تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق . تۇرمۇش

ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەر ھامىلىدار مەزگىلىدە قانداق ئەمگەك مۇھاپىزىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ؟

   «ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك مۇھاپىزىتى توغرىسىدىكى ئالاھىدە بەلگىلىمە»نىڭ 6-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەر ھامىلىدار مەزگىلىدە ئەسلىي ئەمگىكىگە ئۇيغۇنلىشالمىسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ ئىسپاتىغا ئاساسەن، ئۇلارنىڭ ئەمگەك مىقدارىنى ئازايتىشى ياكى ئۇلارنى ئۇيغۇنلىشالايدىغان باشقا ئەمگەككە ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.

   ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ھامىلىدار بولغىنىغا يەتتە ئايدىن ئاشقان ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك ۋاقتىنى ئۇزارتسا ياكى ئۇلارنى كېچىلىك ئىسمېنىدا ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرسا بولمايدۇ ھەمدە ئەمگەك ۋاقتىدا ئۇلارغا بەلگىلىك دەم ئېلىش ۋاقتى ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.

   ھامىلىدار ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئەمگەك ۋاقتى ئىچىدە تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى تەكشۈرۈشنى قىلسا، بۇنىڭغا كېتەرلىك ۋاقىت ئەمگەك ۋاقتىغا كىرگۈزۈلىدۇ.

«ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.