تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   قانۇنچىل شىنجاڭ

ئانار بۇلۇت قانۇندىن ياردەم بېرىش كوللېكتىپى | ۋاكالىتەن ئاپتوموبىل ھەيدەپ بەرگەندە قاتناش ھادىسىسى يۈزبەرسە، سۇغۇرتا شىركىتى تۆلىگەن پۇلىنى تۆلىتىۋالسا بولامدۇ؟

  ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى چيۇ ئەپەندى: مەن ۋاكالىتەن ئاپتوموبىل ھەيدەيدىغان شوپۇر، بىر ئاي بۇرۇن، مەن خېرىدارنىڭ ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ باشقا بىر پىكاپ بىلەن سوقۇلۇپ كېتىپ، خېرىدارنىڭ ئاپتوموبىلىنى زىيانغا ئۇچراتقانىدىم، قاتناش ساقچىسى ئىككى تەرەپنى ئوخشاش جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ، دەپ ھۆكۈم قىلغان. خېرىدار ئاپتوموبىلىنى ئاپتوموبىل زىيىنى سۇغۇرتىسىغا سۇغۇرتىلاتقان، سۇغۇرتا شىركىتىمۇ تۆلەم بەرگەن. لېكىن يېقىندا سۇغۇرتا شىركىتى مېنى ئەرز قىلىپ، مەندىن سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ تۆلەم پۇلىنى قايتۇرۇشۇمنى تەلەپ قىلدى، مەن تۆلەم تۆلىشىم كېرەكمۇ؟

  ئانار بۇلۇت قانۇندىن ياردەم بېرىش كوللېكتىپىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ داچېڭ (ئۈرۈمچى) ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى پەن زېڭياۋ: سىزنىڭ تەسۋىرلىشىڭىزگە ئاساسلانغاندا، سۇغۇرتا شىركىتى سىزنىڭ تۆلەمنى قايتۇرۇشىڭىز توغرىسىدا ئەرز قىلسا، سوت مەھكىمىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمەسلىكى مۇمكىن، سىزنىڭ بۇ تۆلەمنى شەخسىي ئۈستىڭىزگە ئالماسلىق ئېھتىماللىقىڭىز بار.

  سۇغۇرتا شىركىتى ۋاكالىتەن ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچىدىن تۆلەم پۇلىنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىشتا سۇغۇرتا قانۇنىنىڭ 60-ماددىسىدىكى «ئۈچىنچى تەرەپ سۇغۇرتا نىشانىغا زىيان يەتكۈزگەنلىكتىن سۇغۇرتا ھادىسىسى كېلىپ چىقسا، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتىلانغۇچىغا سۇغۇرتا پۇلى تۆلىگەن كۈندىن باشلاپ، تۆلەم سوممىسى دائىرىسىدە سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ ئۈچىنچى تەرەپتىن تۆلەم تەلەپ قىلىش ھوقۇقىنى ۋاكالىتەن يۈرگۈزىدۇ»نى قانۇنى ئاساس قىلغان.

  سىز ۋاكالىتەن ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، يۇقىرىقى ماددا-تارماقلاردا بايان قىلىنغان «ئۈچىنچى شەخس»كە تەۋەمۇ؟ مېنىڭچە تەۋە ئەمەس. ئالدى بىلەن، سىزنىڭ ھەيدەش سالاھىيىتىڭىز بار، ئاندىن خېرىدار (يەنى سۇغۇرتىلاتقۇچى) ئاپتوموبىلنى سىزنىڭ ھەيدىشىڭىزگە تاپشۇرغان، سىز خېرىدار رۇخسەت قىلغان موتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدىگۈچى، سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ دائىرىسىگە تەۋە، سۇغۇرتا نىشانىدىكى سۇغۇرتا مەنپەئەتىدىن بەھرىمەن بولىسىز، سۇغۇرتىلانغۇچى ئەلۋەتتە «ئۈچىنچى شەخس»كە تەۋە ئەمەس، سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ تۆلەم پۇلىنى قايتۇرۇۋېلىش ھوقۇقى يوق. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋال ئاستىدا، سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم مىسالى سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ ۋاكالىتەن ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچى ئۈستىدىن قىلغان ئەرزىنى رەت قىلىدۇ. (ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي يۈنيەن رەتلىگەن)

«شىنجاڭ گېزىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.