
3 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ساۋەن شەھىرى مەدەنىيەت - ساياھەت مەركىزىدە «رەڭدار ساليۇت ساۋەندە نۇر چاچتى» ساليۇت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: شەھەر ئاھالىلىرى ساليۇت كۆرگەزمىسىنى كۆرمەكتە. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى شيۇڭشىن فوتوسى
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى
كەڭ تۇپراق باھار تۈسىگە كىردى، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان يېڭى مۇساپە باشلاندى. كاتتا يۈەنشياۋ بايرىمىدا، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا پانۇس ۋە رەڭدار تۈگۈچلەر ئېسىلىپ، ھەممە جاي شادلىققا چۆمدى. سەييارە كوچا ئويۇنى، پانۇس تېپىشمىقى تېپىش، يۈەنشياۋ تېتىش... ھەر مىللەت ئامما خۇشال - خۇرام بىر جايغا جەم بولۇپ، مول، رەڭدار شەكىللەر ئارقىلىق جەم بولۇش ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىپ، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش بىلەن قاينام - تاشقىنلىققا تولغان ئىللىقلىقنىڭ يۇغۇرۇلۇشى جەريانىدا، يېڭى بىر يىلدىكى گۈزەل ئارزۇلىرىنى ئىپادىلەپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان يېڭى مەنزىرىنى ئاستا - ئاستا نامايان قىلدى.
قاينام - تاشقىنلىققا تولغان كوچا ئويۇنى يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلدى
3 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھىرى خۇڭسەن باغچىسى شاد - خۇراملىققا چۆمدى، داقا - دۇمباق ۋە سۇناي ئاۋازى گىرەلىشىپ، جۇشقۇن، شادىيانە بايرام مېلودىيەسىنى ياڭراتتى، كوچا ئويۇنى كۆرىكى پۈتۈن مەيداندىكىلەرنىڭ قىزغىنلىقىنى قوزغىدى. ئالتۇن رەڭلىك غايەت زور لۇڭ ئايلىنىپ ئۇچۇپ، «جۇشقۇن روھ»نى تولۇق نامايان قىلدى، سەھنە تۆۋىنىدىكى تاماشىبىنلار گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرىنى ياڭراتتى، ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلمىدى. قىزىقارلىق پانۇس تېپىشمىقى تېپىشتىن دۆلەت ئىچى ئاساسىي ئېقىم كۆرگەزمىسىگىچە، چامباشچىلىق ماھارىتى كۆرسىتىشتىن ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئويناشقىچە بولغان بىر قاتار ئاممىغا يېقىشلىق بولغان، ئىللىقلىق بېغىشلايدىغان نومۇرلار نۆۋەت بىلەن ئورۇنلاندى، ھەر مىللەت ئامما شادىيانە بايرام كەيپىياتىغا چۆمدى.
«پائالىيەت بەك قىزىپ كەتتى، شىر ئۇسسۇلى، پانۇس تېپىشمىقى تېپىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قالتىس بولدى.» شەھەر ئاھالىسى لى لىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇنداق قاينام - تاشقىنلىققا تولغان پائالىيەت كۆپچىلىككە جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلدۇرۇپلا قالماي، يەنە قوشنا - قولۇم، ئۇرۇق - تۇغقانلارنىڭ جەم بولۇشىنى تېخىمۇ ئىللىقلىققا ۋە بەختكە چۆمدۈردى.
