تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىناق-گۈزەل يېزا-كەنت

سۇ مۇنبەت دالىنى ئوزۇقلاندۇردى تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدا ئەتىيازلىق سۇغىرىشقا تەييارلىق كۆرۈش ئەندىزىسى باشلاندى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

   باھار شامىلى تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىنى سىيپاپ ئۆتۈپ، ئەتىيازلىق سۇغىرىشقا تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى. مۇز يېرىلىپ سۇ باشلاندى، ئۆستەڭلەر پاكىز تازىلىنىپ راۋانلاشتۇرۇلدى، ئىلمىي ئۇسۇلدا سۇ تەڭشەش قانات يايدۇرۇلۇپ، سۈپسۈزۈك ئۆستەڭ سۈيى چەكسىز كەتكەن مۇنبەت دالىنى ئوزۇقلاندۇردى، كۈزگى بۇغداي مايسىلىرى كۆكلەپ غول تارتتى، كېۋەزلىكلەردە تۇپراقنىڭ نەملىكى يېتەرلىك بولدى. ھەر مىللەت دېھقان ئائىلىلىرى دېھقانچىلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ، سۇ باشلاپ ئېتىزلارنى سۇغىرىپ، ئېتىزلارنى ئوزۇقلاندۇردى ھەم تېرىلغۇغا تىرىشىپ تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق باھار سۈيى مۇنبەت ئېتىزلارنى ئوزۇقلاندۇرىدىغان، ئەمەلىي ئىشلەپ مول ھوسۇلنى كۈتۈۋالىدىغان جانلىق مەنزىرىنى پۈتۈپ چىقتى.

    3-ئاينىڭ 2-كۈنى، توقسۇ ناھىيەسىنىڭ يۇلتۇز باغ بازىرى سۇپادۆڭ كەنتىنىڭ ئېتىز بېشىدا تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى ئالدىراش بولۇپ كەتتى. سۇ باشلاش، ئۆستەڭ چارلاش، ئېتىزلارنى پەرۋىش قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەر تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىپ، «تىرىشقانلار باھارنى بالدۇر كۈتۈۋېلىش، ئەتىيازلىق سۇغىرىش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇش»تىن ئىبارەت جانلىق مەنزىرە تەدرىجىي نامايان بولدى. بۇ يىل، بۇ ناھىيە ئەتىيازلىق سۇغىرىش خىزمىتىدە «بالدۇر ئورۇنلاشتۇرۇش، دېھقانچىلىق پەيتىنى چىڭ تۇتۇش، سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىش» خىزمەت تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرى بىلەن سۇ باشقۇرۇش پونكىتىدىكى خىزمەتچى خادىملارنى ئېتىز باشلىرىغا بېرىپ، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ يەرنى ئىلمىي سۇغىرىشىغا قولمۇقول يېتەكچىلىك قىلىشقا تەشكىللەپ، سۇغىرىشقا ئىشلىتىدىغان سۇ مىقدارى ۋە ۋاقىتنى دەل جايىدا تىزگىنلەپ، دېھقانچىلىق مەزگىلىنى كېچىكتۈرمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

   2-ئاينىڭ 27-كۈنى، مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ دۆلەتباغ يېزىسى قاراكۆلنۇر كەنتىدىكى بۇغدايلىقتا، كۈزگى بۇغدايلار ئارقا-ئارقىدىن قايتا كۆكلىدى، يېڭى كۆكلىگەن پارچە-پارچە يېشىللىق مەيىن شامالدا يېنىك ئىرغاڭلاپ تۇراتتى. سۈپسۈزۈك سۇ ئېتىز قىرىنى بويلاپ ئاستا-ئاستا ئېقىپ، بىر قىش قاتتىق ئۇيقۇدا ياتقان بۇغداي مايسىلىرىنى قانغۇچە سۇغىرىپ، داۋاملىق ئۆسۈش ئۈچۈن ئېنېرگىيە توپلىدى. ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەپ، يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشقا ھەققىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇ ناھىيە ئالدىن پىلانلاپ، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرىنى ھەرقايسى كەنتلەرنىڭ ئېتىز باشلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنى كۈزگى بۇغداينى ئەتىيازلىق سۇغىرىش، ئوغۇتلاش قاتارلىق تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەشكە نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلىشقا تەشكىللەپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشتى.

