە بىر كىچىك سوۋغات تەقدىم قىلىنىدۇ، سوۋغات تۈگىگەن زامات توختايدۇ.
2. 3-ئاينىڭ 8-كۈنى، باغچىغا ئالدىدا كىرگەن 38 ئايال ساياھەتچى ساياھەتچىلەر مەركىزىنىڭ بېلەت تەكشۈرۈش ئېغىزىدا بىر تال ھەقسىز گۈلگە ئېرىشەلەيدۇ، سوۋغات تۈگىگەن زامات توختايدۇ.
3. 3-ئاينىڭ 8-كۈنى، مەنزىرە رايونىدىكى داكا قىلىش نۇقتىسى سۈرەتكە چۈشىدىغانلارنى ھەقسىز كىيىم-كېچەك بىلەن تەمىنلەيدۇ.
4. 3-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئايال ساياھەتچىلەر مەنزىرە رايونىدىكى شەخسىي يېمەك-ئىچمەك سېتىش نۇقتىسىدا ئىستىمال قىلسا %20 ئېتىباردىن بەھرىمەن بولىدۇ.
ئونسۇ ناھىيەسىدىكى تىيانشان تۆمۈر مەنزىرە رايونى تارىم كەنتى:
1. 3-ئاينىڭ 8-كۈنى، بارلىق ئايال ساياھەتچىلەرگە ئىشىك بېلىتى يېرىم باھا بويىچە ئېتىبار قىلىنىدۇ (ئارىلىق ئاپتوبۇسىنىڭ بېلىتى، ئۆزى ھەيدىگەن ئاپتوموبىلنىڭ بېلىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)، ھەر بىر كىشىگە بىر كىچىك سوۋغات تەقدىم قىلىنىدۇ، سوۋغات تۈگىگەن زامات توختايدۇ.
2. 3-ئاينىڭ 8-كۈنى، بارلىق ئايال ساياھەتچى مەنزىرە رايونىدىكى توفېڭ سارىيىدا قونسا، ياتاق باھاسى %40 ئېتىبار قىلىنىدۇ.
3. 3-ئاينىڭ 8-كۈنى، بارلىق ئايال ساياھەتچىلەر ساياھەتچىلەر مەركىزىنىڭ 2-قەۋىتىدىكى شەخسىي يېمەك-ئىچمەك سېتىش نۇقتىسىدا % 20 ئېتىباردىن بەھرىمەن بولىدۇ.
ئونسۇ ناھىيەسىدىكى پاقىلىق مەنزىرە رايونى، تىيانشان شېنمۇيۈەن مەنزىرە رايونى: بارلىق ئايال ساياھەتچىلەردىن تۇنجى كىرگەن چاغدىكى ئىشىك بېلىتى ئېلىنمايدۇ.
ئاۋات ناھىيەسىدىكى دولان قەبىلىسى مەنزىرە رايونى: 3-ئاينىڭ 8-كۈنى، بارلىق ئايال ساياھەتچىلەردىن ئىشىك بېلىتى ئېلىنمايدۇ، ئالدىدا كىرگەن 500 ئايال ساياھەتچى «ئۆزگىچە مەنزىرىلەرنى كۆرۈش» تۈرىنى ھېس قىلىش بېلىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.
شايار ناھىيەسىدىكى يەنمىڭ كۆلى مەنزىرە رايونى: 3-ئاينىڭ 8-كۈنى، بارلىق ئايال ساياھەتچىلەر مەنزىرە رايونى ئىچىدە يېرىم باھالىق قاتناشتىن بەھرىمەن بولالايدۇ.
شايار ناھىيەسىدىكى شايەنجوۋ مەنزىرە رايونى: 3-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە، بارلىق ساياھەتچىلەردىن ئىشىك بېلىتى ئېلىنمايدۇ، ئۆزى ھەيدىگەن ئاپتوموبىلنىڭ بېلەت باھاسى يېرىم باھادا ئېتىبار قىلىنىدۇ.
شايار ناھىيەلىك مەدەنىيەت ئىجادىيىتى كەسىپلەر باغچە رايونى: 3-ئاينىڭ 8-كۈنى، زال ئىچى مۇزىكا-ئۇسسۇل ئويۇنىنىڭ بېلىتى پەقەت 15 يۈەن بولىدۇ.
توقسۇ ناھىيەسىدىكى جاي كەنتى مەنزىرە رايونى: 3-ئاينىڭ 8-كۈنى بارلىق ئايال ساياھەتچىلەرگە ئىشىك بېلىتى %80 پىرسەنت ئېتىبار قىلىنىدۇ.
ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى يەنچۇەن تېغى مەنزىرە رايونى، يەنچۇەن دەرياسى مەنزىرە رايونى، جەنۇپ كۇڭزى تەلىماتى مەدەنىيەت باغچىسى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى بەدەل تۇرا سەددىچىن سېپىلى دۆلەت مەدەنىيەت سارىيى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرى: 3-ئاينىڭ 8-كۈنى، بارلىق ئايال ساياھەتچىلەردىن ئىشىك بېلىتى ئېلىنمايدۇ.