فۇكاڭ شەھىرىدە، ياڭگىر ئۇسسۇلى، كوچا ئويۇنى مۇسابىقىسى قاينام - تاشقىنلىق ئىچىدە باشلاندى. ھەرقايسى يېزا - بازار، كوچا باشقارمىسى، ئورگان، ئورۇنلاردىن كەلگەن 2200دىن ئارتۇق كادىر، ئاممىدىن تەشكىللەنگەن 15 كوچا ئويۇنى ئەترىتى مۇسابىقە مەيدانىدا كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن نامايان بولدى. ئويۇن ئات يىلىدىكى باش تېما ئامىللىرىغا بىرلەشتۈرۈلۈپ كۆڭۈل قويۇپ تەييارلانغان بولۇپ، لۇڭ ئۇسسۇلى، شىر ئۇسسۇلى، ياڭگىر ئۇسسۇلى، ياڭراق دۇمباق ئاۋازى قاتارلىق ئەنئەنىۋى خەلق ئۆرپ - ئادەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا، جۇشقۇن كالتەك ئۇسسۇلى ئىجادىي سىڭدۈرۈلدى، يەنە پەن - تېخنىكا تۇيغۇسى كۈچلۈك بولغان ماشىنا ئىت ئويۇنى ئەپچىللىك بىلەن قوشۇلۇپ، ئەنئەنىۋى خەلق ئۆرپ - ئادىتى بىلەن زامانىۋى يېڭى ئىستىل، پەن - تېخنىكا ھاياتىي كۈچى ئۆزئارا ئۇچرىشىپ، يۇغۇرۇلۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ يۇرتىنى قىزغىن سۆيىدىغان، تۇرمۇشنى مەدھىيەلەيدىغان سەمىمىي ھېسسىياتى جانلىق نامايان قىلىندى.
شۇ كۈنى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كوچا ئويۇنى پائالىيىتى ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتتى، خوتەن شەھىرى، قاراقاش ناھىيەسى، لوپ ناھىيەسى ھەم شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 14 - شى قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن كوچا ئويۇنى ئەترەتلىرى تەرتىپ بويىچە مەيدانغا چىقتى. كۆرەك ئەترىتى يول بويىدىكى ھەر مىللەت ئامما بىلەن يېقىن ئارىلىقتا ھەمتۈرتكە بولۇپ، كاتتا بايرامنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى، ھەممە جاي خۇشال ۋە ئىناق، شادلىققا چۆمگەن بايرام كەيپىياتىغا تولدى.
«بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم خوتەندە كوچا ئويۇنى كۆرۈشۈم، بەك قىزىپ كەتتى ھەم قالتىس بولدى» دېدى كورلا شەھىرىدىن كەلگەن ساياھەتچى ۋاڭ ۋېنجيې خۇشال ھالدا.
كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى بايرام ئىللىقلىقىغا داقا - دۇمباق ئاۋازى ۋە كۈلكە سادالىرى سىڭىپ كەتكەنىدى. كوچا ئويۇنى، چۇەنجۈ تىياتىرى چىراي ئۆزگەرتىش ماھارىتى، يىڭگې ئۇسسۇلى نۆۋەت بىلەن ئوينالدى، ھەم ئەنئەنىۋى پۇراققا، ھەم ياشلىق جاسارىتىگە تويۇنغانىدى؛ بالىلار شىچۈ تىياتىرى لەرزان، مۇڭلۇق بولۇپ، گۇاڭدۇڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىن يۇغۇرۇلۇش كۆۋرۈكىنى بەرپا قىلدى. ياڭگىر ئۇسسۇلى ئويناش، قولۋاق ئويۇنى، يوغان باش قونچاق، يەلپۈگۈچ ئۇسسۇلى قاتارلىق كىلاسسىك كوچا ئويۇنى نومۇرلىرى ئارقا - ئارقىدىن ئورۇنلاندى، ئارتىسلارنىڭ قىزىقارلىق، جانلىق نومۇرلىرى نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ توختىماي ئالقىشىغا ئېرىشتى، ئۇلار بەس - بەستە يان تېلېفونلىرىنى چىقىرىپ قالتىس پەيتنى خاتىرىلىدى.
ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى تولۇپ تاشتى
پانۇس تېپىشمىقى تېپىش مۇسابىقىسى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قولدا ياساش، سەنئەتلىك باغ سەيلىسى... شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مەدەنىيەت مەيدان - سارايلىرى ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول بولغان بىرقاتار مەدەنىيەت تەسىراتى پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلىش جەريانىدا جۇڭخۇا مەدەنىيەت تومۇرى بىلەن ئۇچرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
3 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ كۇتۇپخانىسىنىڭ 1 - قەۋىتىدىكى چوڭ زالدا، دانىمۇدانە قىزىل پانۇسلار لەپىلدەپ تۇراتتى، كۆڭۈل قويۇپ لايىھەلەنگەن 500دىن ئارتۇق پانۇس تېپىشمىقى نۇرغۇن ئوقۇرمەننى قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى. «بىر تەرىپىدە قىزىل، بىر تەرىپىدە يېشىل، بىر تەرىپىدە شامالنى ياخشى كۆرۈش، يەنە بىر تەرىپىدە يامغۇرنى ياخشى كۆرۈش دېگەن خەتلەر بار ئىكەن. بۇ چوقۇم <秋> دېگەن خەت.» ئوقۇرمەن سۇي چىڭلى پۈتۈن دىققىتى بىلەن بىردەم ئويلانغاندىن كېيىن، ھاياجانلانغان ھالدا شۇنداق دېدى ئۈنلۈك ئاۋازدا. يۈەنشياۋ بايرىمىلىق كۆڭۈل ئېچىش رايونىدا چوكىنى لوڭقىغا چۈشۈرۈش، ئەنئەنىۋى كىچىك توپنى ئۇرۇپ ئورەككە كىرگۈزۈش قاتارلىق كىلاسسىك خەلق ئۆرپ - ئادىتى ئويۇنلىرى نۇرغۇن كىشىنى خەلق ئۆرپ - ئادىتىنىڭ قىزىقارلىقلىقىنى ھېس قىلىشقا جەلپ قىلدى. شەكىل بېسىش رايونىدا، ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنى ئېلىپ شەكىل بېسىش ھۈنەر - سەنئىتىنى ھېس قىلىپ، «马»، «福» قاتارلىق ئەنئەنىۋى خەت نۇسخىلىرىنى شۇەنجى قەغىزىگە بېسىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلدى.
شىنجاڭ كۇتۇپخانىسى كىتاب ئوقۇشنى ئومۇملاشتۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جاڭ يۈشىن مۇنداق دېدى: «كۆپ يىللاردىن بۇيان، بىز ئەنئەنىۋى بايراملارنى چۆرىدەپ بىر قاتار كىتاب ئوقۇش پائالىيەتلىرىنى پىلانلاشتا چىڭ تۇردۇق، بۇ يىلقى يۈەنشياۋ بايرىمى پائالىيىتىدە، بىز بۇ باش تېما توغرىسىدا داۋاملىق چوڭقۇر ئىزدىنىپ، چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلىش ئارقىلىق ئەنئەنىۋى خەلق ئۆرپ - ئادىتىنى زامانىۋى كىتاب ئوقۇش بوشلۇقىغا سىڭدۈردۇق».
ئەگەر شىنجاڭ كۇتۇپخانىسىدا «جىمجىتلىق» ۋە «نەپىس»لىك ئاساس قىلىنغان دېيىلسە، ئۇنداقتا شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيىنىڭ «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئارقىلىق يۈەنشياۋ بايرىمىنى تەبرىكلەش» پائالىيىتىنى «ھەرىكەت» ۋە «جانلىق»لىققا تولغان قاينام - تاشقىنلىق دېيىشكە بولىدۇ. شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 1 - قەۋەتتىكى جانلىق ئويۇن قويۇش زالىدا، «پانۇس تېپىشمىقى ئېيتىش» «ناخشا ئېيتىش دارېنلىرى» «كۇەيبەن 1V1» قاتارلىق شياڭشېڭلار نۆۋەت بىلەن ئورۇنلىنىپ، پۈتۈن مەيداندىكىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. مەركىزىي زالدا، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى ھۈنەرۋەنلەردىن قولدا تاڭيۈەن تەييارلاشنى ئۆگەندى، گەرچە قولى ئانچە كەلمىسىمۇ، تەييارلىغان تاڭيۈەنلەر يۇمىلاق، يېيىشلىك ھەم كۆركەم چىقتى. يېقىنلا يەردىكى «ھۈنەرۋەن روھى گۈللۈك پانۇسى» ھۈنەرخانىسىدا، كىشىلەر پۈتۈن دىققىتى بىلەن بامبۇك يېرىندىسىدىن ئات يىلى گۈللۈك پانۇسى ياساۋاتاتتى، بارماقلارنىڭ مىدىرلىشى بىلەن، نەپىس گۈللۈك پانۇسلار بىر - بىرلەپ تەدرىجىي شەكىلگە كىردى.
شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ كەييۈ زالدىكى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن كۆرۈنۈشكە قاراپ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «جانلىق ۋارىسلىق قىلىش شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيىنىڭ خاسلىقى. چوڭلار كۈلۈمسىرىگىنىچە تاڭيۈەن تەييارلىغاندا، بالىلار ئەستايىدىللىق بىلەن گۈللۈك پانۇس ياساشنى ئۆگەنگەندە، كۆپچىلىكنىڭ بۇلاردىن خۇشاللىق ھېس قىلغاندىكى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن كەيپىياتى دەل غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىشنىڭ ئەڭ جانلىق قىياپىتى.»
كاتتا يۈەنشياۋ بايرىمىدا، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق مۇزېي «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى جۇلالاندۇرۇش . يۈەنشياۋنى بىللە ئۆتكۈزۈش» جەمئىيەت تەربىيەسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولغان قەلەي قەغەزگە رەسىم سىزىشنى ھېس قىلىش رايونىدا، قاتناشقۇچىلار قەلەينى قەغەز، قەلەمنى پىچاق قىلىپ، بېسىش، ئويۇش، ياساش، چېكىش قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئۇسۇللار ئارقىلىق يۈەنشياۋ ئامىلىغا ئىگە ئەسەرلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ئىجاد قىلدى. پانۇس تېپىشمىقى تېپىش ھالقىسىدا، بۇ مۇزېي PPTنى ئىجادىي قوللىنىپ، تېپىشماقنى ھەرىكەتچان نامايان قىلدى، مەزمۇنى يۈەنشياۋ بايرىمىلىق خەلق ئۆرپ - ئادىتى، ئەنئەنىۋى بىلىم قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى، كۆپچىلىك ئېكرانغا تىكىلىپ پۈتۈن زېھنى بىلەن پىكىر يۈرگۈزدى، نەق مەيداندا كەيپىيات جىددىي ھەم خۇشال بولدى. بورتالا ئوبلاستلىق مۇزېينىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ يىڭيىڭ مۇنداق بىلدۈردى: پائالىيەتتە مەدەنىيەت - پەننى ئومۇملاشتۇرۇش، خەلق ئۆرپ - ئادىتى - كۆڭۈل ئېچىش غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ھېس قىلىش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلۈپ، كۆپچىلىككە قول سېلىپ ئىشلەش، كاللا ئىشلىتىش جەريانىدا ئەنئەنىۋى بايرامنىڭ چوڭقۇر ئاساسى ھېس قىلدۇرۇلدى.