    2-ئاينىڭ 26-كۈنى، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ جاي يېزىسى جىرىم كەنتىدە، يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرى ئېتىز باشلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئەتىيازلىق سۇغىرىش سۈيىنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى دەل جايىدا ئۆلچەپ، كۈزگى بۇغداينىڭ ئۆسۈشىنى ئىلمىي پەرۋىش قىلدى. ئەتىيازلىق سۇغىرىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇ ناھىيە سۇ بايلىقىنى تەڭشەپ تەقسىملەش، سۇچىلىق ئەسلىھەلىرىنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرى بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ سۇ، ئوغۇتنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەش شۇنداقلا كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، تىزىملىك تۇرغۇزۇش، كۆزىتىپ ئۆلچەشنى كۈچەيتىش، مىقدارنى دەل جايىدا ئۆلچەش ئارقىلىق سۇ تېجەپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلدى.

   2-ئاينىڭ 26-كۈنى، لوپ ناھىيەسىنىڭ بۇيا يېزىسى ئاياغ سۇلۋا كەنتىدىكى كۈزگى بۇغدايلىقتا، كەنت ئاھالىلىرى ھاۋا ئوچۇق پەيتنى چىڭ تۇتۇپ بۇغدايلىققا سۇ تولۇقلاپ ۋاقتىدا سۇغاردى. ھازىر دەل كۈزگى بۇغداي كۆكلەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل شۇنداقلا ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىدىغان ئالتۇن مەزگىل ھېسابلىنىدۇ. لوپ ناھىيەسى «تېرىقچىلىق مەزگىلى ساقلاپ تۇرمايدۇ» دېگەن تەلەپنى چىڭ كۆزلەپ، ئەتىيازلىق سۇغىرىشتا سۇ بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتتى، ئېتىز باشلىرىدا «تىرىشقانلار باھارنى بالدۇر كۈتۈۋالىدۇ»دىن ئىبارەت قاينام-تاشقىنلىققا تولغان ئالدىراش مەنزىرە نامايان بولۇپ، پۈتۈن يىلدا يېزا ئىگىلىكىدىن مول ھوسۇل ئېلىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.

  يېقىندا، ماناس ناھىيەسى ماناس دەرياسى سۇغىرىش رايونىدا ئەتىيازلىق مۇز يېرىپ سۇ باشلاش، ئامباردا سۇ ساقلاش خىزمىتىنى باشلىدى. بۇ يىل بۇ ناھىيەنىڭ ئەتىيازلىق سۇغىرىش كۆلىمى بىر مىليون 200 مىڭ موغا يەتتى. سۇچىلىق تارماقلىرى مۇددەتتىن بۇرۇن پىلانلاپ، قىش پەسلىدىكى سۇ تارتىلىش مەزگىلىدە شىنخۇپىڭ سۇ ئامبىرىدا 30 مىڭ كۇب مېتىر كېلىدىغان لاي-لاتقىنى تازىلاپ، سىغىمنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، غول، تارماق، ئوق ئۆستەڭ، تاقاق، پومپا پونكىتى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ رېمونت قىلدى. مۆلچەرلىنىشىچە، 4-ئاينىڭ باشلىرىدا سۇ ئامبىرىنىڭ سىغىمى 25 مىليون كۇب مېتىرغا يېتىپ، تۆۋەن ئېقىندىكى ليۇخۇدى بازىرى، بېيۋۇچا بازىرى قاتارلىق رايونلارنىڭ ئەتىيازلىق سۇغىرىشقا كېرەكلىك سۇ ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىكەن.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.