كەلپىن ناھىيەسىدىكى قىزىل قۇملۇق مەنزىرە رايونى، چىلان قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى، ۋەنفېڭ تۆگە باغچىسى مەنزىرە رايونى، قىسىل ئىستىراھەت كەنتى مەنزىرە رايونى، سېرىق ئۆرۈك ماكانى مەنزىرە رايونى: 3-ئاينىڭ 8-كۈنى بارلىق ئايال ساياھەتچىلەردىن ئىشىك بېلىتى ئېلىنمايدۇ.
باي ناھىيەسىدىكى تېرەك ئارىشاڭ مەنزىرە رايونى: 3-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە، بارلىق ئايال خېرىدارلارغا ئارشاڭنىڭ بېلىتى پەقەت 38 يۈەن.
قەشقەر ۋىلايىتى
قەشقەر شەھىرىدىكى ئىپارخان باغچىسى مەنزىرە رايونى: 3-ئاينىڭ 8-كۈنى بارلىق ئايال ساياھەتچىلەرگە ئىشىك بېلىتى يېرىم باھا بويىچە ئېتىبار قىلىنىدۇ، تولۇق سوممىلىق بېلەت سېتىۋالغانلارغا ئېسىل سوۋغات بۇيۇمى تەقدىم قىلىنىدۇ.
پوسكام ناھىيەسىدىكى ئالتۇن توغراق دۆلەت ئورمان باغچىسى: 3-ئاينىڭ 8-كۈنى بارلىق ئايال ساياھەتچىلەردىن ئىشىك بېلىتى ئېلىنمايدۇ.
تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى پامىر ساياھەت مەنزىرە رايونى: 3-ئاينىڭ 8-كۈنى، پۈتۈن رايوندىكى بارلىق مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىلىرى (قونجىراپ دۆلەت دەرۋازىسى مەنزىرە رايونى، مۇزتاغ مۇزلۇق باغچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، بارلىق ئايال ساياھەتچىلەردىن ئىشىك بېلىتى ئېلىنمايدۇ (ئارىلىق ئاپتوبۇسى بېلىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ).
پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى توغراق ئېكولوگىيە باغچىسى مەنزىرە رايونى، پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى ساياھەت -ئېكولوگىيە باغچىسى مەنزىرە رايونى: 3-ئاينىڭ 8-كۈنى، بارلىق ئايال ساياھەتچىلەرگە كۆڭۈل ئېچىش تۈرى بويىچە يېرىم باھالىق ئېتىبار بېرىلىدۇ؛ ساياھەت-ئېكولوگىيە باغچىسى مەنزىرە رايونىدىكى چېنىقىش ئۆيىنىڭ ئېتىبارىدىن بىر كۈن ھەقسىز بەھرىمەن بولىدۇ.
مەكىت ناھىيەسىدىكى N39° قۇملۇق ساياھەت مەنزىرە رايونى: 3-ئاينىڭ 8-كۈنى، بارلىق ئايال ساياھەتچىلەردىن ئىشىك بېلىتى ئېلىنمايدۇ.
يېڭىسار ناھىيەسىدىكى ساپال بۇيۇملار كەنتى مەنزىرە رايونى: 3-ئاينىڭ 8-كۈنى، بارلىق ئايال ساياھەتچىلەر ساپال بۇيۇملارنى ياساش بويىچە يېرىم باھالىق ئېتىباردىن بەھىرىمەن بولىدۇ، چوڭ ساپال بۇيۇملارنى سېتىۋالسا كىچىك ساپال بۇيۇمدىن بىرسى سوۋغات قىلىنىدۇ، 380 يۈەنگە توشسا 38 يۈەن كېمەيتىلىدۇ.
يېڭىسار ناھىيەسىدىكى جۇڭگو مەدەنىيىتى ئىلمى بىلىم يۇرتى: 3-ئاينىڭ 8-كۈنى بارلىق ئايال ساياھەتچىلەردىن ئىشىك بېلىتى ئېلىنمايدۇ، يەلپۈگۈچ سىرلاش، گۈل بېسىش، باغلاپ بوياش قاتارلىق تۈرلەردىن ھەقسىز بەھرىمەن بولالايدۇ.
يېڭىسار ناھىيەسىدىكى نەنخۇ ساياھەت-ئىستىراھەت رايونى قەلەمتىراش مۇزېيى ۋە قۇش تۈرى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سارىيى: 3-ئاينىڭ 8-كۈنى بارلىق ئايال ساياھەتچىلەرگە ئىشىك بېلىتى يېرىم باھا بويىچە ئېتىبار قىلىنىدۇ.
يەكەن ناھىيەسىدىكى قاراسۇ قۇملۇق باغچىسى، يەكەن مەھكىمىسى، يەكەندىكى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى، شۈەنزاڭ مەدەنىيەت كۆرگەزمە سارىيى، يەكەن ناھىيەسىنىڭ شەھەر جەنۇبى تەنتەربىيە سارىيى: 3-ئاينىڭ 8-كۈنى، بارلىق ئايال ساياھەتچىلەردىن تۇنجى كىرگەن چاغدىكى ئىشىك بېلىتى ئېلىنمايدۇ.
«8-مارت» خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا
بارلىق ئاياللارنىڭ ھەر بىر كۈنىنىڭ خۇشال ئۆتۈشىگە تىلەكداشمىز !
«شىنجاڭ ياخشى جاي» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






