3-ئاينىڭ 3-كۈنى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى»دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك بىخەتەرلىكى يەرلىك ئۆلچىمىنى تەكشۈرۈپ باھالاش كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، شىنجاڭ ئۈچ تۈرلۈك ئالاھىدە سۈت يېمەكلىكى بىخەتەرلىكى يەرلىك ئۆلچىمىنى رەسمىي ئېلان قىلىپ، ئالاھىدە سۈتچىلىك كەسپىنىڭ ئۆلچەم سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن بىخەتەرلىك ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى.
بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان ئۈچ تۈرلۈك ئۆلچەم ئايرىم-ئايرىم ھالدا «يېمەكلىك بىخەتەرلىكى يەرلىك ئۆلچىمى باستېرلاپ مىكروب ئۆلتۈرۈلگەن ئات سۈتى»(DBS 65/026-2026)، «يېمەكلىك بىخەتەرلىكى يەرلىك ئۆلچىمى ئېچىتىلغان ئات سۈتى»(DBS 65/027-2026) ۋە «يېمەكلىك بىخەتەرلىكى يەرلىك ئۆلچىمى ئېچىتىلغان ئېشەك سۈتى»(DBS 65/028-2026)دىن ئىبارەت.
ئاپتونوم رايوننىڭ سۈتچىلىك كەسپى تېخنىكا سىستېمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ سۈتچىلىك جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى شۈ مىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يۇقىرىقى ئۆلچەم ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ئالتە ئايدىن كېيىن رەسمىي يولغا قويۇلۇپ، ھەم دۆلەت ئىچىدىكى ئالاقىدار ساھەلەردىكى بوشلۇقنى تولدۇرىدۇ ھەم شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە سۈتچىلىك كەسپىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ۋە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى تىرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ.
شۈ مىن مۇنداق دېدى: ئۈچ تۈرلۈك ئۆلچەمنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇھىم نۇقتىسى بار بولۇپ، باستېرلاپ مىكروب ئۆلتۈرۈلگەن ئات سۈتى ئۆلچىمىدە مىكروب ئۆلتۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق پارامېتىرلار قېلىپلاشتۇرۇلغان، بىخەتەرلىك ۋە ئەسلىي ئوزۇقلۇققا تەڭ ئېتىبار بېرىلگەن؛ ئېچىتىلغان ئات سۈتى ئۆلچىمىدە باكتېرىيە تۈپىنى تاللاپ ئىشلىتىش ھەم جەرياننى تىزگىنلەش ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، سۈپەت تەكشى بولماسلىق ئاغرىق نۇقتىسى ھەل قىلىنغان؛ ئېچىتىلغان ئېشەك سۈتى ئۆلچىمىدە ئۆز خاسلىقىغا بىرلەشتۈرۈلۈپ، پۈتۈن جەريانلىق باشقۇرۇش-تىزگىنلەش ئىنچىكىلەشتۈرۈلۈپ، كەسىپنى قېلىپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچ قوشۇلغان.
دۆلىتىمىزنىڭ ئالاھىدە سۈت ئىشلەپچىقىرىش يادرولۇق رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ سۈت مەنبەسى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، بەلگىلىك كەسىپ كۆلىمىنى شەكىللەندۈردى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭدا ھازىر ئالاھىدە سۈتچىلىك كارخانىسىدىن 41ى بار بولۇپ، مەھسۇلاتلىرى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 30 نەچچە ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنى قاپلىغان، بىر قىسمى مەملىكەت سىرتىغا سېتىلغان، تۆگە سۈتى كەسپى تېخىمۇ گەۋدىلىك بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاساسلىق بازار ئۈلۈشىنى ئىگىلىگەن.
شۈ مىن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ئۈچ تۈرلۈك يەرلىك ئۆلچەمنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئالاھىدە سۈت ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، مەھسۇلات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە سۈتچىلىك كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ.
«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