خۇشال - خۇرام جەم بولدى، مېھىر - مۇھەببەت قويۇقلاشتى
ئىللىقلىق بىلەن قاينام - تاشقىنلىق گىرەلىشىپ، ئالتاي شەھىرىنىڭ يۈەنشياۋ كاتتا بايرىمىدىكى ئەڭ تەسىرلىك ئاساسىي رەڭگە ئايلاندى. قار - مۇز شەھىرى كېچە بولماس شەھەر سودا چەمبىرىكىدە، ئالتاي شەھىرى چياشيۇ يولى كوچا باشقارمىسى چياشيۇ مەھەللىسى، خۇڭدۇن يولى مەھەللىسى ئاۋىيتان بازىرى رىجاۋ جىنشەن مۇلازىمەت پونكىتى بىلەن بىرلىكتە، بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇرۇپ ئىشلەۋاتقان مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرى، «ئىككى يېڭى» تەشكىلاتنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىغا ئىسسىق ھورى كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان قاچا - قاچىلارغا ئۇسۇلغان تاڭيۈەن يەتكۈزۈپ بەردى. «ھەر يىلى يۈەنشياۋ بايرىمىدا مەھەللىنىڭ سوۋغىتىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، قەلبىم ئىللىقلىققا تولىدۇ.» تاڭيۈەننى ئالغان مۇھىت تازىلىقى ئىشچىسى ياۋ پېيجى كۈلۈمسىرىگىنىچە شۇنداق دېدى.
3 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، مەكىت ناھىيەسىنىڭ مەكىت بازىرى يېڭىبازار مەھەللىسى «مېھىر - مۇھەببەتلىك يۈەنشياۋ بايرىمىدا خەلق قەلبىنى مۇجەسسەملەش، 100 ئائىلىلىك زىياپەتتە قوشنىلار ئارىسىدىكى مېھىر - مۇھەببەتنى بايان قىلىش» باش تېما پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما خۇشال - خۇرام بىر جايغا جەم بولۇپ، ئېسىل تائاملارنى تېتىپ، مۇڭدىشىپ، قوشنىلار ئارا دوستلۇقنى كۈچەيتتى. پائالىيەت جەريانىدا مەھەللە كادىرلىرى خەلق ئۆرپ - ئادىتىنى چۈشەندۈرۈش، قىزىقارلىق پانۇس تېپىشمىقى تېپىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئاھالىلەرنىڭ جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە بولغان چۈشەنچىسىنى ئاشۇردى ھەم ئۇنىڭغا بىخەتەرلىك ساۋاتلىرى، تۇرمۇشتىكى ئەپچىل چارىلەر قاتارلىقلاردىن زېھىن سىناشنى سىڭدۈردى، ئاھالىلەر بەس - بەستە قاتنىشىپ، شاد - خۇراملىققا چۆمدى.
تۈن پەردىسى يېيىلغاندا، ساۋەن شەھەرلىك مەدەنىيەت - ساياھەت مەركىزىدە رەڭگارەڭ چىراغلار چاقنىدى. مۇزىكىنىڭ ياڭرىشىغا ئەگىشىپ، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ئويۇنى ۋە ساليۇت كۆرگەزمىسى رەسمىي باشلاندى. «رەڭدار شياڭيۈن» «چاقناپ تۇرغان سامانيولى» «دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەش» قاتارلىق باش تېمىلىق ساليۇتلار كەينى - كەينىدىن ئېتىلىپ، رەڭدار ساليۇتلار كۆرۈرمەنلەرنىڭ تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇرغان چىرايىنى يورۇتتى، ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلمىدى.
1200 تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ بوشلۇققا كۆتۈرۈلۈپ، دەل جايىدا سەپ تۈزۈپ، تۈن قاراڭغۇسىدا چېپىپ كېتىۋاتقان تۇلپار، ساۋەننىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت يەر بەلگىسى ھەمدە «يۈەنشياۋ بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن» «مەن ساۋەننى سۆيىمەن» قاتارلىق شەكىل ۋە خەت نۇسخىلىرىنى تەرتىپ بويىچە نامايان قىلدى، كاتتا نۇر مەرىكىسىدە ھەر مىللەت ئامما ئات يىلىدىكى يېڭى مۇساپىنى بىرلىكتە باشلىدى.
(مۇخبىرلار شيا چىڭ، جيا چۇنشيا، تاڭ يۇڭ، جاڭ تىڭ، سۇڭ ياۋېن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار نۇربىيە ئابدۇلھېمىت، جاۋ نەن، ۋاڭ جيالېي)






